جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆي-زېمىن تىجارىتى قىلغاندا نىيەتتە ئىككىلىنىش بولسا بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بوش يەر بولۇپ، ئۇ يەرنى سېتىۋالغان ۋاقتىمدا، نىيىتىمدە 70% تىجارەت قىلىش، 30% ساتماي قۇرۇلۇش سىلىش مەقسىتىم بار ئىدى، بۇنىڭغا زاكات كېلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ يەر توغرىسىدا كەسكىن تىجارەت نىيىتى بولمىسا بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى ئەسلىدە بىر ئىشقا قانائەت بولۇش كېرەك، ئەگەر كەسكىن نىيەت بولمىسا تىجارەتكە ئۆرۈلمەيدۇ، كەسكىن بولماي ئىككىلىنىپ تۇرغاندا زاكات پەرىز بولمايدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىر كىشىنىڭ يىرى بولۇپ، ئۇ كىشى ئۇ يەرنى سېتىش ياكى ساقلاپ قىلىش ياكى ئىجارىگە بېرىش ياكى تۇرالغۇ ئۆي قىلىش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالغان بولسا، يىل توشقاندا ئۇ يەرگە زاكات كېلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "بۇ يەرنى كەسكىن تىجارەتكە سىلىش-سېتىش نىيىتى بولمىسا، بۇنىڭغا زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى نىيەتتە ئىككىلىنىش بولسا ھەتتا يۈزدە بىر پىرسەنت ئىككىلىنىش بولسىمۇ زاكات كەلمەيدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"18-توم 232-بەت].

    يەنە مۇنداق دېگەن: "زېمىنى بار بولغان بىركىشى ئىككىلىنىپ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ يەرنى پايدىسىغا ساتىمەنمۇ ياكى مۈلۈك ئورنىدا قويۇپ قويىمەنمۇ ياكى قۇرۇلۇش قىلىمەنمۇ بىلمەيمەن، بۇنىڭغا زاكات كېلەمدۇ؟ دەپ سورىسا، ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: بۇ يەرگە زاكات كەلمەيدۇ، چۈنكى زاكاتنىڭ پەرىز بولىشى ئۈچۈن ئەسلىدە كەسكىن بىر نىيەت بولۇش كېرەك، نىيەتتە ئىككىلىنىش بولسا زاكات كەلمەيدۇ". ["ئايلىق ئوچۇق سۆھبەت" 3/5].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى