پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

دوختۇر خانىم مەھرىمى بولمىسىمۇ ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرگە ھەجگە بارسا بولامدۇ؟

83720

تارقاتقان ۋاقىت : 10-11-2012

كۆرگۈچىلەر : 3293

سۇئال

قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قېلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۆتكەن يىلى مەھرىمىم بىلەن بىرلىكتە ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغان ئىدىم. بۇ يىل مەن بىلەن بىرگە بارىدىغان مەھرەم يوق، شۇنىڭدەك دوختۇرنىڭ ئۆمەك بىلەن بىرگە مېڭىشى بېكىتىلگەن. ھازىر ھەج ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا ئۆمەك باشقا بىر دوختۇر تېپىپ بولالمايدۇ. مەن قانداق قېلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. گەرچە ئۇ ئايال پەرز ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇخارىيدا 1729-، مۇسلىمدا 2391 - نومۇرلۇق ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن. ئەر كىشىمۇ مەھرەمسىز ئايالنىڭ يېنىغا كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىر كىشى:ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن پالانى قوشۇن بىلەن ئۇرۇشقا چېقىشقا تەييار بولغان ئىدىم، ئەمما ئايالىم ھەج قىلىشنى خالايدۇ، دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەجگە بارغىن دەيدۇ.

ئەمما نەپلە ھەج بولۇپ قالسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ۋە ئۇلاردىن بەزىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، ئايال كىشىنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چېقىشى مۇتلەق چەكلىنىدۇ. گەرچە ئۆمەك دوختۇرغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، باشقا دوختۇر ئىزدەشكە شارائىت ۋە ۋاقىت ياربەرمىسىمۇ، بۇ سەۋەبلەر دوختۇر ئايالنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنى دۇرۇس قىلالمايدۇ. ئىنسان ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاسىيلىق قېلىش بەدىلىگە ھەج ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق قانداقمۇ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشسۇن؟!.

ئاللاھنىڭ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشى ۋە بۇ يولدا مۇستەھكەم قىلىشىنى سورايمىز.

توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى