جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تويلۇق مېھرىگە نىكاھ ئەقدىسىدە يېزىلغان پول بىرلىكىدىن باشقا پۇل بەرسە توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

  ئايالنىڭ تويلۇق مېھرىگە نىكاھ ئەقدىسىدە يېزىلغان پول بىرلىكىدىن باشقا پۇل بىرلىكىنى بەرسە توغرا بولامدۇ؟ يەنى تۈرۈك لىراسى دەپ يىزىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا سەئۇدىينىڭ رىيالى ياكى ئامېركىىڭ دوللىرىنى بەرسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ئەر-ئايال ئىككەيلەن تويلۇق مېھرىگە نىكاھ ئەقدىسىدە يېزىلغان پۇل بىرلىكىدىن باشقا پۇل بىرلىكىنى بېرىشقا رازى بولغان بولسا بۇنداق قىلىش توغرا بولىدۇ، لېكىن پۇل بىرلىكى نىكاھ ئەقدىسى پۈتۈلگەن كۈندىكى باھا بويىچە بولماستىن بەلكى پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىكى باھاسى بويىچە بولىشى كېرەك، ئايالغا تويلۇق مېھرىنى تولۇق  تاپشۇرۇۇپ بېرىشى، ئۇ يەردىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى ئايالنىڭ ئەردىن ئالىدىغان مېھرىگە ئالاقىدار بىر نەرسىسى قالماسلىقى  كېرەك بولىدۇ.

    بۇنىڭ دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بەقىينىڭ يېنىدا تۆگە ساتاتتىم، ئالتۇنغا سېتىپ ئورنىغا كۈمۈش تەڭگە تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، كۈمۈش تەڭگىگە سېتىپ ئالتۇن تاپشۇرۇپ ئالاتتىم، بۇ توغرىدا پەيغەمەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ ئىشنى ئىككىڭلار سودا قىلىپ، ئايرىلىشتىن بۇرۇن،  بىر-بىرىڭلارنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىپ شۇ كۈنلۈك باھا بويىچە مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد 3354-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى4582-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ:"ئەلمەجمۇ" ناملىق ئەسەر 9-توم 330-بەتتە كەلتۈردى. ئبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "تەھزىيب ئەسسۈنەن"ناملىق ئەسەردە، ئەھمەد شاكىر رەھىمەھۇللاھ"مۇسنەدنىڭ تەتقىقاتى"7-توم 226-بەتتە كەلتۈردى، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ زەئىپ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى].

    ھەدىس شەرىئەتىڭ ئىلىم-سېتىم ۋە جازانە توغرىسىدىكى قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن پىقھى ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش داۋاملاشتى. ["شەرھىل مۇمتىئ"8-توم 305-بەت].

    دائىمى كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: بىر كىشى پارانسىيە پۇلى قەرىز ئالغان بولۇپ، قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا قەرىز بەرگەن كىشى ئالجىرىيە پۇلى بىلەن قايتۇرىسىز دېگەن بولسا قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ ېىرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشى پارانسىيە پۇلىنىڭ قىممىتىدە ئالجىرىيە پۇلى بىلەن ئادا قىلسا توغرا بولىدۇ، ياكى پارانسىيە پۇلىنى قەرىزنى تاپشۇرىدىغان كۈنىدىكى ئالجىرىيە پۇلىنىڭ قىممىتى بىلەن ھېسابلاپ ئىككىسى ئايرىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرسا توغرا بولىدۇ".  [دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 14-توم 143-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى