شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ سۆيگۈسى قايسى ۋاقىتتا ئازابتىن قۇتقازغۇچى بولىدۇ؟

سۇئال

ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن كىشى دوزاخقا كېرەمدۇ؟ يەھۇدى، ناسارالارغا ئوخشاش نۇرغۇن كاپىرلار تېپىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز دەيدۇ، شۇنىڭدەك پاسىق مۇسۇلمانمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئاللاھنى ئۆچ كۆرىمەن دېمەيدۇ، بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ يەردە تۆت تۈرلۈك سۆيگۈ بولۇپ بۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىيالمىغانلار ئېزىپ كېتىدۇ:

    بىرىنچى: ئاللاھ سۆيگۈسى؛ بۇنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئەجىر-ساۋاپلار  بىلەن ئۇتۇق قازىنىشقا كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى مۇشرىكلار، كىرىستغا چوقۇنغۇچىلار، يەھۇدىلار ۋە باشقىلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ.

   ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان كۇپۇر مىللىتىدىن چىقىپ، ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ، ياخشى كۆرۈشتە مۇستەھكەم ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىغان كىشىلەر ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرەلگۈچى كىشىلەردۇر.

   ئۈچىنچى: ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش بولۇپ، بۇ ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈش بولسا پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ.

    تۆتىنچى: ئاللاھ بىلەن بىرگە ياخشى كۆرۈش، بۇ ئورتاق مۇھەببەت بولۇپ، ھەرقانداق بىر كىشى بىر نەرسىنى ئاللاھ بىلەن بىرگە ياخشى كۆرىدىكەن بۇ ياخشى كۆرۈش ئاللاھ ئۈچۈنمۇ ئەمەس، ئاللاھ ياخشى كۆرگەنلىك ئۈچۈنمۇ ئەمەس ۋە ئاللاھ توغىرسىدىمۇ ئەمەس بولىدىكەن، ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ غەيرىدىكى بۇ نەرسىنى  شېرىك قىلغان بولۇپ، بۇ مۇشرىكلارنىڭ مۇھەببىتىدۇر.

    بۇنىڭ بەشىنچى قىسمى قالدى، بىز ئۇنىڭدا توختالمايمىز، ئۇ بولسىمۇ تەبىئىي مۇھەببەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ تەبىئىتى ماس كەلگەن نەرسىگە مايىل بولىشىدۇر، خۇددى ئۇسسۇز كىشىنىڭ سۇنى، ئاچ كىشىنىڭ يېمەكنى، ئۇيقۇنى، ئايالىنى، بالىسىنى ياخشى كۆرگىنىدەك، بۇ شەكىلدىكى ياخشى كۆرۈشلەر مالامەت قىلىنمايدۇ. ئەمما بۇ ياخشى كۆرۈش ئىنساننى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ۋە زىكرىدىن مەشغۇل قىلىپ قويسا بۇ ۋاقىتتا ئەيىبلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّـهِ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن. [سۈرە مۇناپىقۇن 9-ئايەت].

   يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: رِجَالٌ لَّا تُلْهِيهِمْ تِجَارَةٌ وَلَا بَيْعٌ عَن ذِكْرِ اللَّـهِ  تەرجىمىسى: ئۇلار شۇنداق ئەرلەركى، سودا ـ سېتىق ئۇلارنى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمايدۇ. [سۈرە نۇر 37-ئايەت].  "ئەل جاۋاپۇل كاپى"1-توم 134-بەت.

   ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ توغرىسىدا ياخشى كۆرۈش بىلەن ئاللاھ بىلەن بىرگە ياخشى كۆرۈشنىڭ ئارىسىدا پەرق بولۇپ، بۇ ھەر بىر كىشى بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىشقا مۇھتاج بولىدىغان بەلكى مەجبۇر بولىدىغان مۇھىم پەرقتۇر. ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش بولسا ئىمانىنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇر، ئاللاھ بىلەن بىرگە ياخشى كۆرۈش بولسا ئۇ شېرىكنىڭ ئۆزىدۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: ياخشى كۆرگۈچى ياخشى كۆرۈشتە ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىگە ئەگىشىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بەندىنىڭ قەلبىدە ئورناشسا، ئۇ سۆيگۈ ئاللاھ ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ياخشى كۆرسە بۇنىڭغا ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھ توغرىسىدا ياخشى كۆرگەن نەرسە ياندىشىپ كېلىدۇ، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، پەيغەمبەرلىرى، پەرىشتىلىرى ۋە يېقىن كىشىلىرىنى ياخشى كۆرۈش بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆچ كۆرگەننى ئۆچ كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھمۇ ئۆچ كۆرىدۇ، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆچمەنلىكى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرىدىغان بىرىنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانلىقى، خىزمەت قىلغانلىقى، ھاجەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ياخشى كۆرۈشىگە ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بىرىنىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ياقتۇرماسلىق ۋە ئەلەم سەۋەبىدىن ئۇنى ئۆچ كۆرۈشكە ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تەرىپىدىن يەتكەن بۇ ياقتۇرمايدىغان ئىش يا خاتالىقتىن ياكى ئۇ ئىشتا ئاللاھغا ئىتائەت قىلىپ قەستەن بولغان ياكى باشقا مەنىدە چۈشەنگەن ياكى ئۆز قارىشى بىلەن تىرىشقان ياكى ھەددىدىن ئېشىش، تالاش-تارتىش قىلىش، تەۋبە قىلىش بىلەن بولغان بولۇشى مۇمكىن.

   دىننىڭ ھەممە ئىشى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈشتىن بولغان تۆت ئاساسنى چۆرىدەيدۇ، ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆچ كۆرۈشكە ئاساسەن بىر ئىشنى قىلىش ۋە قىلماسلىقتا شەكىللىنىدۇ. بىركىشىنى ياخشى كۆرۈش، ئۆچ كۆرۈش ئاللاھ ئۈچۈن بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى مۇستەھكەم بولىدۇ، ئۇ كىشى ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئۆچ كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرىدۇ، بىر ئىشنى قىلسا ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدۇ، تەرك ئەتسە ئاللاھ ئۈچۈن تەرك ئېتىدۇ، مۇشۇ تۆت تۈرلۈك نەرسىدىن كېمەيگەن نەرسە ئۇ كىشىنىڭ ئىمانى، دىنى بويىچە كېمىيىدۇ.

   بۇ ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقىلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ زىتى بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسى ئەسلى بولغان تەۋھىدكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ شېرىكتۇر، ئىككىنچى تۈر بولسا ئاللاھ سۆيگۈسى ۋە ئىخلاسنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۇ كىشىنى ئىسلام دائىرىسىدىن چېقىرىۋەتمەيدۇ.

   بىرىنچىسى: مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرى ۋە مەبۇدلىرىنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش بولۇپ بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ تەرجىمىسى: بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].

   ئاشۇ مۇشرىكلار ئۆزىلىرىنىڭ بۇتلىرىنى، شېرىكلىرىنى ۋە ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ، مۇشۇ ئىلاھلىق ۋە يېقىنلىق مۇھەببىتىگە قورقۇنچ، ئۈمىت، ئىبادەت ۋە دۇئا قاتارلىقلار ئەگىشىدۇ، بۇ تولۇق شېرىك بولغان مۇھەببەت بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى كەچۈرمەيدۇ، ئىمان پەقەت مۇشۇ شېرىكلىكنى دۈشمەن تۇتۇش، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتى، كىتاپلارنى نازىل قىلدى، مۇشۇ شېرىك سۆيگۈ ئەھلى ئۈچۈن دوزاخنى ياراتتى، شېرىككە قارشى تۇرغان، شېرىك ئەھلىنى دۈشمەن تۇتقان، كىشىلەر ئۈچۈن جەننەتنى ياراتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ ئەرشىدىن زېمىننىڭ تەھتىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ تۇتىدىكەن، ئىگە بولغۇچى تۇتىدىكەن، ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چۇقۇنغۇچىنىڭ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭغا ھەرقانچە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئادا-جۇدا بولىشى كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچىسى: ئاللاھ تائالا ئىنسان ئۈچۈن چىرايلىق قىلغان ئاياللار، ئەۋلادلار، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل ئاتلار، چارۋىلار ۋە زىرائەتلەرنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئىنسان ئۇنى خۇددى ئاچ قالغان كىشى تائامنى، ئۇسسۇز قالغان كىشى سۇنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ياخشى كۆرۈش ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    ئەگەر ئايالنى ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە ئۇلاشسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە تائىتىگە ياردەم ئالسا، ئۇ سۆيگۈگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە ئۇلىشىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ لەززەتلىنىدۇ، بۇ دۇنيادا ئاياللار ۋە خۇشبۇي نەرسىلەر ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈلگەن زاتنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ھالىتىدۇر، ئۇ زاتنىڭ ئۇ ئىككى نەرسىگە بولغان سۆيگۈسى، ئۇنىڭ ئاللاھ سۆيگۈسىگە، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزۈشكە ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى تۇرغۇزۇشقا ياردىمى بولدى.

   ئەگەر ئايالنى ئۆز تەبىئىتىگە، خاھىشىغا ۋە ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ياخشى كۆرسە، ئۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان نەرسىلەرگە تەسىرى بولمىسا، بەلكى ئۇ سۆيگۈگە ئۆز تەبىئىتىنىڭ مايىللىقى بىلەن يەتكەن بولسا، بۇ دۇرۇس بولغان سۆيگۈنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن جازالانمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۈچۈن ۋە ئاللاھ توغرىسىدىكى سۆيگۈسىنىڭ مۇكەممەللىكى كېمىيىدۇ.

    ئەگەر ئۇ كىشىنىڭ مۇرات-مەقسىتى ئاشۇ ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، ئۇ ئايالغا بولغان سۆيگۈسىنى ئاللاھ سۆيگۈسى ۋە ئاللاھ رازىلىقىدىن ئىلگىرى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.

    بىرىنچىسى: ئىلگىركىلەرنىڭ سۆيگۈسى، ئىككىنچىسى: ئوتتۇراھال يول تۇتقۇچىلارنىڭ سۆيگۈسى، ئۈچىنچىسى بولسا: زالىملارنىڭ سۆيگۈسىدۇر.  [ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ "روھ" ناملىق ئەسىرى 1-توم 254-بەت].

      پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد