يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

پايپاقنىڭ ئۈستىگە ئاياغ كىيگەن بولسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا مەسىھ قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

سۇئال

 تاھارەت ئېلىپ بولۇپ پايپاقنىڭ ئۈستىگە ئاياغ كىيدىم، ئاندىن يەنە تاھارەت ئېلىپ ئاياغنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلدىم، ئەگەر ئاياغنى سېلىۋەتسەم، مەسىھ ۋاقتى داۋاملاشقان ۋاقىتتا مەسھىنى پايپاقنىڭ ئۈستىگە قىلسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كىمكى ئاياغنىڭ ئۈستىگە ئاياغ كىيسە ياكى پايپاقنىڭ ئۈستىگە ئاياغ كىيگەن بولسا، مەسھىنىڭ ھۆكمى ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە تۆۋەندە تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ: بۇ ھەقتە شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:

  1-تاھارەت ئالغاندىن كېيىن پايپاق ياكى ئاياغ كېيىپ ئاندىن تاھارەت بۇزۇلسا، تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئاياغنى كىيسە، مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى دەسلەپتە كىيگەن ئاياغقا بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن كېيىن مەسىھ قىلماقچى بولسا، دەسلەپتە كىيگەن ئاياغ-ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىدۇ، ئۈستىگە كىيگەن ئاياغ-ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    2-پايپاق ياكى ئاياغ كىيگەندىن كېيىن تاھارەت بۇزۇلغان بولسا، تاھارەت ئېلىپ  پۇتىدىكى ئايىغىغا مەسىھ قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئاياغ ياكى پايپاق كىيگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا توغرا قاراشتا مەسىھ قىلىش كېيىن كىيگەن پايپاق ياكى ئاياغنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ. "پۇرۇ" ناملىق ئەسەردە ئىمام مالىكنىڭ قارىشىغا مۇۋاپىق ئۇ، توغرا قىلغان بولدى" دەپ كەلگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: " چۈنكى بۇ ئېنىق بولغان قاراشتۇر، چۈنكى ئۇ كىشى كېيىنكى ئاياغنى تاھارەتنىڭ ئۈستىگە كىيدى، ئۇلارنىڭ: بۇ كامىل تاھارەت ئەمەس دېگەن سۆزى  قوبۇل قىلىنمايدۇ.

     مۇشۇنداق دېگەندە، مەسھىنىڭ ۋاقتى ئاۋۋالقى مەسىھ قىلغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۇ كىشى ھېچ ئىككىلەنمەي دەسلەپتە كىيگەن ئاياغقا مەسىھ قىلسا بولىدۇ.  

   3-ئاياغنىڭ ئۈستىگە ياكى پايپاقنىڭ ئۈستىگە ئاياغ ياكى كالاچ كېيىپ ئۇستىدىكىگە مەسىھ قىلىپ ئاندىن ئۈستىدىكى ئاياغنى سېلىۋەتكەن بولسا، قالغان ۋاقىتتا ئاستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلامدۇ؟دېگەن مەسىلىگە ئوچۇق جاۋاپ بەرگەن كىشىنى كۆرمىدىم. لېكىن ئىمام نەۋەۋىي ئابباس بىن سەرىجتىن بۇنى بايان قىلدى: ئۆتۈك ياكى ئاياغنىڭ ئۈستىگە ئاياغ ياكى كالاچ كىيسە، بۇنىڭدا ئۈچ تۈرلۈك مەنا ئىپادىلىنىدۇ: بىرى: بۇ ئىككىسى بىر ئاياغنىڭ ھۆكمىدە بولۇپ، ئۈستىدىكى ئاياغ پۇتىنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئورنىدا، ئاستىدىكى ئاياغ پۇتىنىڭ ئاستىنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۈستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىشنىڭ مۇددىتى ئاخىرلىشىپ بولغىچە ئاستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، خۇددى ئۈستىدىكى ئاياغ يىرتىلغان بولسا چوقۇم ئاستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلىدۇ". شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "تاھارەت پەتىۋالىرى" 192-بەت.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىن شۇ ئېنىق بولدىكى، پايپاقنىڭ ئۈستىگە ئاياغ كېيىپ ئاندىن ئۈستىدىكى ئاياغنى سېلىۋەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ مەسھىسى بۇزۇلمايدۇ، ئۇ كىشى يۇقىرىدا شەيخ زىكىر قىلغان ئۈچ تۈرلۈك ھالەتنىڭ ھەممىسىدە مەسھىنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاستىدىكى ئاياغقا مەسىھ قىلسا بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى