سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

روزىدار كىشى تاڭنىڭ يورىغانلىقىدا شەك قىلىپ بىر نەرسە يېگەن بولسا، روزىنى بۇزماي داۋاملاشتۇرىدۇ، ۋە كۈن پاتقانلىغىدا شەك قىلىپ ئىپتار قىلغان بولسا ئۇ كۈنلۈك روزىنى قايتىدىن تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   روزىدار كىشى كۈن پاتقانلىققا تولۇق ئىشەنچ قىلسا ياكى كۈن پاتتى دېگەن قارىشى كۈچلۈك بولسا ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەمما كۈننىڭ پاتقانلىقىدا شەك قىلىپ ئىپتار قىلسا، ئاندىن ئۇ كىشى ئىپتار قىلغاندا كۈننىڭ پاتمىغانلىقى ئېنىق بولسا، ئۇ كىشى بۈ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ، ئەمما تاڭنىڭ يورىغان ياكى يورىمىغانلىقى توغرىسىدا شەكلىنىپ قىلىپ بىر نەرسە يېگەن كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئەمدى: نېمە ئۈچۈن كۈن پاتقانلىقى توغرىسىدا شەك قىلىپ ئىپتار قىلغان كىشى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ؟ تاڭ يورىغانلىقى توغرىسىدا شەك قىلىپ بىر نەرسە يېگەن كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    كۈننىڭ پاتقانلىقى توغرىسىدا شەك قىلىپ ئىپتار قىلغان كىشى شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ  تەرجىمىسى: «ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   كېچە كۈن پاتقاندىن كېيىن باشلىنىدۇ، روزىدار كۈننىڭ پاتمىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلمايدۇ، ئەمما كۈننى پاتتى دەپ ئىشەنچ قىلسا ياكى كۈچلۈك قاراشتا بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئىپتار قىلىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ئەسلى بولغىنى كۈندۈز ۋاقىتنىڭ تولۇق ئاخىرلاشمىغانلىقىدۇر، شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇ ئەسلى بولغان ۋاقىت پەقەت تولۇق ئىشەنچ ياكى كۈچلۈك قاراش بىلەن كېچە ۋاقتىغا ئالمىشىدۇ.

   تاڭ يورىغانلىقى توغرىسىدا شەك قىلىپ بىر نەرسە يېگەن كىشى بولسا، ئۇ كۈندىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:  وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ  تەرجىمىسى: «تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

   ئاللاھ تائالا ئايەتتە :«تاڭ يورۇغانغا قەدەر» دېدى، بۇنىڭدىن تاڭ يورۇغانغا تولۇق ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر يەپ-ئىچىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە ئەسلىدىكى ئىشەنچىلىك ۋاقىت كېچە بولۇپ، تاڭنىڭ يورىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلىنمىسا يەپ-ئىچىش چەكلەنمەيدۇ.

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 38543- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى