جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇئامىلىدە ياخشى لېكىن نامازغا سەل قارايدىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا قوشۇلسام توغرا بولامدۇ؟

89709

تارقاتقان ۋاقىت : 04-05-2015

كۆرگۈچىلەر : 4115

سۇئال

يېشىم ئوتتۇزدىن ھالقىغاندا تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، نامازغا سەل قارايدىغان ئەمما ئانىسىغا بەك كۆيۈنىدىغان، كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان، خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئورۇندايدىغان بىر كىشى، ماڭا ئەلچى كىرگۇزدى.
قېرىنداشلىرىم مېنىڭ ئۇ كىشى بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلۇپتۇ.  مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ توي قىلماي ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇشۇمدىن بىزار بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ كىشى بىلەن توي قىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقسام بولامدۇ؟، ماڭا بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم! بىز: سىز ۋە سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىزغا، سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان يىگىتگە قارىتا بۇ ھەقتە نەسىھىتىمىزنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك جاۋاپقا يىغىنچاقلايمىز:

بىرىنچى: سىزنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىزغا:

1- ئاللاھ تائالا سىلەرگە ھەمشىرەڭلار ئۈچۈنئۇنىڭغا دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشنى بېكىتتى، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ھەمشىرەڭلارغا مۇناسىپ بولغان ياخشى لايىقىنى تاللاش، مۇناسىپ كىشى بولۇپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى چەكلىمەسلىك، سىلەر ۋەلىسىز نىكاھنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىسىلەر، ۋەلىنىڭ ئەڭمۇھىم ئىشى سۈرۈشتۈرۈپ، ياخشىنى تاللاپ بېرىش ئارقىلىق قىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ گۇزەل بولۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەتتا ياخشى كىشى ۋە سالىھ يىگىتنى ئۈچراتقاندا ۋەلى بولغۇچى قىزىمنى ياكى سىڭلىمنى بېرەي دېسىمۇ بولىدۇ. ھەمشىرەڭلارنى ئۆزىگە مۇناسىپ بولمىغان كىشىگە تويلاپ قويۇش ياكى مۇناسىپ كىشى بىلەن توي قىلىشتىن چەكلەپ قويۇش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەرگە مەسئۇلىيىتىنى يۈكلىگەن ئامانەتنى زايە قىلىۋىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

2-بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىلەرنى ھەمشىرەڭلارگە مۇناسىپ كىلىدىغان لايىقنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ سىلەرگە كۆرسەتمە بەردى، ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئىككى سۈپەت تولۇق تېپىلغان كىشىدىن ئىبارەت: دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولۇش. بۇ ئىككى سۈپەتكە ئىگە بولغان كىشىدە ئاللاھ خالىساھەمشىرەڭلار ئۈچۈن بەلكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشىلىق ۋە بەخت-سائادەت تېپىلىدۇ. چۈنكى دىندار كىشى ئايالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ ئۆز ئۈستىگە ئاللاھ تائالا بېكىتكەن ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلارنى ياخشىلىق، تائەت-ئىبادەتكە يېتەكلەيدۇ، يامانلىق ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلەيدۇ.

گۈزەل ئەخلاق ئۇ كىشىنى ئايالىغا قوپاللىق قىلىشتىن چەكلەيدۇ، ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ، ئايالىنىڭ بىر ئىشىدىن ئاغرىنسا يەنە بىر ئىشىدىن رازى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايالنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدە قىلغان ىۇي-پەيلىگە سەبىر قىلىدۇ، ئەگەر ئايرىلىپ كېتىشنى خالىسا، ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىپ چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىدۇ.

3- شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ھەمشىرەڭلارنى كاپىرغا نىكاھلاپ قويساڭلار توغرا بولمايدۇ، پاسىققا نىكاھلاپ قويۇشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس، چۈنكى كاپىر بىلەن نىكاھ بولمايدۇ، پاسىققا نىكاھلاپ قويۇش بولسا ئامانەتنى زايە قىلىۋەتكەنلىك ۋە ساقلاشقا سەل قارىغانلىقتىنئىبارەتتۇر.

ناماز ئوقۇمايدىغان ئادەم مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكى توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىس ۋە ساھابىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ناماز ئوقۇسىمۇ جامائەتكە سەل قارايدىغان كىشى پاسىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك ھاراق ئىچكۈچى ۋە تاماكا چەككىچىمۇ پاسىق ھېسابلىنىدۇ ئەگەر ئۇ ھاراق ئىچىدىغان بولسا، پۈتۈن ناچارلىقنىڭ مەنبىيىنى قىلىۋاتقان بولىدۇ. بۇنداق كىشىگە سىڭلىڭلارنى نىكاھلاپ قويۇشۇڭلار توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق كىشىنىڭ ئايالىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش ۋە يۈز-ئابرۇيىنى ساقلىشىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ساغلام تەربىيە ئىلىپ بىرىشىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا سىلەرنى ھەمشىرەڭلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇدىغان قىلدى ۋە ئۇنى سىلەرگە ئامانەت قىلدى، ئامانەتنى ياخشى ئاسراپ ساقلاشنى بېكىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەمشىرەڭلارغا لايىق بولغان كىشىنىڭ دىن-دىيانىتى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرۈش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيتىڭلار، سىلەر ئۇ كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى بىلسەڭلار ھەمشىرەڭلارنى ئۇ كىشىگە ياتلىق قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ كىشى نامازنى تەرك قىلىش بىلەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇ كىشىگە يولى كەلگەندە چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ كىشى ناماز ئوقۇسىمۇ نامازنىڭ ۋاقتىغا سەل قارايدىغان ياكى جامائەتنى تەرك ئېتىدىغان ياكى ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان بولسا ئۇنىڭغا سىڭلىڭلارنى ياتلىق قىلماڭلار، چۈنكى ئامانەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ھەمشىرەڭلارنى دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان كىشىگە ياتلىق قىلىشىڭلار لازىمدۇر.

4-ھەمشىرەڭلارنىڭ ھەققىدە ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار، ئۇنىڭغا قاتتىق-قوپاللىق قىلماڭلار، توي قىلىشىنىڭ كېچىككەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەپ ئۇنىڭ قىزلىق غۇرۇرىنى چۈشۈرمەڭلار. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دەرت-خاپىلىقلىرىغا نۆۋىتى كەلگەندە سىلەر ئەرلەر بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىڭلار مۇمكىن. سىلەر ئۇنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى يەڭگىللىتىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ياخشى بىر لايىق ۋە كۆيۈمچان پەرزەنت ئاتا قىلغانغا قەدەر ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىش ئارقىلىق چىن دىلىڭلاردىن كۆيەنگەنلىكىڭلارنى ھېس قىلدۇرۇشىڭلار ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىككىنچى: سىز بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە:

1-بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا نامازنى تەرك قىلغۇچىنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىندى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىمۇ بۇ مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ قىلىشماستىن شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَإِن تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). [سۈرە تەۋبە 11-ئايەت].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مۇسۇلمان بىلەن كاپىر ۋە مۇشرىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نامازدۇردەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى82-ھەدىس].

ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىيق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئەمەللەر ئىچىدە نامازدىن باشقىنى تەرك قىلغانلارنى كاپىر دەپ قارىمايتتى (يەنى نامازنى تەرك قىلغۇچىلارنى كاپىر دەپ قارايتتى)." [تىرمىزى رىۋايىتى2622-ھەدىس].

قېرىندىشىم! سىز نامازنى تەرك قىلغان بولسىڭىز، بۇ قىلمىشىڭىزغا تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىپ، نامازنى بارلىق پەرز، ۋاجىپ، شەرتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ.

2-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاللاھ تائالا، قەستەن نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەردى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا تەرجىمىسى: ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. [سۈرە مەريەم 59-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:فَوَيْلٌ لِّلْمُصَلِّينَ . الَّذِينَ هُمْ عَن صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ

تەرجىمىسى: شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ،شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ. [سۈرە مائۇن 5-ئايەت].

3-ھاراق بولسا ئەڭ نىجىس ۋە پاسكىنا نەرسىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. [سۈرە مائىدە 90-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەرقانداق مەس قىلغۇچى ماددا ھاراقتۇر، ھەر قانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر، دۇنيادا ھاراق ئىچىپ، ھاراققا خۇمار بولغان ھالەتتە تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى جەننەت شارابلىرىنى ئىچەلمەيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق مەس قىلغۇچى ماددا ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا دۇنيادا ھاراپ ئىچىپ شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنى ئاخىرەتتە دوزاخ ئەھلىنىڭ تەر-يىرىڭلىرى بىلەن سۇغۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە قىلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2002-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: ھاراق بولسا بارلىق يامانلىقنىڭ مەنبىيىدۇر، كىمكى ھاراق ئىچىپ تەۋبە قىلمايدىكەن ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ، ئەگەر شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، جاھىلىيەت ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ. [تەبرانى رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

4-بىلىڭكى، تاماكا چېكىش ھارامدۇر. مەزكۇر قىلمىش مال ۋە سالامەتلىكنى زىيانغا ئۈچرىتىشتۇر. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى سىزدىن تاپقان مال-دۇنيالىرىڭىزنى نېمىلەرگە سەرپ قىلغانلىقىڭىز توغرىسىدا سوئال قىلىدۇ. ئەگەر تاماكا سىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭىزگە سەۋەپ بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كىشىگە ئوخشاش چوڭ جىنايەت سادىر قىلغان بولىسىز.

5-سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا بولۇپمۇ ئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭىز، خىزمىتىڭىزدە ئەستايىدىل شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئالاقىدا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىڭىز ياكى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا سەل قارىشىڭىز، ھاراق ئىچىپ-تاماكا چېكىشىڭىز قىز ۋە ئۇنىڭ ۋەلىلىرىنى سىزنىڭ توي قىلىش تەلىپىڭىزنى قوشۇلماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى بىر تۈزەشتۈرۈپ، نەپسىڭىزنى ئىسلاھ قىلىڭ، شۇنداق قىلغاندا ياخشى-سالىھە ئايالنىڭ ھەقىقى لايىقى بولالايسىز. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇن ياخشى بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقالايسىز.

ئۈچىنچى: سىزگە بولغان تەۋسىيەرىمىز:

1-سەۋىرچان بولۇڭ، ھەقىقەتتە تەۋرەنمەي مۇستەھكەم تۇرۇڭ، بىز سىزگە لايىق بولۇپ كەلگەن ھەرقانداق كىشىگە دىن ۋە ئەخلاق تەرەپتىن يول قويۇڭ دېمەيمىز، گەرچە ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ قالسىڭىزمۇ ھەقتە چىڭ تۇرۇڭ، ئايالنىڭ تەبىئىتى ئاجىز بولىدۇ، نۇرغۇن ئاياللار گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەن كىشىنى توغرا يولغا باشلاشنى مەقسەت قىلىپ توي قىلغان بولسىمۇ ئەمما نەتىجىگە ئېرىشەلمەي ئۆزلىرى زىيان تارتىشىدۇ. سىز بۇ يولدا ماڭماڭ، چۈنكى بۇ يولدا سىزدىن بۇرۇن ماڭغانلارمۇ كۆپ بولۇپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى "ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ دىنىدا بولىدۇ" دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار.

2-ئەگەر قېرىنداشلىرىڭىز سىزنى مەزكۇر كىشى بىلەن توي قىلىشقا قىستىسا، ئۇلار ئالدى بىلەن سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە ياتلىق بولۇشقا رازى بولمىغانلىقىڭىزنى بىلىشى ۋە ئۇ يىگىتكە بۇنى ئوچۇق بايان قىلىشى، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە تولۇق ئەمەل قىلىش توغرىسىدا سەمىمى ۋەدە ئىلىشى كېرەك. بۇنى ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئۇ ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاغزاكى ماقۇل دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلماي، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالدىرىمىسا بۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ. سىز ئۈچۈنمۇ تويدىن ئىلگىرى بۇ نىكاھنى قىلماسلىققا پۇرسەت يارىتىلىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەت ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

3-ئۇنىڭ نامازنى تەرك قىلغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا خاتالىقلىرى نىكاھ ئەقىدىسىنىڭ توغرا بولىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغان ئەڭ ياخشى نەسىھىتىمىز، ئەگەر سىز ئۇنىڭ توغرا يول تېپىشىنى ئۈمىد قىلىپ، توي قىلىشقا ماقۇل بولۇش ياكى بولماسلىقىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى، ئەمما بۇنىڭدىن يەنە ئىككىنچى بىر لايىق تاللىشىڭىز چەكلىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بىز سىز ئۈچۈن سەۋرچانلىق تىلەپ دۇئا قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن بۇ ئىشتا چىقىش يولى بەرگەي، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىر لايىق ئاتا قىلغاي. ئامىن.

4-بىلىشىڭىز كېرەككى، دىندار، ئەخلاقلىق كىشى بىلەن بىر بولغان ئائىلە تۇرمۇشى بەخىتلىك تۇرمۇش بولۇپ، بۇنداق ئەر بىلەن بولغان ئايال قۇرئان-سۈننەتكە مۇۋاپىق بولغان ئائىلە قۇرۇپ چىقالايدۇ. شۇنداقلا ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان شەكىلدە تەربىيلەپ يېتىشتۈرەلەيدۇ. ئەمما ئاسىي، ئەخلاقسىز كىشى بىلەن بولغان تۇرمۇش، دائىم كۆڭۈلسىزلىك، غەم-قايغۇ ۋە دۇنيا تېپىشنىلا مەقسەت قىلىپ، ئېسىل ئەخلاق گۈزەل غايىلەردىن خالى بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ئۆز ساھىبىنى يەنە بىر خاتالىققا سۆرەپ ئىلىپ بارىدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ دىلى قارىداپ، قاتتىقلىشىپ، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان ۋە يامانلىقنى ئىنكار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. گۇناھ-مەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھالى ئۆزگەرگەندەك، دىندار، ئەخلاقلىق ئايالنىڭمۇ ئەخلاقى ئۆزگىرىپ ناچارلىشىپ كېتىدۇ.لېكىن ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش، بىرگە ئۆتۈش، مېھرى-مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق، بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئېنىقسىز نەرسىگە ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ۋاقىئەگە ئۇيغۇن بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشى ئۆزىگە لايىق كۆرىدىغان ئەردە گۈزەل ئەخلاق ۋە دىندىن ئىبارەت ئىككى سۈپەت بولىشى مۇھىمدۇر. مال ۋە نەسەپ بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئەرنىڭ دىندار، ئەخلاقلىق بولىشىدۇر. چۈنكى ئەر دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولسا، ئايال كىشى ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىسىنى يوقۇتۇپ قويمايدۇ، بىرگە ياشىسا بەخت ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەگەر ئايرىلىپ كەتسىمۇ چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىدۇ، دىندار، ئەخلاقلىق كىشى ئايالغا ۋە پەرزەنتلىرىگە بەرىكەت بولىدۇ. ئەۋلادلار ئۇنىڭدىن گۈزەل ئەخلاق ۋە دىن ئۈگىنىدۇ. ئەر كىشى دىندار، ئەخلاقلىق بولمىسا، بولۇپمۇ نامازنى تەرك قىلىدىغان ياكى سەل قارايدىغان، ھاراق ئىچىدىغان بولسا بۇنداق ئەردىن يىراق تۇرۇش لازىم، پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ. مۇسۇلمان ئايالنىڭمۇ ناماز ئوقۇمايدىغان ئەرگە ياتلىق بولىشى توغرا بولمايدۇ. ئايال ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى دىندار ۋە ئەخلاقلىق ئەردۇر. ئەمما نەسەب ۋە مال-دۇنيا بولسا، ئەگەر ياخشى بولمىسا كىيىن ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان ئادەم ئەلچى بولۇپ كەلسە ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇڭلار. [شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ دىندار بولسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ".

[مۇسۇلمان ئاياللار توغرىسىدىكى پەتىۋالار2-توم 702-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "توي قىلماقچى بولغان يىگىت جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇمايدىغان، جامائەتكە سەل قارايدىغان بولسا، بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغۇچى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە خىلاپلىق قىلغۇچى پاسىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى ناملىق ئەسىرى 23-توم 222-بەتتە" مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام ئالىملىرى جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، يەنى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئىسلامدىكى تائەت-ئىبادەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك ئەمەللەردىن ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. (تۈگىدى).

لېكىن ئىنساندىكى بۇ پاسىقلىق ئۇ كىشىنى مۇسۇلمانلىق دائىرىسىدىن چىقىرىۋىتەلمەيدۇ، ئۇ كىشىنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەخلاقلىق ۋە دىندار كىشى بولۇپ قالسا گەرچە ئۇ كىشىنىڭ پۇلى ئاز ۋە نەسەبى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇ ياخشىراق لايىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان بىرسى قىز سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويۇڭلار دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇنىڭدا بەزى كەمچىللىكلەر بولسىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان بىرسى قىز سوراپ كەلسە، ئۇنىڭغا نىكاھلاپ قويۇڭلار دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئايال كىشى تۆت ئىش ئۈچۈن نىكاھلىنىشقا ئىختىيار قىلىنىدۇ؛ مال-دۇنياسى، ھۆسنى جامالى، نەسەبى، دىنى، دىندار ئايال بىلەن توي قىلساڭ بەخت تاپىسەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ھەدىستە تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن ئەر-ئاياللارداتەلەپ قىلىنىدىغان ۋە ئەھمىيەت بىرىلىدىغان ئىش دىن ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئوچۇق ئىپادىلىنىدۇ. قىزنىڭ ۋەلىلىرى ئۆزىنڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرسىتىپ بەرگەن كۆرسەتمىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرسى بويىچە سوئال قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ فَيَقُولُ مَاذَا أَجَبْتُمُ الْمُرْسَلِينَ تەرجىمىسى: ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا نىدا قىلىپ ئېيتىدۇ: "پەيغەمبەرلەرگە نېمە بىلەن جاۋاپ بەردىڭلار؟". [سۈرە قەسەس 65-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ . فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِم بِعِلْمٍ ۖ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ تەرجىمىسى: بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ سورايمىز.قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز). [سۈرە ئەئراف 6-7-ئايەتلەر].

ئەمما توي قىلماقچى بولغان يىگىت جامائەت بىلەنمۇ ياكى ئۆزى يالغۇزمۇ پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، بۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تىزدىن تەۋبە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلىپ ناماز ئوقۇسا، تەۋبىسى خالىس ئاللاھ تائالا ئۈچۈن بولسا مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق قىلمىسا كاپىر-مۇرتەدنىڭ ھۆكۈمىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ (بۇ ھۆكۈم شەخسلەر تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى شەرئىي ھاكىمىيەت بۇيرۇقى ئاستىدا ئىجرا قىلىنىدۇ)، شۇنداقلا جەسىتى يۇيۇلماستىن، كىپەنلەنمەستىن ۋە نامىزى ئوقۇلماستىن مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدىن باشقا بىر جايغا دەپنە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىگە قۇرئان-ھەدىستە (نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا) نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان. شەيخ يەنە مۇنداق دەيدۇ: قۇرئان-ھەدىسنىڭ دەلىللىرىدىن نامازنى تەرك قىلغۇچى كاپىر بولۇپ، ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا بىردەك توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَنكِحُوا الْمُشْرِكَاتِ حَتَّىٰ يُؤْمِنَّ ۚ وَلَأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ ۗ وَلَا تُنكِحُوا الْمُشْرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤْمِنُوا ۚ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ ۗ أُولَـٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّـهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ ۖ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ تەرجىمىسى: ئى مۇسۇلمانلار! مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر) مۇشرىك ئايال (ھۆسن - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ، مۆمىن دېدەك، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار، (ھۆر) مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ مۆمىن قۇل، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار سىلەرنى) دوزاخقا چاقىرىدۇ، اﷲ ئۆز ئىرادىسى بويىچە (سىلەرنى) جەننەتكە، مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ، كىشىلەر پەند - نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. [سۈرە بەقەرە 221-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ ۖ لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ تەرجىمىسى: ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس. [سۈرە مۇمتەھىنە 10-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى ئايەتنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇسۇلمان ئالىملىرى مۇسۇلمان ئايالنىڭ كاپىر ئەر بىلەن توي قىلىشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە (توغرا بولمايدىغانلىقىغا) بىرلىككە كەلگەن. مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ قىزى ياكى ھەمشىرىسىنىڭ توي ئىشىغا ئىگە بولغان كىشىلەر ئۇلارنى ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىگە ياتلىق قىلىشى توغرا بولمايدۇ،. بۇ شەكىلدىكى نىكاھ بىلەن قىز ئوغۇلغا ھالال بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان نىكاھ ئەھدىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە :كىمكى بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى دىندىن دەپ قىلسا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەر نامازنى تەرك قىلىش بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئەمەلدىن قالىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلىپ نامازنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئىسلامغا قايتسا، نىكاھى ئەسلىگە كېلىدۇ.

جاۋابىمىزنىڭ خۇلاسىسى: توي قىلىش تەكلىپىنى قويغان بۇ ياش ناماز ئوقۇسىمۇ جامائەتنى تەرك قىلغان بولسا كاپىر بولمايدۇ بەلكى پاسىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ لېكىن دىندار ۋە ئەخلاقلىق بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئەمما جامائەت بىلەنمۇ ياكى يالغۇزمۇ پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كەتكەن مۇرتەد، كاپىر ھېسابلىنىدۇ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئايال بىلەن توي قىلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت سەمىمى تەۋبە قىلىپ، ناماز ئوقۇپ، دىندا مۇستەھكەم تۇرغاندا ئاندىن توي قىلىشىغا قېتىلسا بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 12/31 -سوئال.

ھەمشىرەم! سىز سەۋىر، ناماز ۋە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەڭ، ئاللاھ تائالا سىزنى تائەت-ئىبادەتتە مۇستەھكەم قىلسۇن. سىزنىڭ تۇرمۇش ئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن. ياخشى پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلسۇن.

ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى