يەكشەنبە 24 زۇل ھەججە 1445 - 30 ئىيۇن 2024
Uygur

قەسەمنى كۆپ قىلىپ ئۇنىڭغا كاپارەت بەرمىگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ تىز ئاچچىقىم كېلىدۇ ۋە ئىتتىك قەسەم قىلىۋېتىمەن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئېغىزىمدىن قەسەم چىقىدۇ، ئۈستۈمدە قەسەمنىڭ كاپارىتىدىن قانچىلىك بارلىقىنى بىلمەيمەن، قانچىلىك قەسەم قىلغانلىقىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئۈستۈمدىكى كاپارەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشنى خالايمەن، نېمە قىلىشىم كېرەك؟، قەسەمنىڭ كاپارىتى بولسۇن دەپ ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى چۈشلۈك تاماققا چاقىرسام توغرا بولامدۇ؟، تالاق بىلەن قەسەم قىلسا، قەسەمنىڭ چۈشۈپ كېتىشى بىلەن كاپارەت ۋاجىپ بولامدۇ؟، بىلىشىمچە، تالاق بىلەن قەسەم قىلغاندا نىيەت-مەقسىتى ئېنىق ئەمەس، لېكىن كۆپىنچە ئەھۋالدا تالاقنى مەقسەت قىلمىغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: قەسەمنى كۆپ قىلىش ياقتۇرۇلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلا تُطِعْ كُلَّ حَلافٍ مَهِينٍ‎ تەرجىمىسى: «قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن» [سۈرە قەلەم 10-ئايەت].

قەسەمنى كۆپ قىلغان ئىنساننى سۆككەنلىك بولسا ئۇ كىشىنىڭ قىلىقىنى ياقتۇرمىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن. ["ئەلمۇغنى" 13-توم 439-بەت].

    ئىككىنچى: قەسەمنى كۆپ قىلغان كىشى قەسىمىنى بۇزغاندىن كېيىن قەسىمىگە كاپارەت بەرمىگەن بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ھالەت بولىدۇ:

   بىرى: قەسەم بىر ئىشقا قىلىنغان بولسا، ئاللاھ بىلەن قەسەم! تاماكا چەكمەيمەن دېگەنگە ئوخشاش، ئاندىن قەسىمىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭغا كاپارەت بەرمىگەن بولسا، ئاندىن يەنە شۇنداق قەسەم قىلغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىگە بىر كاپارەت كېتىدۇ.

   ئىككىنچىسى: پەرقلىق ئىشلارغا قەسەم قىلغان بولسا، خۇددى: ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچمىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلمىدىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانى جايغا بارمايمەن دېگەندەك قەسەملەرنى قىلغان بولسا، ئاندىن قەسىمىنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ھېچ بىرىگە كاپارەت بەرمىگەن بولسا، ئۇ كىشىگە بىر كاپارەت كېرەك بولامدۇ ياكى بىر قانچە كاپارەتمۇ؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا پىقھى ئالىملارنىڭ پەرىقلىق قارىشى بار. كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنىڭغا بىر قانچە كاپارەت كېلىدۇ دەيدۇ بۇ توغرا قاراشتۇر. چۈنكى قەسەم پەرقلىق ئىشلار ئۈچۈن بولغانلىقىدىن ھەر بىر قەسەم ئۆز ئالدىغا مۇستەقىلدۇر. ["ئەلمۇغنى" 9-توم 406-بەت].

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۆپ قەسەم قىلىدىغان بىر ياش، ھارام ئىشنى قىلمايمەن دەپ ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق تۆۋە قىلدىم، مېنىڭ سوئالىم: ماڭا بىر كاپارەت كېلەمدۇ ياكى ئۈچمۇ؟ مېنىڭ كاپارىتىم قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سىزگە بىر كاپارەت كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئون مىسكىن-كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىش، ئۇنى تاپالمىغاندا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏لا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ تەرجىمىسى: « ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستىن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ» [سۈرە مائىدە 89-ئايەت].

    شۇنىڭدەك، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى تەرك قىلىشقا قىلىنغان قەسەمگە دەسلەپتە كاپارەت بەرمىگەن بولسا، ئەگەر شۇ قەسەمنىڭ ئۆزى تەكرارلانغان بولسا ئۇنىڭغا پەقەت بىر كاپارەت كېلىدۇ. ئەمما دەسلەپتە قىلغان قەسەمگە كاپارەت بەرگەن بولسا، ئاندىن قايتىدىن قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ قەسەمنى بۇزغاندا ئىككىنچى قېتىم يەنە كاپارەت بېرىدۇ، ئىككىنچى قېتىم كاپارەت بېرىپ بولغاندىن كېيىن قەسەمنى يەنە تەكرارلاپ، بۇزغان بولسا ئۈچىنچى قېتىم يەنە كاپارەت بېرىدۇ.

    ئەمما پەرقلىق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ ياكى تەرك قىلىمەن دەپ تەكرار قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەر بىر قەسىمىگە بىردىن كاپارەت كېلىدۇ. ئەگەر: ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانىغا سۆز قىلمايمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم يېمەك يېمەيمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانى جايغا بارمايمەن ياكى ئاللاھ بىلەن قەسەم پالانىغا ئەلۋەتتە سۆز قىلىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئۇنى چوقۇم ئۇرىمەن دېگەنگە ئوخشاش.

    يېمەك بېرىشتە: ھەر بىر كەمبەغەل-مىسكىنگە شۇ يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكتىن بىر يېرىم كىلۇ ئەتراپىدا بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ.

   كىيىم بېرىشتە: كىيىپ ناماز ئوقۇسا ناماز ئادا بولىدىغان ئۇزۇن كۆينەك ياكى ئىشتان-چاپان دېگەن نەرسىلەرنى بەرسە بولىدۇ، يېمەكتە چۈشلۈك ياكى كەچلىك بىر ۋاخلىق يېمەك بەرسە بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئايەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى شۇنى ئىپادىلەيدۇ.

    ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى" 23-توم 145-بەت].

    ئۈچىنچى: قىلغان قەسەمنىڭ سانىنى ئېنىق بىلمىسىڭىز، شۇنىڭغا يېقىن بىر ساننى بېكىتىش بىلەن ئۇنى بىلىشكە تېرىشىڭ، قىلغان قەسىمىڭىز تۈرلۈك ئىشلار ئۈچۈن بولغان بولسا، سىز بېكىتكەن يېقىن سان بويۇنچە ئۈستىڭىزدىكى ۋاجىپ بولغان كاپارەتنى ئادا قىلىڭ.

    تۆتىنچى: ئەگەر يېقىنلىرىڭىزدىن كەمبەغەل كىشىلەر بولسا، ئۇلاردىن ئون كىشىنى چۈشلۈك ياكى كەچلىك يېمەككە ھەممىسىنى بىرۋاقىتتا بىر قېتىم ياكى پەرقلىق ۋاقىتلاردا ئايرىم-ئايرىم دەۋەت قىلسىڭىز ئاشۇ قەسىمىڭىزنىڭ كاپارىتىگە كۇپايە قىلىدۇ.

    قۇل ئازاد قىلىشقا ياكى يېمەك بېرىشكە ياكى كىيىم بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان كىشى يۇقىرىدىكى ئايەتتە بايان قىلىنغاندەك، ئۈچ كۈن روزا تۇتسا كۇپايە قىلىدۇ.

   بەشىنچى: تالاق بىلەن قەسەم قىلىش زور ئىش بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا كۆرە، بۇ قەسەم بۇزۇلغاندا تالاقنىڭ يۈز بېرىشى كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قەسەمدىن ساقلىنىش كېرەك.

    بەزى ئالىملار بۇنىڭدا قەسەم قىلغۇچىنىڭ نىيەت-مەقسىتىگە قارىلىدۇ، ئەگەر قەسەم قىلغۇچى بۇنىڭ بىلەن ئايالىغا تەھدىت قىلىپ ياكى بىر ئىشقا قىزىقتۇرۇپ ياكى چەكلەپ ياكى تەستىقلاپ ياكى ئىنكار قىلىپ قەسەم قىلىپ ئاندىن قەسەمنى بۇزغان بولسا، ئۇ كىشىگە قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ، ئەگەر بۇنىڭ بىلەن تالاقنى مەقسەت قىلىپ قەسەم قىلغان بولسا تالاق بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ نېمىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. 

    ئەگەر كۆڭلىدە ئىككى ئىشنىڭ بىرى يەنى قەسەم بىلەن تالاقنىڭ بىرى كۈچلۈك بولسا، كۈچلۈك بولغىنىغا ئەمەل قىلىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى