پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەيزدار قىز-خانىملارنىڭ مىيقاتتىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئۆمرە ھەجنى مەقسەت قىلىپ ماڭغان ئېدىم، يولدا ھەيزدار بولۇپ قىلىپ بەلگىلەنگەن ئورۇندىن ئېھرامغا كىرمەي ئۆتۈپ كەتتىم، مەككىدە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن مەككىدە ئېھرام كىيىپ ئۆمرە قىلدىم، بۇ قىلغىنىم توغرا بولاپتىمۇ ياكى خاتامۇ؟ مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئۆمرىنى مەقسەت قىلغان قىز-خانىملارنىڭ ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (گەرچە ھەيزدار بولغان ھالەتتىمۇ) ئېھرامسىز ئۆتۈپ كىتىشى توغرا بولمايدۇ، ھەيزدار بولسمۇ ئېھرامنى مەقسەت قىلىپ تەلبىيە ئېيتسا توغرا بولىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى: ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەجنى مەقسەت قىلىپ مەدىنىدىن چېقىپ ئېھرام كېيىشنى مەقسەت قىلىپ زۇلھۇلەيپە دېگەن جايغا چۈشكەندە تۇغدى، ۋە ئۆزىنىڭ ئەمدى نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بۇنى سورىغىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يۇيۇنۇپ، نىپاس كېلىدىغان ئورۇنغا بىر نەرسە قويۇپ، ئورۇنۇپ ئېھرامغا كىرسۇن دېدى.

    ھەيزنىڭ قېنى نىپاسنىڭ قېنىغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەيزدار ئايالغا دەيمىزكى: سىز ھەج ياكى ئۆمرىنى مەقسەت قىلسىڭىز، ئېھرام كىيىش بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كەلگەندە، يۇيۇنۇپ ياخشى ئورۇنۇپ، نىپاس كېلىدىغان ئورۇنغا بىر نەرسە قويۇپ ئېھرامغا كېرىڭ"، لېكىن سىز مەككىگە يىتىپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا، ھەيزدىن پاك بولمىغۇچە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھقا بارمايسىز، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆمرىگە ئېھرام كىيىپ كېلىپ مەككىگە ئاز قالغاندا ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا: بەيتۇللاھقا بېرىپ كەبىنى تاۋاپ قىلماستىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھاجىلار قىلىدىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەبىنى تاۋاپ قىلىڭ دېگەن. [بۇخارى  ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

     بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ، ساپا-مەرۋىدە سەئيى قىلغان، بۇ ھەدىس شۇنىڭغا دەلىل بولىدۇكى، ئايال كىشى ھەيزدار ھالەتتە ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن بولسا ياكى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ ئايال بۇ ھالەتتە تاۋاپمۇ قىلمايدۇ ۋە ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيىمۇ قىلمايدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ تاۋاپ ۋە سەئيى قىلىدۇ، ئەمما پاك ھالەتتە تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ قالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەيز كېلىپ تۇرسىمۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ، چېچىنى قىسقارتىپ ئۆمرە پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش ئۈچۈن تاھارەت ئىلىپ پاكىزە بولۇش شەرت قىلىنمايدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "ھەيز توغرسىدا 60 سوئال"