جۈمە 22 زۇل ھەججە 1445 - 28 ئىيۇن 2024
Uygur

چوڭ گىلەمنى ئىتنىڭ ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ نىجاسەتلىرىدىن قانداق پاكىزلاش توغرىسىدا

سۇئال

   مەسجىتتىكى چوڭ گىلەم ياكى ئۆيگە سېلىنغان چوڭ گىلەملەر ۋە ماشىنىغا سېلىنغان گىلەملەر نىجاسەتلەردىن قانداق پاكىزلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: چوڭ گىلەملەرگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، ئۇ چوڭ بولغانلىقى، يەرگە ياكى ماشىنىغا چاپلىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى يۇسا سىققىلى بولمايدۇ، ئۇنى پاكىزلاش ئۇنىڭ ئۈستىدىكى نىجاسەتنى يوق قىلىۋېتىش بىلەن بولىدۇ، كېچىك تەرەت بولسا ئۇنى يۇيۇپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ يەنە يۇيۇپ بۇنى نىجاسەت يوقالدى دەيدىغان پىكىرگە كەلگەنگە قەدەر بىر قانچە قېتىم تەكرار يۇيۇش بىلەن بولىدۇ.

ئەگەر نىجاسەت ئىت پوقى ياكى سۈيدۈكى بولۇپ قالسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇپ، ئەۋۋىلىنى ياكى ئاخىرىنى سوپۇن بىلەن يۇيىمىز توپا بىلەن يۇيۇش كېرەك بولمايدۇ.

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: چوڭ گىلەملەرنى نىجاسەتتىن قانداق پاكىزلايمىز؟، نىجاسەتنى يۇيۇشتا نىجاسەتنىڭ ئۆزىنى يوق قېلىۋېتىش ئۇ گىلەمنى سىققانلىق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "چوڭ گىلەملەرنى نىجاسەتتىن پاكىزلاشنىڭ يولى: ئالدى بىلەن نىجاسەتنىڭ ۋەزنى بولسا نىجاسەتنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىدۇ، قېتىپ كەتكەن بولسا ئۇنى ئېلىپ تاشلايدۇ، كېچىك تەرەتكە ئوخشاش سۇيۇق بولسا، ئۇنى بۇلۇتقا ئوخشاش نەرسە بىلەن سۇيىنى سۈمۈرگۈزۇپ سىقىپ ئۇنىڭدىن كېيىن سۇ تۆكۈپ نىجاسەتنىڭ ئەسىرى ياكى نىجاسەتنىڭ ئۆزى يوقالغانغا قەدەر يۇيىدۇ، بۇ بىر-ئىككى قېتىم سىيىپ قويغان گىلەملەرگە بولىدۇ، يۇغان ئورۇننى سىقىش كېرەك ئەمەس، لېكىن نىجاسەت ئۇنىڭ قاتلىرىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، نىجاسەتنى يوق قىلىش ئۇنى سىقىشقا توختايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىقىش زۆرۈر بولىدۇ. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"].

    يەنە شەيختىن: سىلەرنىڭ پىرۇگراممىدا زېمىننى سۇيدۇكتىن تازىلاش كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە زېمىننىڭ قۇرۇشى بىلەن بولىدۇ دېگەننى ئاڭلىدىم، بۇنىڭدا زېمىننىڭ قۇرۇشى بىلەنلا بولامدۇ ياكى چوقۇم كۈن نۇرىنىڭ تەسىرى بولىشى كېرەكمۇ؟، ئۆيگە سىلىنغان گىلەملەرنىڭ ھۆكمى شۇنىڭغا ئوخشاش بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەردى: "زېمىننىڭ كۈن نۇرى بىلەن پاكىزلىنىشى ۋە شامال بىلەن قۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى نىجىس نەرسىنىڭ چوقۇم يوق بولىشى ياكى كېچىك تەرەتتىن ھېچ نەرسە قالماسلىقى زۈرۈر بولىدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى: زېمىندا سۇيدۇك بولۇپ قۇرۇپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن سۇيدۇكنىڭ ئەسىرى ئۇ ئورۇندا قالغان بولسا، ئۇ ئورۇن قۇرۇش بىلەن پاكىز بولمايدۇ، لېكىن ئۇ ئورۇن قۇرۇپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەن بولسا، ئاندىن ئۇنىڭ ئەسىرى يوقالغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇ زېمىن پاكىز بولىدۇ. چۈنكى نىجاسەتنىڭ ئۆزى ئۇ يەردىن يوقالدى، ئۇ يەر نىجاسەتتىن پاكىز بولدى، نىجاسەت قايسى ئۇسۇل بىلەن يوق قىلىنسا ئۇ ۋاقىتتا ئورۇن پاك بولىدۇ.

    ئەمما گىلەم-كۆرپە دېگەندەك نەرسىلەر زېمىنغا چاپلىشىپ تۇرغان بولسۇن ياكى زېمىندىن ئايرىم تۇرغان بولسۇن ئۇنى چوقۇم يۇيۇش كېرەك، ئۇنى يۇيۇش ئۇسۇلى: ئۈستىگە سۇ تۆكۈپ، ئاندىن بۇلۇتتەك نەرسىلەر بىلەن يۇيۇپ ئۆز قارىشىدا پاكىز بولدى دېگەنگە قەدەر يۇيۇپ تازىلاش كېرەك. ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى"].

    شەيخ رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى چوڭ شېركەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا تەربىيىلەنگەن ئىتلار ئىشلىتىلىنىدۇ، ماشىنىنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى پۇراپ ياكى يالاپ قويىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورۇندۇق ۋە ئىت تۇرغان، يالىغان ۋە پۇرىغان ئورۇنلار نىجىس بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "پۇرىغاننىڭ زىيىنى يوق، چۈنكى ئىتتىن پۇرىغاندا شال چىقمايدۇ، ئەمما يالىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىتنىڭ تۈكۈركى ياكى شالى چىقىدۇ، ئىتنىڭ تۈكۈركى كىيىمگە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ ئورۇن يەتتە قېتىم يۇيۇلىدۇ، ئەۋۋىلىدە توپا-تۇپراق بىلەن يۇيۇڭ دېمەيمىز، بەزى ۋاقىتتا ئۇنىڭ زەرەرى يېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن توپا، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان پاكىزلاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ يەتتە قېتىم يۇيۇش كۇپايە قىلىدۇ". ["ئوچۇق سۆھبەت" 7-قىسىم 49-بەت]. 

    ئىتنىڭ سۈيدۇكى، تەرىتى ۋە تۈكۈركىنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئىتنىڭ سۈيدۇكى بىلەن تەرىتىنىڭ نىجىسلىقى كۈچلۈكتۇر. ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 417-بەت].

    ئىككىنچى: شەرىئەت رۇخسەت قىلغان دائىرىنىڭ سىرتىدا ئىت بېقىش توغرا بولمايدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھېچ سەۋەبسىز ئىت باقىدىكەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئەمىلىدىن بىر قىيرات كېمىيىدۇ، پەقەت چارۋىچىلىق، تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن باقسا بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى2145-ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە ئۆي-زېمىنگە قاراش قاتارلىق ئىشلارنىڭ سىرتىدا ئىت باقىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەر كۈنلۈك ياخشى ئەمىلىدىن ئىككى قىيرات كېمىيىدۇ». 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى