جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مېيىتقا دۇئا قىلىش ئۈچۈن مېيىتنىڭ ئۆيىگە توپلىشىپ دۇئا- تىلاۋەت قىلىش توغرىسىدا

9965

تارقاتقان ۋاقىت : 27-12-2013

كۆرگۈچىلەر : 3870

سۇئال

بىرەر كىشى ۋاپات بولۇپ كەتسە، باشقا ئائىلىدىكى كىشىلەر مېيىتنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مېيىت ئۈچۈن دۇئا-تىلەك قىلىشىدۇ، بۇنداق قىلىش دۇرۇسمۇ؟، شۇنداقلا مەھەللە مەسچىتىدىمۇ جامائەتلەر خەتمە ئوقۇيمىز دەپ توپلىشپ ئولتۇرىدۇ، بۇ دىنىمىزدا رۇخسەت قىلىنغان ئىشمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان: قۇرئان كەرىمدىن ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن مېيىت چىققان ئورۇندا ياكى باشقا مەلۇم ئورۇندا توپلىشپ قۇرئان ئوقۇش ياكى قۇرئاندىن مەلۇم سۈرىلەرنى ئوقۇشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق دەلىل بايان قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمىز. ساھابىلاردىن ياكى تابىئىنلاردىن ياكى ئۇلاردىن كىيىنكى سەلەپلەردىن بىرەرسىنىڭ بۇ توغرىدا دەلىل كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ھەم بىلمەيمىز. ماھىيەتتە بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن ئىشلار تۈرىدىندۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: كىمكى بىز بۇيرىمىغان ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلىدىكەن، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 3243-ھەدىس].

ئەمما مېيىت ئۈچۈن توپلىشپ دۇئا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك؛ دۇئا دېگەن ئىبادەت بولۇپ، ئىبادەت دەلىلگە ئاساسەن بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلار بىلەن بىرلىكتە جىنازە نامىزىدىن بىكار بولۇپ، بىرەر مېيىتكە دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت مېيىتنى قەبرىگە قويۇپ، لەھەدنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىڭلار، ئۇ ھازىر قەبرىدە سوئال قىلىنىۋاتىدۇدېگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنغان.

خۇلاسە: مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن ياكى دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، جامائەت بولۇپ مېيتكە دۇئا قىلىش بىدئەتتۇر. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 916].

سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار مېيىت ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم نامازدا بولسۇن ياكى نامازدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بولسۇن، كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى، جۈمە كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن ئولتۇرغىچە، ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا شۇنىڭدەك دۇئا ئىجابەت بولىدۇ دەپ قارالغان پەزىلەتلىك ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە دۇئا قىلىڭلار. دۇئانى سەمىمىيلىك بىلەن خالىس قىلىشىڭلار كېرەك. دۇئادا سەمىمى بولساڭلار، سىلەر دۇئا قىلىۋاتقاندا خۇشۇئ ۋە ئىخلاسنى ھېس قىلىسىلەر. بۇنداق شېرىن تۇيغۇ مېيىتنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئالدىدا جامائەت شەكىلدە قىلىنغان دۇئادا تېپىلمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرنى بارلىق ياخشىلىقلارغا نائىل قىلسۇن.

پەتىۋا بەرگۈچى: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد