پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىبادەت دەلىل بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال

   ئىبادەت توختىتىلغان بولىدۇ دېگەن سۆزدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئالىملارنىڭ ئىبادەت دېگەن توختىتىلغان بولىدۇ ياكى ئىبادەتنىڭ قۇرۇلمىسى توختىتىلغان بولىدۇ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ئىبادەت قۇرئان-ھەدىستىن ئىبارەت بولغان شەرئى تېكىستلەر بىلەن بېكىتىلگەن بولسا بۇ ئاللاھ يولغا قويغان ئىبادەت بولىدۇ دېمەكتۇر.

    ھەر قانداق ئىبادەت شۇنى بىلدۈرىدىغان شەرئى دەلىل بىلەن يولغا قويۇلىدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الْيَوْمَ أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الْإِسْلَامَ دِينًا تەرجىمىسى: «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» [سۈرە مائىدە 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا بىزگە دىننى مۇكەممەل قىلىپ بەردى، ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان نەرسە دىندىن ھېسابلانمايدۇ. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە دوزاختىن يىراقلاشتۇرىدىغان ھەممە نەرسە سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىپ بېرىلدى»، [تەبرانىي "ئەل كەبىير" ناملىق ئەسەر 1647-نومۇرلۇق سوئالدا كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1803-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە بايان قىلىپ بەرمىگەن نەرسە دىندىن ئەمەس، ئۇ ئىشلار بىزنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرالمايدۇ ۋە دوزاختىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەت پرىنسىپلىرىنىڭ بېكىتىشى بىلەن شۇنى بىلىمىزكى، ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ياكى ياخشى كۆرگەن ئىبادەت دېگەن شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن بېكىتىلىنىدۇ، ئەمما ئادەت بولسا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئىشلاردۇر، ئادەتتە چەكلىمە بولمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن بولسا چەكلىمە بولىدۇ، ئاشۇنداق بولىشى: بۇيرۇق-چەكلىمە دېگەن ئاللاھنىڭ پىرىنسىپى، ئىبادەت دېگەن پىرىنسىپ بىلەن بۇيرۇلغان بولىشى كېرەك، ئەگەر پىرىنسىپ بىلەن بۇيرۇلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىبادەت دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟! ئادەتلەردىن شەرئى پىرىنسىپ بىلەن چەكلەنمىگەنلىرى بولسا، ئۇنىڭغا قانداقمۇ چەكلەندى دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟!. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ھەدىسنى چۈشەنگەن ئالىملار شۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەتتىكى ئەسلى پىرىنسىپ دەلىلدە توختاش بولۇپ، ئاللاھ يولغا قويغانلىرى ئىبادەت بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىمىز: أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنْ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ ‏  تەرجىمىسى: « ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟» [سۈرە شۇرا 21-ئايەت].

    ئادەت بولسا ئەسلىدە ئەپۇ قىلىنىدۇ، چەكلەنمەيدۇ، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان-چەكلىگەن نەرسىلەر چەكلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىمىز:قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ لَكُمْ مِنْ رِزْقٍ فَجَعَلْتُمْ مِنْهُ حَرَامًا وَحَلَالًا‏   تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرگە ئاللاھ چۈشۈرگەن رىزىقتىن بەزىسىنى ھارام، بەزىسىنى ھالال قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مۇنداق قىلىشقا ئىزنى بەردىمۇ؟» [سۈرە يۈنۈس 59-ئايەت].

    شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشرىكلاردىن ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان ئىشلارنى دىن دەپ ئېتىقاد قىلغان، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىلەرنى ھارام قىلغانلارنى قاتتىق ئەيىپلىدى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 29-توم 16-17-بەت].

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىبادەت دېگەن شەرئى پىرىنسىپ بىلەن توختىتىلغان بولۇپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇتلەق يولغا قويغانلىرى بولسا يولغا قويۇلىدۇ، مەلۇم بىر ئورۇن ياكى زامانغا ئالاقىدار بولۇپ يولغا قويۇلغانلىرى بولسا، شۇ زامان ۋە ماكانغا ئالاقىدار بولىدۇ". ["مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋا ۋە مەكتۇپلىرى" 6-توم 75-بەت].

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئىتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: " ئىبادەت دېگەن شەرئى پىرىنسىپ بىلەن توختىتىلغان بولۇپ، شەرئى پىرىنسىپسىز بۇ ئىبادەت ئەسلى تەرەپتىن، سانى، ھەيئىتى ۋە ئورۇن جەھەتتىن مۇنداق يولغا قويۇلغان دېيىش توغرا بولمايدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"3-توم 73-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئىبادەتتە ئەسلىدە ھەزەر ۋە چەكلىمە بار، ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان يەنى قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە بېكىتىلمىگەن بىر نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىنسان بىر ئىشنىڭ ئىبادەت ياكى ئىبادەت ئەمەس ئىكەنلىكىدە شەكلىنىپ قالسا، بۇنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىگە دەلىل بىلەن بېكىتىلمىگىچە بۇ ئىش ئىبادەت بولمايدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 1-توم 169-بەت].

    شەيخ سالىھ پەۋزان مۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەت دېگەن قۇرئان-ھەدىس بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ھەر قانداق ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئىبادەتنىڭ تۈرىدە شەرئى پىرىنسىپسىز بىر ئىشنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، ھەر قانداق كىشى ئىبادەتلەردىن ئورۇندا ياكى ۋاقىتتا ياكى سۈپەتلەردە شەرىئەت بېكىتمىگەن بىر ئىشنى ئىبادەت دەپ پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ بىدئەت ھېسابلىنىدۇ". ["شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما" 16-توم 13-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى