جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇقىم مۈلۈك(يەر-زېمىن)نىڭ ھالىتى ۋە ئۇنىڭغا كىلىدىغان زاكاتنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

231858

تارقاتقان ۋاقىت : 09-08-2022

كۆرگۈچىلەر : 883

سۇئال

 كۆچمەس مۈلۈك بولغان يەر-زېمىنغا قانداق ھالەتتە زاكات پەرھىز بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىرقى ۋاقىتتا يەر-زېمىنغا بولغان يۈزلىنىش ۋە راۋاجلىنىش ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، يەر-زېمىننىڭ ھالىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن ئۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان زاكاتنىڭ ھۆكمىمۇ ئوخشىمايدۇ.

    مۇقىم مۈلۈكتىن يەنى يەر-زېمىن ئۆيلەر، قەسىرلەر، ئىمارەتلەر، دۇكانلار، ماي قاچىلاش ئورۇنلىرى، مېھمانخانىلار ۋە ئىستىراھەت قىلىش ئورۇنلىرى قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ.

     يەر-زېمىننىڭ زاكىتى توغرىسىدىكى سۆزنىڭ تەپسىلاتى:

    1-مۇشۇ بابتىكى ئومۇمى قائىدە: ھەقىقەتەن يەر-زېمىن دېگەن زاكات ماللىرىدىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدە ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولمايدۇ، پەقەت ئۇنى تىجارەت مەقسىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرغان بولسا زاكات كېلىدۇ.

    2-ئىنسان يەر-زېمىننى ئۆي قىلىپ ئولتۇرۇش ياكى ئامبار، باغچا دېگەندەك خۇسۇسىي ھاجىتىگە ئىشلەتسە، ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشى بويىچە بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە 224770 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن: بۇ مەسىلىدە، ئىنسان بۇ زېمىننى سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئۆي قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسۇن ياكى سېتىپ ئالغاندىن كىيىن شۇنداق نىيەتكە كەلگەن بولسا، ھەتتا بۇ نىيىتى بىر قانچە يىل داۋاملاشقان بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ نىيىتى ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئوخشاشلا بۇ نىيەت ئۇ زېمىننى ئۆز ئېھتىياجىغا ئىشلىتىدىغان زاكات كەلمەيدىغان مال قىلىپ قويىدۇ.

    3-تېرىلغۇ يەرگىمۇ زاكات كەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن زاكات پەقەت تېرىغان زىرائەت ۋە مېۋىلەرگە بولىدۇ.

    ئەمما زېمىننى سېتىۋالغاندا تىجارەت نىيىتى بىلەن سېتىۋالغان بولسا، زېمىننى سېتىپ بولغىچە يەرگە زىرائەت تېرىغان ۋە خورما تىككەن بولسا، خورما مېۋە بەرسە ۋە زىرائەت ئۈنسە، ئۇ كىشى مېۋىنىڭ ۋە داننىڭ زاكىتىنى ئوندىن بىرنى ئايرىيدۇ، يەرنىڭ زاكىتىنى قىممىتىنى ھېسابلاپ ئىككى يىرىم پىرسەنتىدىن بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىسى پەرىز بولۇش سەۋەبى ئوخشىمايدىغان ئىككى ھەق بولۇپ، بىرىنىڭ ھەققى يەنە بىرى بىلەن چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

    زەكەرىيا ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: "تىجارەت نىيىتى بىلەن سېتىۋالغان زېمىنغا زىرائەت تېرىغان بولسا، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم ھۆكمى بولىدۇ: يەردىن چىققان نەرسىگە ئۆشۈر كېلىدۇ، زىرائەت تېرىغان زېمىنغا تىجارەتنىڭ زاكىتى كېلىدۇ". ["ئەسنەل مەتالىب" 1-توم 385-بەت].

    4-ئىنسان پايدىلىنىش ياكى تىجارەت قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىمدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئىگە بولغان زېمىننىڭ قىممىتىگە زاكات كەلمەيدۇ، لېكىن يەردىن كىرگەن كىرىمگە بىر يىل توشقاندا زاكات كېلىدۇ.

     تۇرالغۇ جايلار، ئامبارلار، ئىجارىگە بېرىدىغان ئۆيلەر، مېھمانخانىلار، قەۋەتلىك بىنا قاتارلىق ئورۇنلار تىجارەت ئۈچۈن تەييارلانغان بولسا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە ياكى قىممىتىگە زاكات كەلمەيدۇ پەقەت كىرگەن كىرىمىگە يىل توشقاندا زاكات كېلىدۇ.

   5-ئىنسان تىجارەت نىيىتى بىلەن ئىگە بولغان زېمىن بولسا، بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا بۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ، تىجارەت نىيىتىدىن بولغان مەقسەت: مۇشۇ زېمىنغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق مال كەسىپ قىلىش ۋە پايدا ئىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

    مىرداۋى مۇنداق دەيدۇ: "تىجارەت نىيىتى دېگەن: ئۇنىڭ بىلەن كەسىپ قىلىش ۋە پۇلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ". ["ئەل ئىنساپ" 3-توم154-بەت].

    ئەمما سېتىشنى مەقسەت قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئۇ زېمىننى تىجارەت مېلى قىلىۋەتمەيدۇ، چۈنكى بىر مالنى سېتىشنىڭ نۇرغۇن مەقسەتلىرى بولىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۇ مالنى قۇتۇلۇش ئۈچۈن ساتىدۇ، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقماي ساتىدۇ، بەزى كىشىلەر قىيىنچىلىق ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ساتىدۇ، ئەمما تىجارەت دېگەن: كەسىپ قىلىش ۋە پايدا ئىلىشى مەقسەت قىلىپ سېتىشتۇر.

    بىر كىشى شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاغا: ئەگەر بىر كىشىنىڭ زېمىنى بولۇپ، ئۇ زېمىننى سېتىۋالغاندا، ئۇنىڭغا ئىمارەت سىلىشنى مەقسەت قىلغان، كېيىن ئۇ كىشى بۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ ئۇ يەرنى سېتىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ياكى بىر كىشىنىڭ زېمىنى بولۇپ، مالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قىلىپ، زېمىننىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى سېتىپ ئېھتىياجىغا سەرپ قىلماقچى بولسا قانداق قىلىدۇ؟، دېگەندە، شەيخ مۇنداق دېگەن: "بۇ كىشىگىمۇ ۋە ئىلگىرىكى كىشىگىمۇ زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىلەر بۇ زېمىننى تىجارەت نىيىتى بىلەن سېتىشنى مەقسەت قىلمىدى، بىرىنچى كىشى ھاجىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ساتماقچى بولدى، ئىككىنچى كىشى زېمىننىڭ پۇلىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ساتتى، بۇ تىجارەت ئۈچۈن مال توپلىغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى پايدا ئالىدىغان پۇرسەتنى كۈتىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نېيىتى ئەسلىدىلا تىجارەت قىلىشتىن ئىبارەت". ["پەتھى زىل جەلال" 6-توم 173-بەت].

   6- زېمىنغا ئىگە بولغان ۋاقىتتا كەسكىن تىجارەت نىيىتى بولمىسا، ياكى نىيىتى ئېنىق بولمىسا ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ.

    قۇراپىي مۇنداق دەيدۇ: "زېمىننى سېتىۋالغاندا ئۇ كىشىنىڭ بىرەر مەقسىتى يوق، پەقەت ھاجەت ئۈچۈن بولسا، بۇ زېمىندىكى ئەسلى مەقسەتتۇر. ["ئەززەخىرە"3/18].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللادىن: بىر كىشىنىڭ زېمىنى بولۇپ، ئۇنى قانداق قىلىش توغرىسىدا ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمىگەن، سېتىش كېرەكمۇ ياكى گۈللەندۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئىجارىگە بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى ئۆي قىلىپ ئولتۇرۇشى كېرەكمۇ بۇنى بىلمەيدۇ، بۇ كىشى يىل توشقاندا بۇ يەرنىڭ زاكىتىنى بېرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "ئۇ كىشىنىڭ بۇ زېمىندا كەسكىن تىجارەت قىلىش مەقسىتى بولمىسا بۇ زېمىنغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىككىلىنىپ تۇرغان، مەقسىتى ئېنىق بولمىغان نەرسىگە يۈزدە بىر پىرسەنتمۇ زاكات كەلمەيدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 232-بەت].

    7-زېمىنغا بىر نەرسە تېرىش ۋە تۇرالغۇ قىلىش مەقسىتىدە ئىگە بولۇپ، كىيىن تىجارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭدا زاكاتنىڭ پەرىز بولىشى توغرىسىدا ئىختىلاپ بار.

    8-زېمىنغا تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئىگە بولغان بولسا، كىيىن مەقسىتىنى ئۆزگەرتىپ ئۇ يەرگە بىر نەرسە تېرىشنى، باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنى ياكى ئىجارىگە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى نىيەتنىڭ شەرتى يىل توشقانغا قەدەر ئۆزگەرمەسلىك، ئەگەر يىل توشۇشتىن بۇرۇن نىيىتىنى-مەقسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، ئۇنىڭدىن زاكات ساقىت بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزىنىڭ يېنىدىكى تىجارەت ماللىرىنى تىجارەتتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بۇ مال تىجارەت مىلى بولمايدۇ-يەنى بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ-. ["ئەل مەجمۇئ" 6-توم 49-بەت].

    9-ئەگەر زېمىنغا تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە باشقا ئىشقا ئىشلىتىش مەقسىتىدە ئىگە بولغان بولسا، ئەسلى مەقسىتى نېمە بولسا شۇ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

    ئىنسان بىر مالغا ئۇنى ئىشلىتىش مەقسىتىدە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا پايدا چىقىپ قالسا سېتىپ پايدا ئالىمەن دېگەننىمۇ مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ مالغا زاكات كەلمەيدۇ. (بۇ يەردە مالدىن زېمىن مەقسەت قىلىنىدۇ).

    ئىنسان بىر مالغا تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە ئىگە بولۇپ، ئۇنى ساتقۇچە بولغان ۋاقىتتا ئىشلىتىپ پايدىلانغان بولسا، ئۇنى ساتقان ۋاقىتقا قەدەر ھەر يىلدا ئۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ.

    شۇنىڭدەك ئۇ زېمىننى سېتىشتىن ئىلگىرى مەلۇم مۇددەت ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۇ زېمىنغا زاكات كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپكى ئىشلىتىپ پايدىلىنىش دېگەن مەقسىتى پايدا ئىلىش ئۈچۈن تىجارەتنى كۈزەتكەنلىكىگە زىت كەلمەيدۇ.

    10-ئەگەر زېمىن تىجارەت ئۈچۈن قۇرۇلۇش سېلىش، بىنا سېلىش باسقۇچىدا بولسا، بۇ زېمىن سېتىشقا ئىلان قىلىنىپ شۇ ۋاقىتتا سېتىلسۇن ياكى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كىيىن سېتىلسۇن بۇنىڭغا زاكات كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن بېرىدىغان زاكات زېمىننىڭ قىممىتى زاكات پەرىز بولغان ۋاقىتتىكى ھالىتى بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. 

   11- ئىگىسى باھاسى ئۆرلىگەندە ساتىمەن دەپ باھانىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان زېمىن بولسا، ئۇ زېمىن سېتىلماي بىر قانچە يىل تۇرۇپ قالسىمۇ، ھەر يىلى زاكات بېرىدىغان ۋاقىتتا شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتى بويىچە زاكات بېرىلىدۇ.

     زېمىننى كېينكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن پايدا ئىلىش مەقسىتىدە سېتىۋېلىش ئۇنىڭغا ھەر يىلى كىلىدىغان زاكاتنى چۈشۈرۋېتەلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش يىراق كەلگۈسىدە ئولتۇراق مەھەللە ياكى رايون قۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان شەھەرگە يىراق بولغان زېمىن بولۇپ، ئۇنى سېتىۋالغۇچى كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئۆي سېلىشى ۋە بۇ يەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈۋاتقان بولسا، كەلگۈسىدە سېتىپ پايدا ئالىمەن دېگەن بۇ مەقسەت بۇ زېمىندىن زاكات ئىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇشۇ زېمىندىن پايدا ئىلىشى كۈتۈپ تۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن، سېتىش مەقسىتىنىڭ بولىشى(مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بولسىمۇ) بۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بۇنى ئالىملار: پايدىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان تىجارەت" دەپ ئاتايدۇ، بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش بولسا، بۇ زېمىنغا ھەر يىلى زاكات پەرىز بولىدۇ دېگەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    12- ئەگەر ئۆز ئىقتىسادنى ساقلاپ قىلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان زېمىن بولسا، ئۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، ئەمما بۇنى زاكات بېرىشتىن قېچىپ قىلغان بولسا، زاكات كېلىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى ئىلگىرى 231857- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    13- بىر زېمىننى تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان بولسىمۇ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالماي، ئۇنى سېتىۋالغان مالغا يىل توشقان بولسا، ئۇ مالغا زاكات كېلىدۇ، چۈنكى زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى سودىنى قىلىش بىلەن يۆتكىگىلى بولىدۇ، سېتىۋالغان كىشى ھەر ۋاقىت زېمىننى تاپشۇرۇپ ئىلىشقا قادىر بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بىر كىشى مەلۇم زېمىننى تىجارەتكە سىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە زېمىننى ۋە زېمىننىڭ يەر خىتىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالمىدى، ئۇ كىشى مۇشۇ زېمىننىڭ زاكىتىنى بېرەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: "گەرچە ئۇ كىشىنى يەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بولغان يەر خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىمۇ  سودا پۈتكەن بولسا، ئۇ كىشىگە تىجارەتكە سىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان زېمىننىڭ زاكىتىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، زاكات پەرىز بولغان ۋاقىتتا يەرنىڭ قىممىتىنى بېكىتىپ يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنتىدىن زاكات بېرىدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 18-توم 234-بەت].

   14-گۆرۈگە قويۇلغان زېمىنلار ئەگەر تىجارەت ئۈچۈن تەييارلانغان بولسا ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سىز بىر زېمىننى تىجارەتكە تەييار قىلىپ ئۇنى گۆرۈگە قويغان بولسىڭىز ئۇ زېمىنغا زاكات كېلىدۇ، ئەمما تىجارەتكە تەييار قىلىنماي گۆرۈگە قويۇلغان بولسا، ئۇ زېمىن گۆرۈگە ئالغۇچىنىڭ ھەققىنى ئۆتىگەنگە قەدەر گۆرەدە قالىدۇ، قايتۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ياكى ئۆي قىلىش ئۈچۈن ياكى تىجارەت ئۈچۈن بولىدۇ، بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 15-توم 43-بەت. بۇ ھەقتە 99311- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    15-شېرىكلەر ئارىسىدىكى ئورتاق زېمىن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھەر بىرىنىڭ نېسىۋىسى زاكات ئۆلچىمىگە ھەر بىر شېرىك ئۆز يېرىنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىدۇ.

    شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد مۇنداق دەيدۇ: "شېرىكلەر ئارىسىدىكى ئورتاق زېمىن بولسا ئۇنىڭدا زاكاتنىڭ پەرىز بولىشى ھەر بىر شېرىكىنىڭ زېمىندىن زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك نېسىۋىسى بولىشى ياكى باشقا زاكات بېرىدىغان تىجارەت ماللىرىغا قېتىلىپ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى شەرت قىلىنىدۇ". ["زېمىننىڭ زاكىتى توغرىسىدىكى پەتىۋا"12 –بەت].

    ھەقىقەتەن ئىلگىرى 147855- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا شافىئىي مەزھىپىنىڭ: زاكاتتا ھەر بىر مالنىڭ ئۆلچىمى ئايرىم ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ بەلكى ئومۇمى مالنىڭ ئۆلچىمى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ دېگەن قائىدىسىنى بايان قىلدۇق، ئەگەر زېمىننىڭ قىممىتى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن، گەرچە ھەر بىر شېرىكىنىڭ ھەققى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆز نېسىۋىسى بويىچە زاكات بېرىش كېرەك بولىدۇ.

    ئىسلام پىقھى ئاكادىمېسىيمۇ بۇ قاراشنى تۇتتى ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشقا مايىل بولىدى.

    16-پەقىر-مىسكىنلەردىن ئىبارەت ئومۇمغا ئىشلىتىش ئۈچۈن خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا ۋەخپە قىلىنغان زېمىنغا  ئۇنىڭدا خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن زاكات كەلمەيدۇ. 99694- ۋە 118309 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   17- ساتسا پۇلغا يارايدىغان ھەر قانداق زېمىن بولسا يەنى تىز سېتىلىدىغان ياكى تەستە سېتىلىدىغان ئۇنىڭغا ئوخشاشلا زاكات كېلىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر، تىجارەت ماللىرىغا ئۇنىڭغا زاكاتنى پەرىز قىلىش ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان ئىبرەت ئۇ مالنىڭ پۇلغا ئوخشاش كۆپىيىشنى كۈتۈۋاتقان مال بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئۇ مال ئەمەلىيەتتە كۆپەيسۇن ياكى كۆپەيمىسۇن، پايدا ئالسۇن ياكى زىيان تارتسۇن ئوخشاش.

     زاكات بابىدا، مالنىڭ بازاردا ھەقىقى قىممىتى بولىدىكەن، ئۇ مالنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش مۇمكىن بولىدىكەن، ئۇ مالنىڭ كاسات بولۇپ قالغانلىقىنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.

    "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 8-توم 102-بەتتە: "سېتىش ئۈچۈن بازارغا سېلىنغان زېمىنغا ھەر يىلى يىل توشقاندا زاكات پەرىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ زېمىن تىجارەت ماللىرىدىن بولدى، يىلنىڭ بېشىدا ئۇنىڭ قىممىتى باھالىنىپ پايدا چىقسۇن ياكى زىيان چىقسۇن سېتىش ئۈچۈن ياكى تىجارەت ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسىگە زاكات كەلدى دېگەن دەلىلگە ئاساسەن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات ئايرىلىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز، ئال شەيخ، شەيخ پەۋزان ۋە ئابدۇللاھ غۇدەييان قاتارلىقلار"].

    شەيخ ئابدۇرەھمان بەرراك مۇنداق دەيدۇ: "زېمىننىڭ سېتىلماي كاسات بولۇپ قىلىشى زاكاتنى چۈشۈرۈۋېتىشكە تەسىرى بولمايدۇ، بەلكى ئايرىيدىغان زاكاتنىڭ مىقدارى كېمىيىدۇ، چۈنكى كاسات زېمىن باھاسى ھەر قانچە چۈشۈپ كەتسىمۇ ئەسلى سېتىۋالغان باھاسىدا قالىدۇ". لېكىن ھەقىقى كاساتلىشىش دېگەن: زېمىننىڭ ئىگىسى زېمىننى ساتىمەن دەپ بازارغا سالسا ئۇنى سېتىۋالىدىغان ئادەم چىقمىسا بۇ كاسات زېمىن دېيىلىدۇ. بەزى ئالىملار بۇنداق زېمىن سېتىلغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى ئايرىۋەتسە بولىدۇ دەيدۇ. 

    18-ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ زېمىنىغا تىجارەت ماللىرىغا زاكات كەلگەندەك زاكات كېلىدۇ، چۈنكى ئۆي-مۈلۈك شىركىتى دېگەن زېمىننى تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە سېتىۋالىدۇ.

    ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە پاي قوشقانلار يىل ئاخىرىدا قوشقان پاينىڭ قىممىتىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭدىن يۈزدە ئىككى يېرىم پىرسەنت زاكات ئايرىيدۇ. 

   19-قەرىز سەۋەبىدىن پېچەتلەنگەن زېمىن ۋە توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ زېمىنىغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ زېمىنلار قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان مال-مۈلۈكنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار ئۈچۈن پىلان-لاھىيىدە چەكلىمە قويۇلغان زېمىنلارغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بۇ زېمىننى ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەن، پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇ زېمىننى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىپ ئەسلى ئىگىسى ئۇنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندىن باشلاپ ھېسابلاپ يىل توشقاندا ئۇنىڭغا زاكات بېرىدۇ". ["زاكات توغرىسىدىكى يېڭى مەسىلىلەر" 87-بەت].

     شۇنىڭدەك، توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ زېمىنىغا زاكات كەلمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا توسالغۇنىڭ سەۋەبى پايغا ۋە شىركەت رەھبەرلىكىنىڭ ھېسىسىگە قايتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ سىستېمىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەب بولىدۇ، ياكى زېمىننىڭ دەۋاگەرى بولغانلىقى ياكى ئۇ زېمىننىڭ باشقا ئىگىسى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ، ھەر قانداق ھالەتتە ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمايدىغان زېمىنغا زاكات كەلمەيدۇ. 143816- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    20- يىل توشقاندا يەرنىڭ قىممىتى شۇ ۋاقىتتىكى قىممىتى بويىچە باھالىنىدۇ، بۇنىڭدا زېمىننىڭ باھاسى ياكى زىيادە بولىدۇ ياكى ئەسلى قىممىتىدىن كېمىيىدۇ.

    21- يىل توشقاندىكى ھېساب زېمىننى سېتىۋالغان ۋاقىتتىن باشلانمايدۇ، بەلكى ئۇنى سېتىۋالغان مالغا يىل توشقاندىن باشلىنىدۇ. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى