سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قورساقتىكى تۈرەلمىنى 40 كۈن توشماستىن چۈشۈرۋېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سۇئال

بىر ئايال تۆت ئايلىق بالىسى بار، ئەمما ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغىنىغا ئىككى ياكى ئۈچ ھەپتە بولۇپتۇ، بۇ ھامىلىلىك ئۇ ئايالغا ياكى ئېمىۋاتقان بالىسىغا زىيانلىق بولسا قانداق قىلىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئۆلىمالار 40 كۈن توشمىغان بۇۋاقنى ئېلىۋېتىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپلاشقان. ھەنەپى، شاپىئى مەزھەبلىرىدە، ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىدە 40 كۈن توشمىغان بۇۋاقنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ دەيدۇ. ئىبنى ھەمام مۇنداق دېگەن: تۆرەلمىدە ھېچ نەرسە يارىتىلمىغان ھالەتتە بولسا ئۇنى چۈشۈرۋېتىشكە بولىدۇ.
رەملى مۇنداق دېگەن: بالىغا جان كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئېلىۋېتىش ھارامدۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جائىزدۇر.
قەليۇبىي مۇنداق دېگەن: جان كىرىشتىن سەل بۇرۇن بولسىمۇ ئېلىۋېتىشكە بولىدۇ. ئىبنى رەجەب ھەنبەلى مۇنداق دېگەن: رەفائە ئىبنى رافىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،مېنىڭ يېنىمدا كاتتا ساھابىلاردىن ئۆمەر، ئېلى، زۇبەير، سەئىد ئولتۇرۇپ، ئەزلە( بالا بولمىسۇن دەپ سپېرمنى بەچچىداننىڭ سىرتىغا تۆكۈش) ھەققىدە پاراڭلاشتى ۋە ئۇنىڭدا ھېچبىر گۇناھ يوقلىقىنى دېيىشتى. بىر ئادەم تۇرۇپ: بىراق ئۇلار بۇنداق قىلىش بالىلارنى تىرىك كۆمۈشئىشىغا ئوخشايدۇ، دېدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدى: ياق. بۇ تىرىك كۆمۈش ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭغا 7 مەزگىل ئۆتۈشى لازىم. تۇپراق بولىدۇ، ئاندىن مەنى بولىدۇ، ئاندىن قان پارچىسى بولىدۇ، ئاندىن بىر پارچە گۆش پارچىسى بولىدۇ، ئاندىن سۆڭەك بولىدۇ، ئاندىن رەسمى گۆش ئۈنىدۇ، ئاندىن باشقا بىر خەلق بولىدۇ. ئۆمەر شۇ ۋاقىتتا ئەلىغا: راست ئېيتتىڭ، ئاللاھ ئۆمرۈڭنى ئۇزۇن قىلسۇن، دېدى.
مالىكىي مەزھەبتىكىلەر بالىنىڭ چۈشۈرىۋېتىشنى مۇتلەق جائىز ئەمەس دەيدۇ. بەزى ھەنەپىلەر بىلەن بەزى شافىئىيلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ. شەرھ كەبىردېگەن كىتابتا ئانا رەھمىدە ئورۇن ئالغان مەنىنى ھەتتا 40 كۈن تولۇشتىن بۇرۇنمۇئېلىۋېتىشقا بولمايدۇ. ئەمما جان كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىش قاتمۇ- قات ھارامنى ئىشلىگەنلىكتۇردېگەن.
بەزى ئالىملار ئۆزۈر سەۋەبى بىلەن ئالسا بولىدۇ، دەپ قارىغان. كۇۋەيت كاتتا ئۆلىمالار پەتىۋا ھەيئىتىنىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن:
1. بالىنى قانداقلا بىر شارائىتتا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. پەقەت شەرئى ئۆزۈر تېپىلسا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.
2. بالا قورساقتا تېخى 40 كۈنلۈك بولمىغان بولسا، ئانىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ياكى باشقا شەرئىي ئۆزۈرلەر تۈپەيلى ئېلىۋېتىشقا بولىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرى پەتىۋا ھەيئىتىدىمۇ شۇنداق دېيىلگەن: ئەسلىدە بالىنى چۈشۈرۈش جائىز ئەمەس. ئەگەر ئانىنىڭ ھاياتى خەتەردە قېلىپ، بالىغا تېخى 40 كۈن توشمىغان بولسا، شەرئىي ئۆزۈر بىلەن ئۇنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.( لېكىن پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ قېيىنچىلىقىدىن ۋەياكى تۈغۈت چەكلەش، بىقىپ بولالماسلىق قاتارلىق ئورۇنسىز باھانىلار بىلەن بالىنى چۈشۈرۈش ھارامدۇر). ئەمما بالا 40 كۈنلۈكتىن ئاشقان بولسا قايسى بىر سەۋەب بىلەن ئۇنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى 40 كۈندىن كېيىن ئۇ قان پارچىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ يارىتىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.
سورىغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، شۇ ھالەتتە بولسا يەنى ئېلىۋەتمىسە ئانىسىغا ياكى ئېمىۋاتقان بۇۋاققا زىيان يېتىش ئېنىق بولۇپ ئىشەنچىلىك ئورگانلارنىڭ قارار بېرىشى بىلەن ئۇنى ئېلىۋەتسە بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى