پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۆۋەن باھادا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش كارتى توغرىسىدا

سۇئال

   كۇۋەيتتە ئوقۇغۇچىلارغا  يىمەكلىك ئورۇنلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا بەش پىرسەندىن يىگىرمە بەش پىرسەنگىچە باھادا ئېتىبار قىلىنىدىغان كارت بېرىدۇ، بۇ ئىمكانىيەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەش دىنارغا كارت سېتىۋېلىش كېرەك بولىدۇ، بەزى كىشىلەر بۇ بەش دىنارنى شېركەتنىڭ ئېلان ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئىش ھەققى دېسە، يەنە بەزىلەر، شېركەتنىڭ بۇ كارتىلارنى تارقىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان چىقىمى دەيدۇ، مۇشۇنداق كارتىلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەك توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئىلان، تەشۋىقات، سودا شىركەتلىرى ياكى ساياھەت، سەپەر شىركەتلىرى ياكى بەزى تىجارەت مەركەزلىرى چىقارغان باھادا ئېتىبار بېرىش كارتلىرى بولسا، بۇ كارتغا ئېرىشكەن كىشى مال سېتىۋالغاندا شىركەت مەلۇم مىقداردا  باھانى چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، ۋە ھەقسىز بەزى خىزمەتلەرگە ئېرىشىدۇ، ئېتىبار باھا كارتلىرى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

    بىرىنچى: يىللىق ئېشتىراك بولۇش يولى بىلەن مەلۇم مالنىڭ باراۋېرىدە ئېرىشىدىغان كارت.

    ئىككىنچى: بىكارغا بېرىدىغان كارت، بۇ خېرىدارغا ياكى شىركەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلارغا ھەدىيە قىلىنىدىغان كارت بولۇپ، مەلۇم چەكتە بىر نەرسە سېتىۋالغاندا بۇ كارت بىكارغا بېرىلىدۇ.

    ئېتىبار بېرىش كارتىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش بولسا، بۇ چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ بىر قانچە شەرئى چەكلىمىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈندۈر، ئۇ چەكلىمىلەردىن:

   1-ئۇقۇمسىزلىق ۋە ئالداش بار، چۈنكى خېرىدار ئېتىبار باھاغا ئېرىشىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا مالغا كارتىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ شەكىلدە باھادا ئېتىبار قىلىشنىڭ ھەقىقىتى ۋە مىقدارى بىلىنمەيدۇ، بەزىدە بۇ كارتىنى ئىشلەتمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئىشلەتسە ئۇنى سېتىۋالغان مەبلەغدىن ئاز ياكى كۆپ مىقداردا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ، بۇ توغرا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئالدامچىلىق سودىسىدىن چەكلىگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1513-ھەدىس].

يۇقىرىدىكى ھەدىستە  بايان قىلىنغان چەكلىمە ئۇقۇمسىزلىق بولغان ھەرقانداق سودىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

  2 - بۇ خەتەرگە تۇرغۇزۇلغان مۇئامىلە بولۇپ پايدا بىلەن زىيان ئۈستىدە ئايلىنىدۇ، خېرىدار مۇشۇ كارت بىلەن مال سېتىۋالغاندا كارتىنى سېتىۋالغان پۇلدىن كۆپرەك ئېتىبار باھاغا ئېرىشسە پايدا ئالغان بولىدۇ، ئەگەر ئۇنچىلىك باھاغا ئېرىشەلمىسە زىيان تارتقان بولىدۇ، ئەگەر كارتىنى سېتىۋالغان پۇلدىن كۆپرەك ئېتىبار باھاغا ئېرىشسە بۇ شەرىئەت چەكلىگەن  قىمار بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالأَنْصَابُ وَالأَزْلامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُون  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار»[سۈرە مائىدە 90-ئايەت].

  3-بۇ كارت كىشىلەرنى ئالدايدۇ، گوللايدۇ، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا قارا قويىدۇ، بۇ شەكىلدە ۋەدە قىلىنغان ئېتىبار باھالارنىڭ كۆپ قىسمى خىيالى ھەقىقىتى يوق.

مۇشۇنداق تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىگىلىرى ئالدى بىلەن مالنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن كارتىنى ئالغان كىشى كۆڭلىدە ماڭا باھادا ئېتىبار قىلدى دەپ خىيال قىلىدۇ، ھەقىقەتتە باشقا ئورۇنلاردا ئۆستۈرگەن باھاغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولدى.

    4-بۇ كارتلار كۆپ ۋاقىتلاردا تالاش-تارتىش ۋە جىدەلگە سەۋەپ بولىدۇ، چۈنكى بۇ كارتىلارنى چىقارغان ئورۇنلار تىجارەت مەركەزلىرى، شىركەت ۋە چوڭ سودا ئورۇنلىرىنى توختام قىلغان ئېتىبار باھاغا ئەمەل قىلىشقا قىستىيالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئارىدا جېدەل-ماجرا ۋە كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىقىدۇ.

   ئىختىلاپ، تالاش-تارتىش ۋە ئۆچمەنلىككە سەۋەپ بولىدىغان ھەر قانداق ئىش چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلاةِ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ  تەرجىمىسى: «شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، (سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن يانمامسىلەر؟». [سۈرە مائىدە 91-ئايەت.]

   5-بۇ تۈردىكى ئېتىبار باھا كارتنىڭ بۇ پىرۇگراممىغا ئېشتىراك قىلمىغان تىجارەتچىلەرگە زىيىنى بولىدۇ.

    بۇ كارتلارنىڭ قولدىن قولغا ئۆتىشى بىلەن بۇنىڭغا ئېشتىراك قىلغان سودا ئورۇنلىرى بىلەن ئېشتىراك قىلمىغان سودا ئورۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ، ئېشتىراك قىلغان ئورۇنلارنىڭ ماللىرى ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئېشتىراك قىلمىغان ئورۇنلارنىڭ ماللىرى كاساتلىشىدۇ ." ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى " 14 -توم 10 -بەت. ]

    6-بۇنىڭ ئېشتىراك قىلغان كىشى ھەقىقى مەنپەئەتى بولمىغان بۇ كارتنىڭ بېجىنى تۆلەيدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى دۇكان ئىگىسىدىن مالنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، دۇكان ئىگىسى  باشقىلار ئېلىپ بولدى ياكى باھادا ئېتىبار قىلىدىغان ۋاقىت تۈگىدى دەپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىكاردىن كارتقا پۇل بەرگەن بولىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ھەقسىزلىك بىلەن يېۋىلىش ھېسابلىنىدۇ، شەرىئەت بۇنىڭدىن چەكلىگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِل تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر!  بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى(ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار.» [سۈرە نىسا 29 ئايەت].

    ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى پىقھى مەجمۇئەسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئون سەككىزىنچى قېتىملىق يىغىندا بۇ تۈردىكى كارتلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا چىقارغان قاراردا مۇنداق بايان قىلىنغان: " بۇ تېمىغا ئالاقىدار بولغان ئىلگىرىكى تەتقىقات، ۋە كۆپ مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق قارار چىقىرىلدى: " بۇنداق ئېتىبار باھا كارتىلىرىنى چېقىرىپ سېتىش ۋە سېتىۋېلىش چەكلىنىدۇ، بۇ يىللىق ئېشتىراك ياكى مەلۇم مىقداردا پۇلنىڭ بەدىلىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭدا ئالدامچىلىق بار، ئەگەر سېتىۋالغۇچى بۇ كارتىنى سېتىۋاپتۇ، ئەمما بۇنىڭ باراۋېرىدە ئۆزىگە كېلىدىغان پايدا-زىياننى بىلمىسە بۇ ئېھتىماللىقى بولغان پايدىنىڭ باراۋېرىدىكى تۆلەمدىن ئىبارەتتۇر".

    شۇنىڭدەك دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمىمۇ، بۇ تۈردىكى ئېتىبار باھا كارتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا چىقاردى، شۇنداقلا شەيخ ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھمۇ بۇنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا پەتىۋا بەردى ".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  14 -توم 6 بەت.  " ئىبنى باز پەتىۋاسى"  19 -توم 58 -بەتكە قارالسۇن].

    ئەمما خېرىدارغا پۇلغا ساتماستىن بىكارغا بەرگەن كارت بولسا،  ئۇنى ئىشلەتسە ۋە پايدىلانسا بولىدۇ، چۈنكى ئۇنى بىكارغا بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئىئانە قىلىش كېلىشىمى بولىدۇ، بۇنداق كىلىشىملەردە ئۇقۇمسىزلىق ۋە ئالدامچىلىق ئەپۇ قېلىنىدۇ.

    بۇ كارتقا بىكارغا ئېرىشكەن كىشى بۇنىڭدىن پايدىلانمىسا ھېچ نېمىنى زىيان تارتمايدۇ.

     شۇنداقلا "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ" قارارىدا مۇنداق كەلگەن: " ئېتىبار باھا كارتى بىكارغا بېرىلگەن بولسا، بۇنى بىكارغا چېقىرىش ۋە قوبۇل قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ بىرنەرسىنى ئىئانە قىلىش ۋە ھەدىيە قىلىشقا ۋەدە قىلغانلىقنىڭ بابىدىن ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيدنىڭ: "ئېتىبار باھا كارتىنىڭ تىجارەتتىكى ھەقىقىتى ۋە شەرىئەتتىكى ھۆكمى" ناملىق ئەسىرى ۋە  دوكتۇر خالىد مۇسلىھنىڭ: " بازاردىكى رىغبەتلەندۈرۈش كارتىنىڭ ئىسلام پىقھىسىدىكى ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.  

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى