يەكشەنبە 24 زۇل ھەججە 1445 - 30 ئىيۇن 2024
Uygur

سۈننەت نامازلارنىڭ رەكئەت سانى قانچە؟ سۈننەت نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇسىمۇ بولامدۇ؟

سۇئال

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ كىتابىدا كەلتۈرگەن ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت ناماز ئادا قىلغان» دەيدۇ. مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغانلىرى نامازنىڭ ئالدى-كەينىدە ئادا قىلىنىدىغان سۈننەتلەرمۇ؟، ئەگەر شۇ سۈننەتلەردىن بولسا بۇنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلسىمۇ بولامدۇ؟، باشقا نەپلە نامازلارغا قېتىپ نىيەتنى بىرگە قىلىپ ئادا قىلسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر توغرا قاراشقا كۆرە ئون ئىككى رەكەت بولۇپ، بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى سالام بىلەن تۆت رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: تەكىتلەنگەن سۈننەتلەرنىڭ رەكەت سانى.

   ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر ئون رەكەت دەپ بايان قىلىنغان، توغرا قاراشتا ئون ئىككى رەكەت دەپ كەلگەن. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئون ئىككى رەكەت دەپ: پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكەت دەپ بايان قىلىنغان.

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەكىتلەنگەن سۈننەت ئون ئىككى رەكەت، بەزى ئالىملار ئون رەكەت دېگەن، لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ نامازلارنىڭ ئون ئىككى رەكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت دەپ بايان قىلىنغان".

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت سۈننەتنى تەرك قىلمايتتى».

   ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئون رەكەت دېگەن ھەدىس ئىسپاتلانغان، ئۇنىڭدا پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت دەپ كەلگەن، لېكىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا تۆت رەكەت دەپ ئېسىدە تۇتقان، قائىدە بويۇنچە ئېسىدە تۇتقان كىشىنىڭ سۆزى ئېسىدە تۇتمىغان كىشىنىڭ ھۆججىتىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەكىتلەنگەن سۈننەتنىڭ ئون ئىككى رەكەت ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

   بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى سالام بىلەن تۆت رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت.

["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 281-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاپتۇر ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم» دېگەن ھەدىسىگە كۆرە سۈننەت نامازلارنى ئون رەكەت قىلدى. بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئىككى قاراشنىڭ بىرىدۇر.

   بۇ مەسىلىدىكى ئىككىنچى قاراش بولسا: تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر ئون ئىككى رەكەتتۇر، بۇنىڭ دەلىلى بولسا ئىمام بۇخارى سەھىھ كىتابىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت سۈننەتنى تەرك قىلمايتتى» دېگەن ھەدىستۇر.

   يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «كىمكى ھەر كۈنى پەرز نامازدىن باشقا ئون ئىككى رەكەت سۈننەت نامازنى ئادا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە بۇنىڭ بىلەن جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ». بۇ ھەدىستە پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت دەپ كەلگەن، قالغانلىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشايدۇ.

   شۇنىڭغا ئاساسەن، توغرا قاراش: "تەكىتلەنگەن سۈننەت ئون ئىككى رەكەت، بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت، پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى سالام بىلەن تۆت رەكەت، پەرزدىن كېيىن ئىككى رەكەت، شام نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئىككى رەكەت". ["شەرھىل مۇمتىئ"4-توم 68-بەت].

    شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "داۋىدى مۇنداق دېگەن: ئىبنى ئۆمەرنىڭ ھەدىسىدە پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكەت دەپ كەلگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە پېشىننىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكەت دەپ كەلگەن، بۇ ئىككەيلەننىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرىنى سۈپەتلىگەن، بەلكىم ئىبنى ئۆمەر تۆت رەكەتتىن ئىككى رەكەتنى ئۇنتۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئېھتىماللىقتىن بەك يىراق، ئەڭ ياخشىسى بۇنى ئىككى ھالەتكە قارىتىش كېرەك، بەزىدە تۆت رەكەت يەنە بەزىدە ئىككى رەكەت ئوقۇغان".

   مەسچىتتە ئىككى رەكەت، ئۆيدە ئوقۇغاندا تۆت رەكەت ئوقۇغان دېگەنلەرمۇ بار، بەلكى ئۆيدە ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ، مەسچىتتە يەنە ئىككى رەكەتنى ئوقۇغانلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئىبنى ئۆمەر مەسچىتتە ئوقۇغاننى كۆرگەن، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەر ئىككىسىنى كۆرگەن دېگەن ئېھتىماللىقمۇ بار.

    مەسچىتتە ئىككى رەكەت، ئۆيدە ئوقۇغاندا تۆت رەكەت ئوقۇغان دېگەن قاراشنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان ھەدىس كۈچلاندۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيىدە پېشىننىڭ پەرىزدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت سۈننەت ئوقۇپ ئاندىن مەسچىتكە چىقاتتى».

    ئىمام ئەبۇ جەپەر تاھاۋىي مۇنداق دەيدۇ: "كۆپ ۋاقىتلاردا تۆت رەكەت، ئاز ۋاقىتلاردا ئىككى رەكەت ئوقۇغان. ["نەيلىل ئەۋتار" 3-توم 21-بەت].

   شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئابباد مۇنداق دەيدۇ: "ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى سان جەھەتتىن ئوخشاشتۇر. تەكىتلەنگەن سۈننەت پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكەت بولىدۇ، ئىبنى ئۆمەرنىڭ ھەدىسى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ تەكىتلەنگەن سۈننەت پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت بايان قىلىنغان. شەكسىز كامىل ۋە ئەۋزەلنى قىلىش لايىقتۇر. ئۇ بولسىمۇ تۆت رەكەتتىن ئىبارەتتۇر، ئىككى رەكەتنى ئادا قىلغان بولسا ئۇمۇ توغرا بولىدۇ بۇنىڭدا خاتالىق يوق". ["شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"].

   ئىككىنچىسى: جۈمەدىن كېيىن ئىككى رەكەت.

   ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى جۈمەدىن كېيىن ئىككى رەكەت سۈننەت دېگەن ئۇ ھەر كۈنى تەكرارلىنىدىغان تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇستەقىل بىر سۈننەت بولۇپ يۇقىرىدا ئىبنى ئۆمەردىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى سۈننەتلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ".

   سەنئانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئون رەكەت دېگەن سۆز ھەر كۈنىدە تەكرارلىنىدىغانلىقىغا قارىتا بولىدۇ". ["سۇبۇلۇس سالام" 1-توم 316-بەت]. 

    شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى سۇھەيم مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى ئۆمەرنىڭ ھەدىسىدە جۈمەدىن كېيىنكى ئىككى رەكەت ناماز زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى ئوقۇلىدىغان تەكىتلەنگەن سۈننەتلەردىن ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇ مۇستەقىل بىر نامازدۇر". ["شەرھىل ئۇمدە" 1-توم 209-بەت].

   ئۈچىنچى: نەپلە نامازلارنى جامائەت بولۇپ ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى.

   ئەسلىدە نەپلە نامازلار ۋە تەكىتلەنگەن سۈننەت نامازلار يالغۇز ئادا قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن جامائەت بىلەن ئادا قىلىنىدىغان تەراۋىھ نامىزى ۋە كۈن تۇتۇلۇش نامىزى قاتارلىق نامازلار ئايرىۋېلىنىدۇ. لېكىن بۇ نەپلە نامازلارنى بەزى ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ ئوقۇپ قالسا، ياكى شۇنداق قىلىشقا بىر زۈرۈرەت بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا جامائەت بولۇپ ئادا قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇنداق قىلىشنى دائىملىق ئادەت قىلىۋالماسلىق ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭغا جۇغلىشىدىغان قىلماسلىق لازىم. 

    تۆتىنچى: خۇپتەننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتى بىلەن كېچىلىك نامازنى جۇغلاپ بىر نىيەت بىلەن ئادا قىلىشنىڭ ھۆكمى.

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن خۇپتەننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى كېچىلىك ناماز بىلەن بىر نىيەت قىلىپ ئادا قىلغانلىقنىڭ مەنىسى چىقمايدۇ، بەلكىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇپتەننىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن كېچىلىك ناماز ئادا قىلغان بولسا راۋى ئۇنى زىكىر قىلمىغان، خۇددى ۋىتىر نامىزىنى زىكىر قىلمىغانغا ئوخشاش.

   راۋىينىڭ بۇنىڭ بىلەن كېچە نامىزىنى خاس قىلغانلىق ئېھتىماللىقىمۇ بار.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

 -مەنبەلەر.

1-شەيخ ئىبنى بازنىڭ "نۇرۇن ئەلەددەربى پىراگرامىسى" 900 يۈز قىسىم.

2-"پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 281-بەت.

3-"شەرھىل مۇمتىئ" 4-توم 68-بەت.

4-"نىيلىل ئەۋتار" 3-توم 21-بەت.

5-شەرھى سۈنەن ئەبۇ داۋۇد.

6-"سۇبۇلۇس سالام" 1-توم 316-بەت.

7- "شەرھىل ئۇمدە" 1-توم 209-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى