شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىنغان كىشى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلىشنى خالىغان كىشى ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال

    ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان كىشىنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇ كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى خالىغان كىشى ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن دۇنياغا ئالاقىدار بولغان ھېچ نەرسىنى مەقسەت قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالا خالىسا ئاللاھ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئاتا قىلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.

    ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم بولسا شەرىئەت بىلىملىرىنىڭ ئەسلى، ئاساسى بولۇپ، ئۇنىڭ يولى كەڭرىدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەنلىرىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى5027-ھەدىس].

    ئەبۇ ئۇمامە باھىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنىدە ئۆز ساھىبىغا شاپائەت قىلىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس].

    لېكىن قۇرئان كەرىمنى ياد قىلغان كىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئەدەپلسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا قۇرئان كەرىم ئۇ كىشىنىڭ پايدىسىغا ئەمەس بەلكى زېيىنىغا ھۆججەت بولىدۇ.

    ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قۇرئان كەرىم سېنىڭ مەنپەئەتىڭ ياكى زېيىنىڭ ئۈچۈن ھۆججەتتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 223-ھەدىس].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەن قۇرئان كىرىم بىلەن ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشساڭ، ئۇلۇغ كىتابنىڭ بىلدۈرگەن خەۋەرلىرىگە ئېشەنسەڭ، بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولساڭ، قۇرئان كەرىمنى ھۆرمەت، ئېھتىرام قىلساڭ، بۇنداق ھالەتتە قۇرئان كەرىم سېنىڭ مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن ھۆججەت بولىدۇ. ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئۆز لايىقىدا ھۆرمەت قىلمىساڭ، ئوقۇش ۋە ئەمەل قىلىشنى تەرك قىلساڭ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىساڭ، ئۇ ۋاقىتتا قۇرئان كەرىم چوقۇم سېنىڭ زېيىنىڭغا ھۆججەت بولىدۇ. [سالىھلار گۈلىستانى 30-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى