شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇربانلىق ئۇلاغنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسا بولامدۇ؟

سۇئال

ئوڭ قولى بىلەن مال بوغۇزلاشقا قادىر بولالمىسا سول قولى بىلەن بوغۇزلىسىمۇ دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە قۇربانلىق ئۇلاغنى ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاش ياخشى دېيىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق ھايۋانغىمۇ راھەت بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك كىشىلەر قۇربانلىقتا ئوڭ قولىنى ئىستىمال قىلىدۇ.

ئەمما سول قولى بىلەن مال بوغۇزلاش ياخشى بولمىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر سول قولى بىلەن مال بوغۇزلاش چارۋىغانىسبەتەن راھەت بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوڭ قولى بىلەن مال بوغۇزلاشتىن كۆرە سول قولى بىلەن بوغۇزلاش ياخشى بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىق قىلىشتا ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاش شەرت ئەمەس، بەلكى چارۋىنى قايسى قولىدا بوغۇزلاش قولاي بولسا، شۇ قولىدا قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ، قېنى ئېقىتىلغان مالنىڭ گۆشىنى يەڭلار. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. يۇقىرىقى ھەدىستە چارۋىنى ئوڭ قولى بىلەنلا بوغۇزلاشنى قەيت قىلمىغان، شۇنداقتىمۇ ئوڭ قولى بىلەن بوغۇزلاشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى ئوڭ قول كۈچلۈك بولىدۇ، كۈچلۈك بولغاندىن كىيىن چارۋا بوغۇزلىنىش جەريانىدا قىينالمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بوغۇزلانغان مالنى راھەتلەندۈرۈشكە بۇيرىغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە ئېھسان قىلىشنى (يەنى ياخشىلىق قىلىشنى) يازدى، ئەگەر بىر نەرسە ئۆلتۈرسەڭلا چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار، چارۋا بوغۇزلىساڭلار چىرايلىق بوغۇزلاڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار چارۋا بوغۇزلىغاندا پىچىقىنى ئىتتىك قىلسۇن ۋە بۇ ئارقىلىقبوغۇزلىنىدىغان مالنى راھەتلەندۈرسۈن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

مۇشۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن سول قولىدا ئىش قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مالنى ئوڭ قولىدا بوغۇزلىغاندىن سول قولىدا بوغۇزلاش ياخشى دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بوغۇزلىنىدىغان مالنى راھەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: مالنى سول قولى بىلەن بوغۇزلىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مال بوغۇزلاشتا ئوڭ قول بىلەن بوغۇزلاشنى شەرت قىلمىغان. "نۇرۇن ئەلەددەربى" پىروگراممىسىنىڭ بۇ ئۇلىنىشىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ مەسىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پەتىۋا بەرگەن.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 162299 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى