جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟

8630

تارقاتقان ۋاقىت : 31-07-2010

كۆرگۈچىلەر : 4722

سۇئال

سوئال: كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن بىراۋ ئەتە شۇنداق قىلىمەن، كېلىدىغان ئايدا شۇنداق قىلىمەن دېگەنگە ئوخشاش پىلانلارنى تۈزىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
بۇنىڭدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزسە بولىدۇ. لېكىن شۇنى دېگەندە ئاللاھ خالىسا شۇنداق قىلىمەن دېگەننى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. ئاللاھ بىزگە تەلىم بېرىپ:« سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، ئەتە ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن دېمەي، ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى ئاللاھ خالىسا قىلىمەن دېگىن)» (كەھف سۈرىسى 24- ئايەت).
ئىنساننىڭ كېلەچەكتە قىلماقچى بولغان ئىشىنى نىيەت قىلىشى، بەل باغلىشى، پىلانلىشى پەقەت ئۈمىت ئارزۇغا يۆلەنگەن بىر ئىش بولۇپ، ئارزۇ نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىشلەشكە باغلىقتۇر. لېكىن مۇسۇلمان ئادەم بۇ ھاياتلىقتا ئۆزىنىڭ دىنىغا، دۇنيالىقىغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا قىزىقىدۇ، سەۋەب قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساڭا پايدىلىق ئىشلارغا تىرىشقىن، ئاللاھتىن ياردەم سورىغىن دەپ تەلىم بەرگەن. ئاللاھ قۇرئاندا: ئاللاھقا ئىبادەت قىل ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىل دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما كاپىر ياكى غاپىل كىشى سەۋەبلەرگىلا يۆلىنىپ، ھەممە ئىش باشقۇرۇشىدا ۋە ئىلكىدە بولغان پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇيدۇ.
دۇنيادا ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى بولمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىستىگىنىگە يېتەلمەسلىك، زىيانغا ئۇچراش ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىشلارنى ئويلىغىنىدا بىلىدۇكى، ئۇ بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە پەقەت ئارزۇ ۋە ئۈمىد بىلەنلا ياشىيالايدۇ. ئارزۇ ئارمان ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشلەشكە قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن مۇسۇلمان ئادەم ھىممىتىنى دۇنياغىلا بېغىشلىماسلىقى بەلكى ئاخىرەتنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى لازىم. ئاللاھتىن ياردەم سوراپ، سەۋەب قىلىشنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكى لازىم.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇراھمان ئەل باراك