پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

جىنسى جەھەتتە روھلاندۇرىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

رامىزاندا ئىپتار ۋاقىتلىرىدا ھوزۇرلۇنۇشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىنسى جەھەتتە روھلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ھۆكمى نىمە؟. بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:

   جىنسى جەھەتتە روھلاندۇرىدىغان نەرسىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   بىرىنچىسى: تۈرلۈك يىمەكلىكلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش تەبىئىي نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ بەدەنگە زېيىنى يەتمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا، ئىستىمال قىلسا بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭدىن يىراق بولۇش كېرەك. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش يوق» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى2341-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

"شەرىئەت ئەدەپلىرى" 2-توم، 463-بەتتە مۇنداق دېگەن: "ھەر قانداق نىجىس نەرسە بىلەن ۋە پاكىزە بولسىمۇ چەكلەنگەن ياكى بەدەنگە زىيانلىق بولغان نەرسە بىلەن داۋالىنىش ۋە سۈرمە تارتىش چەكلىنىدۇ".  ئۆلىمالارنىڭ كىتابلىرىدا بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ پايدىلىرى، شەھۋەتنى ئاشۇرۇپ، جىماغا  كۈچلەندۈرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلاردىن بىرى ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ: «ھىندىستاننىڭ خۇشپۇراقلىق ئۇد ياغىچىنى ئىشلىتىڭلار، ئۇنىڭدا يەتتە تۈرلۈك شىپا بار.» [بۇخارى رىۋايىتى 5260-ھەدىس مۇسلىم رىۋايىتى 4103-ھەدىس]. يۇقىرىقى ھەدىسىگە ئىزاھات  بېرىپ مۇنداق دېگەن: ھىندىستاننىڭ ئۇد ياغىچى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ پايدىلىرىنى بايان قىلىپ: (ئاشقازاننى قىزىتىدۇ، جىنسى شەھۋەتنى قوزغىتىدۇ، يۈزگە سۈركىسە داغ-سەپكۈنلەرنى يوقىتىدۇ....) دېگەن. "پەتھۇل بارىدىن "ئېلىندى.

   ئۇلار يەنە قاپاق ئۇرۇقى، پىستە، خەرۇبنىڭ ئۇرۇقى ۋە تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان. ئىبنى مۇفلىھ رەھىمەھۇللاھنىڭ "شەرىئەت ئەدەپلىرى"3-توم: 7-بەت ۋە 2-توم: 370-375-بەت.

   مۇھىمى: ئىنسان بۇ نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتا ئىسراپ قىلماسلىقى ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن ئۆزىنىڭ شەھۋىتىنى ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەشكە ھەۋەسكار بولۇپ، ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

   ئىككىنچى: مۇشۇ غەرەز ئۈچۈن دورا-ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستىمال قىلىش مەس قىلىدىغان ياكى بەدەنگە زىيان قىلىدىغان ھارام نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمىسا دۇرۇس بولىدۇ، چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالسا يۇقىردا بايان قىلغاندەك ھارام بولىدۇ، لېكىن بۇ نەرسىلەرنى پەقەت ئاجىزلىق، كېسەللىك، ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبلەردىن ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئىشەنچىلىك ۋە تەجرىبىلىك تېۋىپقا مۇراجىئەت قىلىپ ئىشلىتىش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان زىيىنى بارلىرىمۇ ۋە زىيانسىزلىرىمۇ بار، ئىشلىتىشكە ھاجىتى بولمايدىغان، ساغلام كىشىنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى ئىشلىتىشىدە - گەرچە سۇئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك، ئارتۇقچە لەززەتلىنىشكە تۈرتكە بولسىمۇ- ياخشىلىق بولمايدۇ، ئىلگىرىكىلەر توغرا ئېيتقان: دورا دېگەن سوپۇنغا ئوخشايدۇ، كېيىمنى پاكىزلىسىمۇ لېكىن كىيىمنى چېرىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولسا دورا ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن يىراق بولۇش كېرەك.

    ئاشۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ دەۋرىدە كەڭ تارقالغان بىر مىسالنى بايان قىلىمىز: "فىياغىرا" دەپ بىر دورا بولۇپ، بەزى كىشىلەر بۇ دورىنى تەكشۈرمەستىن ۋە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماستىن ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا زور زىيان يەتكەن، بۇ توغرىدا زايىد ھەربى دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسەللىكلەر دوختۇرى ئابدۇللاھ نۇئەيمى جىنسى روھلاندۇرغۇچى نەرسىلەر توغرىسىدىكى بىر يېغىندا مۇنداق دېگەن: "بۇ دورىدىن بەزىسى ئېغىر بولغان قوشۇمچە كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ، مەن كانادادا 8500 كىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردىم، ئۇلاردىن 16% كىشى باش ئاغرىقىغا گىرىپتار بولدى، بەزىلەرنىڭ يۈزىگە قىزىللىق ۋە ھارارەت پەيدا بولدى، بەزىلەر ئاشقازان ئاچچىق ۋە ھەزىم قىلىش قېيىن بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولدى، بەزى قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمى ئۇلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتتى.

   ئۇ كېسەللىكدىن سالامەت كىشىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، ئەمما يۈرەك قان تومۇرلىرى توسۇلۇپ قىلىشتەك خاس كىسەللىكلەرگە دۇچار بولغان كىشىلەر دەسلەپتە دوختۇرغا كۆرۈنىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى "نايترايت" ئىسىملىك دورىنى ئىستىمال قىلىدىغان بولۇپ، بۇ دورىنى "فىياغىرا" دورىسى بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغاندا كۈچلۈك رىئاكسىيە قىلىدۇ، "فىياغىرا" دورىسى بۇ دورىنىڭ كېسەلنىڭ جىسمىدا پارچىلىنىشىنى چەكلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بۇ دورا قان بېسىمىنىڭ چۈشىشىنى نەچچە ئون ھەسسە تۆۋەنلىتىپ، بەزى ۋاقىتتا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ، بىز مۇشۇنداق ھالەتتە ۋاپات بولغانلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، بەزى كىشىلەردە يۈرەك توختاپ قىلىش، يۈرەك تومۇرلىرى توسۇلۇپ قىلىش كېسىلى بولۇپ، ئۇلار "فىياغىرا" دورىسىنى ئىستىمال قىلغاندا، نايتىرايت دورىسىنىمۇ ئىستىمال قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نايتىرايتنىڭ ئەسلىدىكى تەسىرى نەچچە ھەسسە زىيادە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قوشۇمچە كېسەللىككە سەۋەپ بولىدۇ.

ئىككىنچى:

    روھلاندۇرغۇچى بۇ دورىلارنى رامىزاننىڭ كېچىلىرىدە ياكى باشقا يېمەك-ئىچمەك دۇرۇس بولىدىغان ۋاقىتلاردا ئىستىمال قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، ئىستىمال قىلىش توغرا بولسا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە دۇرۇس بولىدۇ، چەكلەنسە ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە چەكلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئىپتاردىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن مەنپەئەتلىنىشىنى دۇرۇس قىلىپ، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَآئِكُمْ هُنَّ لِبَاسٌ لَّكُمْ وَأَنتُمْ لِبَاسٌ لَّهُنَّ عَلِمَ اللّهُ أَنَّكُمْ كُنتُمْ تَخْتانُونَ أَنفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنكُمْ فَالآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُواْ مَا كَتَبَ اللّهُ لَكُمْ وَكُلُواْ وَاشْرَبُواْ حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّواْ الصِّيَامَ إِلَى الَّليْلِ وَلاَ تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ تِلْكَ حُدُودُ اللّهِ فَلاَ تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى:«روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى