شەنبە 23 زۇل ھەججە 1445 - 29 ئىيۇن 2024
Uygur

ئايال ئۈستىدىكى ئابايىسىغا نىجاسەت يۇقۇپ قالسا ئۇنى قانداق پاكىزلاش توغرىسىدا

سۇئال

ساھابە ئاياللار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) كوچىدا ماڭغاندا ئۈستىدىكى تاش كىيىمى ياكى ئابايىلىرى ئۈزۈن بولغانلىقى ئۈچۈن يولدا بىر نەرسىلەر يۇقۇپ پاسكىنا بولۇپ قالغانلىقىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:«يولنىڭ قالغانلىرى ئۇنى پاكىزلايدۇ» دېدى، بىز ھازىرقى ۋاقىتتا كوچىلاردا ماڭساق، نەم پاسكىنا نەرسىلەرنى دەسسەپ ئۆتىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن يولنى تاماملىساق ياكى ماشىنىغا چىقساق، بۇنىڭ بىلەن تاش كىيىمىمىز پاكىز بولامدۇ؟، مېنىڭ سوئالىم: تاش كىيىمنى ياكى ئابايىنى نېمە پاكىزلايدۇ؟ توپىمۇ ياكى پەقەت قۇرۇق يەردىن مېڭىشمۇ؟ ياكى باشقا نەرسىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراش بولغان مەشھۇر مەسىلىدۇر، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئەگەر كىيىمدە ياكى ئاياغدا نىجاسەت تېپىلسا، ئۇنى پاكىزلاش پەقەت سۇ بىلەن بولىدۇ، ھەنەپى ئالىملىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، نىجاسەتنى يوق قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە بۇنىڭدا دۇرۇس بولىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ قاراشقا مۇۋاپىق كەلدى، زامانىمىزدىكى ئۆلىمالار يۇقىرىقى ئىككى قاراشنىڭ ئارىسىنى جۇغلىدى. بۇ توغرا قاراشتۇر.

   ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەۋپنىڭ ئوغلى ئىبراھىمنىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: مېنىڭ تاش كىيىمىمنىڭ (ئابايىمنىڭ) پېشى ئۈزۈن يوللاردا ماڭسام پاسكىنا نەرسىلەر يۇقۇپ قالىدۇ قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغاندا، ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «يولنىڭ قالغانلىرى ئۇنى پاكىزلايدۇ» دېگەن ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى 143-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى383-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 531-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كەلگەندە، ئايىغىغا قاراپ باقسۇن، ئەگەر ئايىغىدا پاسكىنا- مەينەت نەرسىلەرنى كۆرسە، ئۇنى تازىلىۋىتىپ ئۇ ئاياغدا نامازنى ئادا قىلسۇن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 650-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇقۇپ قالغان نىجاسەتلەرنى سۇدىن باشقا نەرسە بىلەنمۇ يوق قىلىشنى بۇيرىغان. 

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسماغا دېگەن سۆزىدە سۇ بىلەن تازىلاشقا بۇيرىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۇنى ئۇلاپ ئاندىن تىرناقتا تاتىلاپ ئاندىن سۇ بىلەن يۇغىن». [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتەش پەرەسنىڭ (مەجۇسىينىڭ) قاچىلىرى توغرىسىدا: « ئۇنى سۇ بىلەن پاكىز چايقاپ يۇيۇڭلار» دېگەن. تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئالىملار سەھىھ ئىسناد بىلەن بايان قىلغان. ئەھلى كىتابلارنىڭ قاچىلىرىنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىغان.

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتكە سېيىپ قويغان سەھرالىق كىشىنىڭ توغرىسىدا: «ئۇنىڭ سۈيدىكىگە سۇ تۆكۇڭلار» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئەييەن ئىشلاردا سۇ بىلەن پاكىزلاشقا بۇيرىغان بولسىمۇ لېكىن ئومۇمى ئىشلاردا نىجاسەتنىڭ ھەممىسىنى سۇ بىلەن پاكىزلاشقا بۇيرۇمىدى.

   بەزى ئورۇنلاردا سۇدىن باشقا نەرسىلەر بىلەن نىجاسەتنى يوق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى، ئۇ ئورۇنلاردىن:

   -تاش بىلەن ئىستىنجا قىلىش.

   -ئاياغنى توپا بىلەن پاكىزلاش.: «ئاندىن ئۇ ئىككى ئاياغنى توپىغا سۈركىۋەتسۇن، ھەقىقەتەن توپا ئۇنى پاكىزلىغۇچىدۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

    -تاش كىيىم ياكى ئابايىنىڭ پېشى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «يولنىڭ قالغانلىرى ئۇنى پاكىزلايدۇ» دېگەن.

    -ئىتلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىگە كېلىپ چوڭ-كېچىك تەرەت قىلىپ قوياتتى، ئاندىن ساھابىلار ئۇنى يۇمايتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

   -پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۈشۈك توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇ سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلارنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ھايۋاندۇر» دېگەن. تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي، ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق ئالىملار سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان. مۈشۈك ئادەتتە ساچقان يەيدىغان بولۇپ ئۇ ۋاقىتتا مۇشۇك ئېغىزىنى يۇيىدىغان ئېقىن سۇلار يوق ئېدى، بەلكى مۈشۈك ئېغىزىنى ئۆزىنىڭ شالى بىلەن تازىلايتتى.

   -ھاراق ئۆزلىگىدىن باشقا ماددىغا ئۆزگەرسە، پاكىز بولىدۇ، بۇنىڭغا ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقتۇر.

   ئىش شۇنداق بولىدىكەن، بۇ مەسىلىدىكى كۈچلۈك قاراش: نىجاسەت قاچان، قايسى ئۇسۇل بىلەن يوق قىلىنسا، ئۇنىڭ نىجىسلىق ھۆكمى يوق بولىدۇ. ھۆكۈم دېگەن ئىللەت-سەۋەپ بېكىتىلگەندە بېكىتىلىدۇ، يوقالغاندا يوق بولىدۇ. لېكىن باشقا ماددىلار تۇرۇپ، ھاجەتسىز ئەھۋالدا يېمەك-ئىچمەكنى نىجاسەتنى يوق قىلىشقا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا مالنى بۇزۇپ-چاچقان بولىدۇ، شۇنىڭدەك يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئىستىنجا قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

   بەزىلەر نىجاسەت پەقەت سۇ بىلەن يوق بولىدۇ دېسە، يەنە بەزىلەر: بۇ ئىبادەت ئىشى قانداق بۇيرۇلغان بولسا شۇنداق قىلىنىدۇ دەيدۇ. ئىش ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن شەرىئەت ساھىبى مەلۇم نەرسىلەرنى سۇ بىلەن پاكىزلاشقا بۇيرىغان، ئۇنىڭغا سۇ بولمىسا بولمايدۇ، بەزى نەرسىلەرنى باشقا نەرسىلەر بىلەن پاكىزلاشقا بۇيرىغان، چۈنكى ئىچىملىك دېگەن مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسە بولۇپ ئۇنى ئورۇنسىز ئورۇنغا ئىشلىتىش ئۇنى بۇزۇپ-چاچقانلىق بولىدۇ،  كىيىمنى يۇيۇش، قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش، نىجاسەت بولغان زېمىننى يۇيۇش قاتارلىق بەزى نەرسىلەردىن نىجاسەتنى سۇ بولمىسا يوق قىلغىلى بولمايدۇ، ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ يېنىدا گۈل سۈيى، سىركە ۋە باشقا سۇيۇقلۇق نەرسىلەر بولغان بولسا: ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇ نەرسىلەرنى بۇزۇپ-چېچىشقا بۇيرىمايتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا بولمىسا قانداقمۇ بۇيرىيدۇ؟!!

   بەزى ئالىملار: سۇدا شۇنداق بىر يېپىشىش، يۇمشاقلىق باركى ئۇ باشقا سۇيۇقلۇق ماددىلاردا تېپىلمايدۇ دەيدۇ، ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى سىركە ۋە گۈل سۈيى قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قاچىلاردا بولغان نىجاسەتلەرنى سۇغا ئوخشاش پاكىزلىيالايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21-توم 474-476-بەتلەر].

   يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەردىن شۇ ئېنىق بولدىكى: ئايالنىڭ تاش كىيىمىنىڭ پەشلىرىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇنىڭدىن كېيىن توپىلىق يولدا ياكى سىمىنۇت يولدا ماڭغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن نىجاسەتنىڭ ئۆزى يوق بولۇپ، كىيىمدە ئۇنىڭ ھېچ ئەسىرى قالمىغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ كىيىمى شۇنىڭ بىلەن پاكىز بولىدۇ، نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۈچۈن سۇ ئىشلىتىش كېرەك بولمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى