سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇ كىشىنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۈتۈش توغرىسىدا

سۇئال

    تالاق قىلىنغان بىر ئايال پەقەت مەلۇم بىركىشى بىلەن توي قىلىشنى خالايدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ ئارزۇسى ئاشۇ كىشى بىلەنلا توي قىلىش ئىكەن، يىللاردىن بىرى ئۇ كىشىنى ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئۇكىشىگە مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ئوچۇق قېلىپ توي قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، لېكىن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر قېيىنچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئايالغا توي تەكلىپى قويۇشقا قادىر بولالماپتۇ، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھېچ بىرى ھېچ بىر ئىش توغرۇلۇق ۋەدە قىلىشماپتۇ، ئايال ئۇ كىشىنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۈتۈشنى قارار قىلىپتۇ، بۇ توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئايال ئەرگە سۆز قىلماپتۇ، ئايالغا بۇ ئىشتا گۇناھ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئايال پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەمىن بولسا، توي قىلىشنى ساقلاپ يىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەمىن بولسا، ئۆزى ياقتۇرىدىغان كىشىنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا توغرا بولىدۇ، لېكىن ئۆزى ئۇ كىشىگە سۆز قىلىشى ياكى ئۇچۇر ئەۋەتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇكىشى ئايالغا نىسبەتەن يات ھېسابلىنىدۇ، بىز بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇ ئايالغا نەسىھەت قىلمىساقمۇ، ئاللاھتىن ياردەم سورىشىنى، ئىشنىڭ ئاسان ۋە ياخشى بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئايال ئۇ كىشىنى ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى،  پەقەت شۇ كىشىلا ماڭا مۇناسىپ كېلىدۇ دەپ قارايدۇ، ئىش ئۇنداق بولماي قالىدۇ، شۇنىڭ ئايال، بولۇپمۇ تالاق قىلنغان ئايال ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلاشقا ئالدىراش، ئۆزىگە توي تەكلىپى قويغان دىندار، ئەخلاقلىق كىشىگە رازى بولۇشى، كۆڭلىنى ۋە ھاياتىنى ئېنىقسىز بولغان بىركىشىگىلا ئالاقىدار قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، توي قىلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۇپ قويىدۇ، باشقا كىشىلەر توي قىلىشنى تەكلىپىنى قويماستىن ئۆمرى بىكار ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەلكى پۇرسەت كەتكەندە ۋە يېشى چوڭايغاندا ئۇ كىشىمۇ توي قىلىشنى رەت قىلىشى مۇمكىن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى