پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىكرانغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى چىقىرىلغان يانفۇننى ھاجەتخانىغا ئىلىپ كېرىش توغرىسىدا

72235

تارقاتقان ۋاقىت : 20-08-2021

كۆرگۈچىلەر : 2803

سۇئال

مۇسۇلمان كىشىنىڭ قولىدا ئىكرانىغا "ئاللاھۇ ئەكبەر" دېگەن سۆز ئەرەپچە چىقىرىلغان تىلىفۇنننى ھاجەتخانىغا ئىلىپ كىرسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

كۆپچىلىك پىقھىشۇناش ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان ھەرقانداق نەرسىنى ھاجەتخانىغا ئىلىپ كېرىش ياخشى كۆرمىگەن. بۇنىڭدىن ئىستىسنا قىلىپ؛ دەرھەم ۋە قەغەز پۇللارغا ئوخشاش نەرسىلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولسا، ئېھتىياج بولغاندا بىرگە ئىلىپ كىرسە دۇرۇس بولىدۇ.

بىر قىسىم ئالىملار: ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان نەرسىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى كۆرۈلمىسە ھېچ گەپ يوق (يەنى بولىدۇ) دەپ قارايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھاجەتخانىغا كىرىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقىتتا يىنىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان نەرسىلەر بولسا ئۇنى سىرىتتا قويۇپ كىرىش ياخشى، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان نەرسىنى بىر نەرسىنىڭ ئىچىگە سىلىپ ساقلىسا، چۈشۈپ قىلىشتىن ئىھتىيات قىلسا ياكى ئۈزۈكنىڭ كۆزىدە بولسا، ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنىنىڭ ئىچىگە قىلىۋىتىپ كىرسە بولىدۇ".

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۈزۈكنىڭ كۆزىدە ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى بولسا ئۇنى ئالقىنى تەرەپكە قىلىۋىتىپ ھاجەتخانىغا كىرسە بولىدۇ. ئەكرەمە مۇنداق دەيدۇ: ئۈزۈكنىڭ كۆزىنى ئالقىنىغا قىلىپ قولىنى يۇمىۋالسا بولىدۇ. ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيمۇ شۇنداق دەيدۇ. سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ھەسەن ئەلبەسەرىي ۋە مۇھەممەد ئىبنى سىرىيىن قاتارلىق ئالىملارمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان.

ئىمام ئەھمەد: بىر ئادەمنىڭ يىنىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان تەڭگە پۇل بولسا بۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانىغا كىرسە ھېچ گەپ يوق دېگەن". [ئەلمۇغنى 1-توم 109-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: پۇلدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانىغا كىرسە بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بىرىپ: "ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى يىزىلغان پۇل يانچۇقتا ياكى پۇل قاپقۇچىدا بولسا ھېچ گەپ يوق. چۈنكى ئۇ كۆرۈلمەيدۇ". [تاھارەت پەتىۋالىرى 109-بەت].

يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن، ئىكرانىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى چىقىرىلغان تىلفۇن يانچۇقىدا بولسا ياكى قاپنىڭ ئىچىدە بولسا بۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانىغا كىرسە بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى