جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قەرزنى ئادا قىلغاندا قەرز بەرگۈچىگە ھەدىيە بېرىش ياكى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   ئەگەر مەن بىر كىشىدىن ئازراق قەرز ئالغان بولسام، قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگەن كىشى مەندىن ئۆزى ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇ نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ كىشى ماڭا سېتىۋالغان نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىدىغان ۋاقىتتا، مەن ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ پۇلىنى بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ پۇلىنى مەن چۈشۈۋەتتىم دېسەم، گەرچە ئۇ كىشىدىن قەرز ئالغان مال ئۇ كىشى ماڭا بېرىدىغان مالدىن ئاز بولغان تەقدىردە توغرابولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەرز دېگەن بىر-بىرىگە ياخشىلىق قىلىش ۋە ياردەم قىلىش كېلىشىمى بولۇپ، قەرز بەرگۈچىگە مەنپەئەتنى شەرت قىلىش ياكى ئۇنىڭ نەپ ئۈندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئالىملار: مەنپەئەتكە ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق قەرزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى.

    سىز سورىغان مەسىلە ئىككى ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى: سىزنىڭ قەرز ئالغان كىشى ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋېلىشىڭىز سىزگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلمىسا ياكى ئۇ كىشىدىن قەرز ئېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋالغان بولسىڭىز بۇ ۋاقىتتا ھېچ گەپ بولمايدۇ، ئەمما بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئىشى قېيىن بولسا، ئادەتتە ئۇنىڭغا ھەق ئالىدىغان ئىش بولسا، قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا بۇنداق ئىش بولمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن بىكارغا بىر نەرسە سېتىۋىلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، بۇ قەرز ئارقىلىق ئۇ كىشىگە مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىك بولىدۇ، بۇ ئىلىگىرى بايان قىلغان جازانىگە ئوخشاشتۇر.

    زادۇل مۇستەنقەئ ناملىق ئەسەردە مۇنداق كەلگەن: " قەرز ئالغان  كىشىگە قەرزنى قايتۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر نەرسە ھەدىيە قىلغان بولسا، ئىلگىرى ئارىسىدا بۇنداق ئىش بولمىغان بولسا، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن قەرز بەرگۈچى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش بىر نەرسە قايتۇرۇشنى ياكى ئۇنىڭ پۇلىنى قەرزدىن چۈشۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ".

    ئىككىنچى: ئەگەر سىز ئۆتەيدىغان قەرزدىن ئارتۇق مالنى ھەدىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولسىڭىز، قەرز ئالغاندا بۇنى شەرت قىلمىغان بولسىڭىز توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر تۆگە ئېلىشى بولۇپ، ئۇ كىشى قەرزنى سۈيلەپ كەلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ كىشىگە قەرزىنى بېرىڭلار دېدى» لېكىن تۆگىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇ كىشىدىن قەرز ئالغان ياشتىكى تۆگە يوق، ئۇنىڭدىن ياخشىراق تۆگە بار ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىراقىنى بېرىڭلار، سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قەرزنى گۈزەل شەكىلدە قايتۇرغان كىشىدۇر» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2393-ھەدىس].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " شەرت قىلماستىن مۇتلەق قەرز بەرگەن بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن قەرزنى مىقداردا، سۈپەتتە ئۇ كىشىدىن ئالغاندىن ياخشىراق ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك شەكىلدە ئادا قىلغان بولسا توغرا بولىدۇ. ئىبنى ئۆمەر، سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ھەسەن بەسەرى، ئىبراھىم نەخەئىي، شەئبىي، زۆھرىي، مەكھۇل، قەتادە، مالىك، شافىئىي ۋە ئىسھاق قاتارلىق ئالىملار بۇنىڭغا رۇخسەت قىلدى.

    چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىدىن بوتۇلاق قەرز ئالغان،  ئۇ كىشىگە ئۇنىڭدىن ياخشىراق چوڭ تۆگىدىن بىرنى قايتۇردى، «ياخشىلىرىڭلار قەرزنى گۈزەل شەكىلدە قايتۇرغان كىشىدۇر» دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

    بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە: «ئېسىللىرىڭلار قەرزنى گۈزەل شەكىلدە قايتۇرغان كىشىدۇر»دېيىلگەن، چۈنكى ئارتۇق بەرگەننى قەرزنىڭ بەدىلىگە قىلمىدى، قەرزگە ۋاسىتە قىلمىدى، قەرزنى تولۇقلاپ ئېلىشقىمۇ ۋاسىتە قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق بەرگىنى ھالال بولدى، بۇ خۇددى قەرز بولمىغان بولسىمۇ قىلغانغا ئوخشاش بولدى.

    بىر كىشى قەرزنى گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلىش بىلەن تونۇشلۇق بولسا، قەرز بەرگۈچىلەر ئۇ كىشىنى مەجبۇر قىلمىغان بولسا توغرا بولىدۇ، قازى مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭدا يەنە بىر يول بار، (بۇنداق قىلىش ئۆچ كۆرۈلىدۇ)، چۈنكى بۇ گۈزەل ئادەت تامانى پەيدا قىلىدۇ، بۇ قاراش توغرا ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەرزنى گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلىش بىلەن تونۇشلۇق تۇرسا، بىر كىشىنىڭ: ئۇ كىشىدىن مەجبۇرى قەرز ئالغان دېيىشى توغرا بولامدۇ؟، قەرزنى گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلىش بىلەن تونۇشلۇق بولغان زات ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەۋزىلىدۇر. كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا، سورىغىنىنى بىرىشكە، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشكە ئەڭ لايىق زات ئېدى، بۇنىڭ مەجبۇرلانغان بولىشى توغرا بولمايدۇ، ھەقىقەتەن شەرت قىلىنغان زىيادە چەكلىنىدۇ". ["ئەلمۇغنى" 4-توم 212-بەت]. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى