سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

بىر نەچچە كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت نامازنى تەرك قىلغانلىق توغرىسىدا

سۇئال

    بەزى ۋاقىتتا شەيتان مېنى ئانانىزىم قىلىشغا قۇتىرتىدۇ، بۇ ئىش مېنى بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ياكى بىر قانچە كۈن ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ۋاقىت نامازنى تەرك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، تەرك قىلغان نامازلىرىمنى قايتا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ ياكى خاتالىقىمغا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇشۇم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز ئىنساننىڭ شان-شەرىپى، ئەركەكلىكىگە داغ چۈشىرىدىغان بۇنداق ناچار قىلىقنى تىزدىن تەرك قىلىڭ، ئىلگىرى بىز بۇ ھەقتە 329- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەن – ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن تەپسىلى بايان قىلدۇق.

    نامازنى تەرك قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك، نامازنى تەرك قىلىش دېگەن چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ھەتتا بەزى ئالىملارنى ئۈزۈرسىز نامازنى تەرك قىلىشنى كۇپۇرلۇق دەپ قارايدۇ.

     ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش تۆۋەنلىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ: خاتالىقتىن قول ئۈزۈش، قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ۋە بۇ چەكلەنگەن ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىق ئىرادىسىگە كىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن نامازلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇڭ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىنسانلار قىيامەت كۈنى تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىن نامازنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا بىلىپ تۇرۇپ پەرىشتىلەرگە: بەندەمنىڭ نامىزى تولۇقمىكەن ياكى تولۇق ئەمەسمىكەن قاراپ بىقىڭلار، ئەگەر تولۇق بولسا، تولۇق دەپ يىزىڭلار، ئەگەر نامازدىن بىرەر نەرسە تولۇق بولمىسا، بەندەمنىڭ نەپلە نامازلىرى بارمۇ قاراپ بىقىڭلار، ئەگەر نەپلە نامازلىرى بولسا، بەندەمنىڭ پەرىز نامازدىن تولۇق بولمىغانلىرىنى نەپلە نامازلىرى بىلەن تولۇقلاڭلار، ئاندىن كېيىن قالغان ئەمەللىرى شۇ بويىچە ھېساپلىنىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 864-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالادىن بىزنى، سىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمالارنى ئەپۇ قىلىشنى، سالامەت قىلىشنى ۋە دىندا مۇستەھكەم تۇرىدىغان قىلىشنى سورايمىز.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى