جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

پۇتبولچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟

75644

تارقاتقان ۋاقىت : 22-01-2021

كۆرگۈچىلەر : 1586

سۇئال

   پۇتبول كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    "پىقھى توپلاملىرى"2-توم 69-بەتتە"ئىھتىراپ" دېگەن سۆزنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: كەسىپ قىلىش ياكى كەسىپ ئۈچۈن ھۈنەر ئۆگىنىش دېمەكتۇر. ھۈنەر دېگەن: ئىنسان مەشغۇل بولىدىغان ۋە مەشھۇر بولغان ئىشلاردۇر، خۇددى پالانى ئانداق ئۇستام، مۇنداق ئۇستام دېيىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئىشى ۋە ئادىتىنى بىلدۈرىدۇ، ھۈنەر دېگەن سۆزگە سانائەت، ئىش دېگەندەك سۆزلەر مەنىداش كېلىدۇ.

     ئەرەپچىدە"ئىمتىھان" دېگەن سۆز بىلەن ئېھتىراپ" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدە ھېچ پەرق يوق، چۈنكى ھەر ئىككىسى بىر-بىرىگە مەنىداش سۆز بولۇپ، ھەر ئىككىسىدىن قىلغان ئىشىغا ماھىر بولۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. مۇشۇ مەنادا پىقھى ئالىملىرى لۈغەت ئالىملىرىغا مۇۋاپىق كەلگەن، ئۇلار ھۈنەر-سانائەتنىمۇ بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىشلىتىدۇ. ["پىقھى توپلاملىرى"2-توم 69-بەت].

    ھېچ بىر كىشىنىڭ پۇتبول ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئويۇنلارنى ئويناشتىن سىرت كەسىپ قىلىۋېلىش توغرىسىدا پەتىۋا بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ھازىرقى دەۋرىدە مۇشۇ ئويۇندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، ئويۇن ئوينىلىۋاتقان مۇھىتقا سەل قارىماسلىق كېرەك، بۇ ئويۇن جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئەۋرەت سانىلىدىغان يەرلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ، نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، تۈرلۈك پىتنە-پاساتلارغا ئۇچرايدۇ، ئەزىيەت ۋە خەتەرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تائەت-ئىبادەتلەرگە سەل قارىلىپ قالىدۇ.

   شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى دەۋرىدە توپ ئويناش بىلەن بىرگە توپ ئويناشنى چەكلەشنى تەقەززا قىلىدىغان نۇرغۇن چەكلەنگەن ئىشلار يۈزبىرىدۇ، بۇ ئىشلارنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق بايان قىلىمىز:

    بىرىنچى: بىزدە ئىسپاتلانغان دەلىللەرگە كۆرە، ناماز ۋاقتىدا توپ ئويناش، توپ ئوينىغۇچىلار ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ نامازنى ياكى جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشىغا ياكى نامازنى كېچىكتۈرۈپ ۋاقتى چىقىپ كەتكەندە ئوقۇشقا سەۋەپ بولىدۇ، ھەر قانداق ئىش نامازنى شەرئى ئۈزۈرسىز ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولىدىكەن شەكسىز ھارام بولىدۇ-چەكلىنىدۇ.

    ئىككىنچى: بۇ ئويۇننىڭ تەبىئىتىگە، تەرەپبازلىق، پىتنە قوزغاش، ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر بار، بۇ ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىۋاتقان كەڭ قورساقلىق، كېلىشىپ ئۆتۈش، قېرىنداشلىق، نەپسىنى ئۆچمەنلىك، نەپرەت ۋە سىغىشالماسلىق قاتارلىق ئىللەتلەردىن پاكلاش چاقىرقىنىڭ ئەكسىنى نەتىجە بېرىدۇ.

    ئۈچىنچى: ئويۇندا ئويۇنچىلارنىڭ جىسمىغا يېتىدىغان بىر-بىرى بىلەن ئۈسۈشۈپ كېتىش، تېپىشىپ كېتىش قاتارلىق خەتەرلىك ئىشلار بار، ئۇنىڭدىن باشقا مەيداندا بىر-بىرىنى يىقىتىۋېتىش، ھۇشىدىن كېتىش، پۇت-قوللىرى سۇنۇپ كېتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئويۇن ئوينىلىۋاتقاندا، توپ مەيدانىنىڭ يېنىدا جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ھازىر بولىشى بۇنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.

    تۆتىنچى: تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى دۇرۇس دېيىشتىن بولغان مەقسەت: بەدەننى جۇشقۇنلاندۇرۇش، ھەربى مەشق قىلىش، ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللەردىن قۇتۇلۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر، لېكىن ھازىرقى توپ ئوينىغۇچىلار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلاردىن ھېچ بىرىنى مەقسەت قىلمايدۇ، بەلكى بۇ ئويۇندا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان جىسمىنى خەتەرگە دۇچار قىلىش، ئويۇنچىلار ۋە تاماشىبىنلار كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك ۋە پىتنە-پاساتنى كۈچەيتىشتىن باشقا ئىقتىسادنى خاتا-باتىل ئىشلارغا سەرپ قىلىش بولىدۇ، بەلكى ئىش چەكتىن ئېشىپ تاماشىبىنلارنىڭ تەرەپبازلىق قىلىپ بەزى ئويۇنچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بىر شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە جەريانىدا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈزبەرگەن، بۇنىڭ ئۆزىلا بۇ ئويۇننى چەكلەشكە كۇپايە قىلىدۇ". ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ["ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى"8-توم 116-117-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك چەكلەنگەن ئىشلار يۈز بەرمەيدىغان، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، جۇشقۇنلاندۇرۇش ۋە بەزى كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوينىلىدىغان ئويۇنلار توغرا بولىدۇ.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە تەنتەربىيە ئويۇنلىرى تىنچ ۋە پاكىزە ھالەتتە ئېلىپ بېرىلسا توغرا بولىدۇ، بۇنى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "چەۋەندازلىق" ناملىق كىتابتا بايان قىلغان، شەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە  ۋە باشقا ئالىملارمۇ بايان قىلغان، ئەگەر بۇ ئويۇندىن بولغان مەقسەت: جىھادقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىنىش، جۇشقۇن بولۇش، ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش، مەنەۋىيتىنى كۈچلەندۈرۈش بولسا، ئويۇنچىلارنىڭ نىيىتى توغرا بولسا، بۇ تەرغىب قىلىنىدىغان ئويۇنلار ھېسابلىنىدۇ، ھەممەيلەن ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ جىسمىغا ۋە ھاياتىغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئويۇنچىلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئويۇندىنمۇ مۇھىم بولغان ئىشلاردىن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە نامازدىن چەكلىنىپ قالماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ". ["ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" 8-توم 118-بەت].

    شەيخ رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى تەرتىپ، ئىنتىزام بىلەن ئويۇنچىلارنى ئىككىگە ئايرىپ نەتىجە قازانغانلارغا مۇكاپات بېرىش ياكى بەرمەسلىك ئاساسىدا ئايرىم شەكىلدە توپ ئويناشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئويۇنىمۇ نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن چەكلەپ قويۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ھەقسىزلىق بىلەن يەۋېلىش بولىدۇ ۋە بۇنىڭغا قىمارمۇ قېتىلىدۇ، بۇ ئويۇن بەزى تەرەپتىن شاخماتقىمۇ ئوخشاپ قالىدۇ.

    ئەمما بىر ئىككى توپنى تەرتىپلىك شەكىل بىلەن ئەمەس ئىختىيارى تىپىپ ئوينىسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئويناش چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ". ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["ئىبنى ئىبراھىم پەتىۋالىرى" 8-توم 119-بەت].

   ئىلگىرى بىز 22305- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا پۇتبول ئويناشنىڭ توغرا بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە بۇ توغرىدىكى مەلۇماتلار تەپسىلى بايان قىلىنغان.

   ئۈچىنچى شەرت: توپ ئوينىغۇچى ئۆزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى ئەمەس بەلكى كۆپ ۋاقتىنىمۇ ئويۇنغا سەرپ قىلماسلىق ياكى كىشىلەر ئارىسىدا توپچى، بۇنىڭ ئىشى توپ ئويناش دېگەندەك نامغا قالماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇنداق كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ توغرا كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز: ﴿الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ﴾ تەرجىمىسى: « كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز).» [سۈرە ئەئراپ 51-ئايەت].

    بۇنىڭ بىلەن گەرچە توپ ئويناش ئەسلىدە توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ئويۇنلار شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى زاماندىكى توپ ئويناشنى كەسىپ قىلىۋېلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئوچۇق بولىدۇ.

    بولۇپمۇ بىزنىڭ بىلىشىمىزچە: كەسپى توپچىلار توپ ئويناش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ يۇرتىدىكى خەلقئارالىق كۇلۇپلارغا بارىدۇ، كاپىرلارنىڭ يۇرتىدا يۈز بېرىدىغان پىسقى-پۇجۇر، گۇناھ-مەسىيەتلەر ھېچ كىشىگە مەخپى ئەمەس، شۇنىڭدەك ئۇ يەرلەردە توپچىلار ئاياللارنىڭ، نەپسى-شەھۋەتنىڭ، شان-شەرەپ، مال-دۇنيانىڭ ۋە نام-شۆھرەتنىڭ پىتنىسىگە ئۇچرايدۇ.

    شۇنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇش كېرەككى، بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە مۇۋاپىق ھاجەت بولمىسا كاپىرلارنىڭ يۇرتىدا تۇرۇش چەكلىنىدۇ، توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ بايانى ئىلگىرى 27211 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى