جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بىر-بىرىگە يېقىن ئىككى مەسچىت بولۇپ، ئىككىنچى مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى بەك ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، بۇ ئىككى مەسچىتنىڭ قايسىسىدا ناماز ئوقۇش كېرەك؟

سۇئال

    يۇرتىمىزدا بىر-بىرىگە يېقىن ئىككى مەسچىت بار بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرىدە ناماز ئوقۇيدىغان جامائەت كۆپ، يەنە بىرىدە بولسا جامائەت بەك ئاز، يوق دىيەرلىك بولۇپ، بەزى ۋاقىتلاردا مەسچىت ئېچىلمايدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بۇ ئىككى مەسچىتنىڭ قايسىسىدا ناماش ئوقۇش ياخشى بولىدۇ؟ جامائەت كۆپ بولغان مەسچىتتە ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى جامائەت ئاز بولغان مەسچىتنى گۈللەندۈرۈش كېرەكمۇ؟. يەنە بىر مەسىلە: جامائەت كۆپ مەسچىتنىڭ ئىمامى كىيىمنى بەك ئۈزۈن كىيىدۇ، سۈننەتكە بەك رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يەنە بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى مەلۇم جەھەتتىن بولسىمۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىدۇ، بىز قايسى مەسچىتتە ناماز ئوقۇساق ياخشى بولىدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بىر مەھەللىدە بىر قانچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مەسچىتنىڭ بولىشى ياخشىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر، بۇ كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرىمىز:

    1-مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مەسچىتلەر بەك يېقىن سېلىنماسلىقى كېرەك، بۇنداق قىلىش بەزى ۋاقىتتا ئىسراپچىلىق ۋە مەن-مەنلىككە ئىلىپ بارىدۇ، ئۇ مەسچىتلەرنىڭ بەزىسى بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇيدىغان جامائەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن تاقىلىپ قالىدۇ.

   2-ھەر ئىككى مەسچىتتە تەڭلا جۈمە نامىزى ئوقۇماستىن، بەلكى ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەسچىتكە جۇغلىنىشى ئۈچۈن ئىككىسىدىن چوڭراقىدا ئوقۇلىدۇ.

   3- ناماز ئادا قىلغۇچىلارغا يېتەرلىك مەسچىت بولغان مەھەللىگە يېڭىدىن مەسچىت ياسىماستىن بەلكى مەسچىت بولمىغان مەھەللىلەرگە مەسچىت سىلىش ياخشىدۇر.

    ئىككىنچى:  سوئالدا بايان قىلىنغانغا كۆرە، بىزنىڭ قارىشىمىزچە بىرىنچى مەسچىتتە ناماز ئادا قىلىش بىر قانچە جەھەتتىن ياخشىدۇر:

   1-مۇسۇلمانلارنىڭ بىر مەسچىتكە توپلىنىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يېقىنلىق-بىرلىكنى روياپقا چىقىرىدۇ، ئۆزئارا ئالاقىسىنى ئاشۇرىدۇ، مۇناسىۋىتىنى ياخشىلايدۇ، كېسەللىرىنى يوقلايدۇ، كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىدۇ، ۋاپات بولغانلارنى دەپنە قىلىدۇ ۋە ئائىلىسىگە تەزىيە بېرىدۇ.

     2-جامائەتلەرنىڭ بىر قانچە مەسچىتكە بۆلۈنۈپ كەتمەستىن، پەقەت بىر مەسچىتتە توپلىنىپ نامازنى ئادا قىلىشى ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە ۋەز-نەسىھەت ئىلىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر، مەسچىتكە بىرەر ئالىم ياكى ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچى كەلسە، جامائەتنىڭ ھەممىسى بىر ئورۇنغا توپلانسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئارتۇقچە پايدا-مەنپەئەت ۋە ياخشىلىق ھاسىل بولىدۇ.

     3-جامائەتتە ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى زىيادە بولسا بۇ ئاللاھقا ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر.

     ئۇبەي ئىبنى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن ياخشىدۇر، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىدىن ئىككى ئادەم بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ياخشىدۇر، جامائەت قانچە كۆپ بولسا، بۇ ئاللاھغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچىدۇر.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 554-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 843-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

     شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر بۇ جايدا ئىككى مەسچىت بار دەپ قارالسا، ئۇنىڭ بىرىدىن يەنە بىرىدە جامائەت كۆپ بولسا، جامائەت كۆپ بولغان مەسچىتكە بېرىش ياخشىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن ياخشىدۇر».

     بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ئام بولۇپ، ئىككى مەسچىت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىدىن يەنە بىرىدە جامائەت كۆپ بولسا، جامائەت كۆپ بولغان مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش ياخشىدۇر." "[شەرھىل مۇمتى ئەلا زادىل مۇستەقنىئ" 4/150-151-بەت ] .

     شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يۇرتتىن بولمىغان كىشىلەر جامائەت توپلاشسا ناماز ئادا قىلىنىدىغان ئەگەر جامائەت توپلاشمىسا ناماز ئادا قىلىنمايدىغان مەسچىتتە ناماز ئادا قىلىشى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى: بۇ يەردە كىشىلەر ناماز ئادا قىلىدىغان بىر مەسچىت بولۇپ، بۇ مەسچىتكە مەلۇم بىر كىشى كەلسە ئىمام بولۇپ نامازنى ئادا قىلىدىغان، ئەگەر ئۇ كىشى كەلمىسە ناماز ئادا قىلىنماي كىشىلەر تارقاپ كېتىدىغان ئىش بولسا، ئىمام بولىدىغان كىشى مۇشۇ مەسچىتنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ كىلىپ نامازنى ئادا قىلىپ بېرىشى ياخشىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشى كەلمىسە جامائەت تارقىلىپ، مەسچىت بوش قالىدۇ، مەسچىتنى ناماز ئوقۇماستىن بوش قويۇش ياخشى بولمايدۇ، بۇ كىشىنىڭ مۇشۇ مەسچىتتە ئىمام بولۇپ نامازنى ئادا قىلىشى، جامائەت كۆپ كىلىدىغان مەسچىتتە ناماز ئادا قىلغىنىدىن ياخشىدۇر.

     لېكىن بۇنداق قىلىشمۇ مەلۇم شەرتلەر بىلەن بولىدۇ: يەنى بۇ مەسچىت جامائەت كۆپ بولىدىغان مەسچىتكە بەك يېقىن بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇمكىن بولسا بىر مەسچىتكە توپلاشقىنى ياخشى بولىدۇ. بۇ ئاز-ئازدىن ئايرىم مەسچىتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن ياخشىدۇر. مەسىلەن كونا بىر مەسچىتتە بەش ياكى ئون كىشى دائىم ناماز ئادا قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن جايدا جامائەت كۆپ توپلىنىدىغان يەنە بىر مەسچىت بولسا، كونا مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى قىينالماستىن  يېڭى مەسچىتكە كېلەلىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ يېڭى مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىگە قىتىلىپ بىرگە ناماز ئادا قىلىشى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى جامائەت كۆپ بولغانسىرى ئېرىشىدىغان ئەجىر-ساۋاپ زىيادە بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ ئەلا زادىل مۇستەنقىئ" 4-توم 150-بەت].

    سىلەر مۇمكىن بولسا سۈننەتكە بەك رىئايە قىلمايدىغان ئىمامغا نەسىھەت قىلساڭلار، بەلكىم ئاللاھ ئۇ كىشىنى سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلغاي.

    ئاخىرىدا بىزنىڭ پىكرىمىز: جامائەت كۆپ بولغان مەسچىتنىڭ ئىمامى ۋە جامائەتلىرى سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، رىئايە قىلمايدىغانلىقى ئېنىق بولسا، سىلەر نەسىھەت قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا سىلەرنىڭ جامائەت ئاز بولسىمۇ سۈننەتكە ئەمەل قىلىدىغان ۋە جامائەتكە سۈننەتنى تەلىم بېرىدىغان مەسچىتكە كىلىپ ناماز ئادا قىلىشىڭلار شەكسىز ياخشى بولىدۇ.

     لېكىن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتمىگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ھەممىڭلارنىڭ بىر مەسچىتكە توپلىشىپ ناماز ئادا قىلىشىڭلارنى ياخشى دەپ قارايمىز. ئاللاھدىن سىلەرگە تەۋپىق ۋە ھىدايەت سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى