پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

خۇلئى گەرچە تالاق دېگەن لەپزى بىلەن بولسىمۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

    مېنىڭ سوئالىم خۇلئىگە ئالاقىدارلىق بولۇپ، مەن ئىككى گۇۋاھچى ۋە شەيخنىڭ ئالدىدا ئېرىمدىن خۇلئى بولدۇم يەنە بىر نەرسە بېرىپ ئايرىلدىم، ئاندىن ئالتە ئايدىن كېيىن قايتىدىن نىكاھ قىلىپ يارىشىدىغان بولدۇق، ئاندىن يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن يېڭىدىن خۇلئى تەلەپ قىلدىم، مەقسىتىمگە يەتتىم، يولدىشىم مەندىن خۇلئى ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ، ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى، بىز ئارىمىزدا بالىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن قايتىدىن يېنىشىدىغان بولدۇق، مېنىڭ سوئالىم: خۇلئى تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمامدۇ يەنى ئېرىم ئۈچۈن مېنى پەقەت بىر تالاق قىلىش ھەققى قالدىمۇ؟بىز يەنە يېڭىدىن يېنىشىۋالساق توغرا بولامدۇ؟ يېڭىدىن نىكاھ قىلىپ يېنىشىمىزمۇ ياكى باشقا يول بارمۇ؟، بۇ ھەقتە توغرا يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    خۇلئى دېگەن كۈچۋلۈك قاراشتا گەرچە تالاق دېگەن سۆز بىلەن بولغان بولسىمۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ:

    1-بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا خۇلئىدا تالاق دېگەن سۆز ئىشلىتىلمىسە ۋە تالاقنى نىيەت قىلمىسا، بۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولىدۇ، بۇ ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلگىرىكى مەزھىبىدىكى قارىشى، ھەنبەلى مەزھەپنىڭمۇ قارىشى، بۇنىڭ بىلەن نىكاھ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تالاقتىن ھېسابلانمايدۇ. ئايالىنى ئىككى قېتىم خۇلئى قىلغان كىشى، يېڭى نىكاھ بىلەن ئايالىغا يېنىشىۋالسا بولىدۇ، ئۇ كىشىگە تالاقتىن بىر نەرسە ھېسابلانمايدۇ.

    بۇنىڭ مىسالى: ئەر ئايالىمدىن مۇنچىلىك مال ئېلىپ خۇلئى قىلدىم، ياكى مۇنچىلىك مال بەدىلىگە ئۇنىڭ نىكاھىنى بىكار قىلدىم دېگەنگە ئوخشاش.

   2-ئەمما خۇلئى تالاق لەپزى بىلەن بولغان بولسا، مەسىلەن: ئەر ئايالىمنى مۇنچىلىك مال  بەدىلىگە تالاق قىلدىم دېگەن بولسا، بۇ سۆز كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا تالاق بولىدۇ.  ["پىقھى توپلاملىرى"  19 -توم 237 -بەت.]

     بەزى ئالىملار تالاق لەپزى بىلەن بولسىمۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولىدۇ تالاقتىن ھېسابلانمايدۇ دەيدۇ. بۇ قاراش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان ۋە بۇ ئىمام ئەھمەد ۋە ئىلگىرىكى ساھابىلاردىن كەلگەن.  ["ئەل ئىنساپ"  8 -توم 393 بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " خۇلئى توغرىسىدىكى كۈچلۈك قاراش، خۇلئى دېگەن گەرچە ئوچۇق تالاق دېگەن لەۋزى بىلەن بولسىمۇ تالاق ئەمەس. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: الطَّلَاقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ‏ تەرجىمىسى: « قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن (خوتۇنىنى) چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي قويۇۋېتىش لازىم » [سۈرە تالاق 229 ئايەت]

    يەنى تالاق ئىككى قېتىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ياكى چىرايلىق ئۆي تۇتۇش كېرەك ياكى چىرايلىق شەكىلدە ئايرىلىش كېرەك، ئىش سىزنىڭ قولىڭىزدا، ئايەتنىڭ ئاخىردا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلَا يَحِلُّ لَكُمْ أَنْ تَأْخُذُوا مِمَّا آَتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلَّا أَنْ يَخَافَا أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ اللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ‏  تەرجىمىسى: « ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى( يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى) بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار( يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ». [سۈرە بەقەرە 229 -ئايەت. ]

    بۇ شەكىلدە ئايرىلىش تۆلەم بېرىش دېيىلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِنْ طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُ مِنْ بَعْدُ حَتَّى تَنْكِحَ زَوْجًا غَيْرَهُ ‏ تەرجىمىسى: « ئەگەر ئەر)ئۇنى ((يەنى خوتۇنىنى (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ». [سۈرە بەقەرە  230 -ئايەت. ]

   ئەگەر بىز خۇلئىنى تالاق دەپ ھېسابلىساق ئۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ «ئەگەر ئۇ ئايالنى تالاق قىلسا» دېگەن سۆزىدە ئۇ تۆتىنچى تالاق بولىدۇ، بۇ ئىجماغىمۇ خىلاپئاللاھ تائالانىڭ «ئەگەر ئايالنى ئۈچىنچى قېتىم تالاق قىلسا ئەگەر( ئەر ) ئۇنى (يەنى خوتۇنىنى  (ئۈچىنچى قېتىم) تالاق قىلسا، (خوتۇن باشقا ئەرگە تەگمىگۈچە ئۇنىڭغا دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن ئايەت بۇنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالدىن بىر نەرسە ئېلىش بەدىلىگە قېلىنغان ھەر قانداق تالاق گەرچە تالاق لەپزى بىلەن بولسىمۇ تالاق بولمايدۇ بەلكى ئۇ خۇلئىدۇر دېگەن قاراشقا بارغان. مانا بۇ كۈچلۈك قاراشتۇر." ["شەرھىل مۇمتىئ"  12 -توم 467 - 470 -بەت.]

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئايالدىن بىر نەرسە ئېلىش بەدىلىگە قېلىنغان ھەر قانداق تالاق گەرچە تالاق لەپزى بىلەن بولسىمۇ تالاق بولمايدۇ بەلكى ئۇ خۇلئىدۇر، مەسىلەن: ئايالىمدىن مىڭ رىيال ئىلىپ تالاق قىلدىم دېگەن بولسا، بىز بۇنى خۇلئى دەيمىز، بۇ قاراش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان، مال بەدىلىگە قېلىنغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئايرىلىش تالاق بولمايدۇ. ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: دادام خۇلئى مەسىلىسىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ قارىشىدا ئېدى، يەنى قايسى لەپزى بىلەن ئايرىلسۇن ئۇ تالاقتىن ھېسابلانمايدۇ.

بۇ مەسىلىدىن مۇنداق مۇھىم نەتىجە ھاسىل بولىدۇ: تالاق لەپزى بىلەن خۇلئى قىلغان بولسا تالاق بولىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، بىر كىشى ئايالىنى ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ، ئاندىن خۇلئى قىلغان بولسا، بۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ ئايالى ئۈچ تالاق بولغان بولىدۇ، ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئاندىن كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ چىققاندىن كېيىن ئېرى بىلەن قايتىدىن تۇرمۇش قۇرسا بولىدۇ. ئەمما خۇلئى دېگەن نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تالاق ئەمەس دېگەن ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئايالى بىلەن ئىددەت ئىچىدە يېڭى نىكاھ قىلىپ يېنىشىۋالسا بولىدۇ، بۇ كۈچلۈك قاراش.

    لېكىن سەمىمى نەسىھەت قىلىمىزكى، خۇلئى قىلىنغان ئىشنى يازغۇچى پالانى ئايالىنى مۇنچىلىك مال بەدىلىگە تالاق قىلدى دەپ يازماستىن، بەلكى پالانى ئايالى بىلەن مۇنچىلىك مال بەدىلىگە خۇلئى قىلىپ ئايرىلدى دەپ يېزىش كېرەك، چۈنكى كۆپچىلىك قازىلار بۇ مەملىكەتتە بولسۇن ياكى باشقا رايونلاردا بولسۇن خۇلئى تالاق لەپزى بىلەن بولسا تالاق بولىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئايالغا زىيان يېتىدۇ، ئەگەر بۇ ئاخىرقى تالاق بولۇپ قالسا بۇنىڭ بىلەن بائىن يەنى ئۈچ تالاق بولىدۇ، ئاخىرقى تالاق بولمىسا بىر تالاق ھېسابلىنىدۇ".  ["شەرھىل مۇمتىئ "   12 -  توم 450 -بەت. ]

    شۇنىڭغا ئاساسەن، ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا يېنىشىۋالماقچى بولسىڭىز، يېڭىدىن نىكاھ قىلىشىڭىز كېرەك، ئىلگىرىكى خۇلئى سىلەرگە تالاق ھېسابلانمايدۇ.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى