جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

يەر شارى ئايلىنىشىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى سەۋەبىدىن يەر تەۋرەمدۇ؟. ھەقىقەتەن زېمىن ئايلىنىشنى ئۆزگەرتىش يولىدىمۇ؟

69861

تارقاتقان ۋاقىت : 01-05-2023

كۆرگۈچىلەر : 513

سۇئال

ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئاسىيا قىتئەسىدە يۈزبەرگەن يەرتەۋرەشنىڭ سەۋەبىدىن سۆزلەيدىغان قىسقا ئۇچۇرلار تىلىپۇن قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالدى، بۇ سۆز دوكتۇر زەغلۇل نەججارغا نىسبەت بېرىلىپتۇ، بۇ ئۇچۇرنىڭ تېكىستى: د. زەغلۇل نەججار: "ئاسىيادىكى يەرتەۋرەشنىڭ سەۋەبى يەر شارىنىڭ ئايلىنىشنىڭ ئاستىلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىقى ئۈچۈندۇر، بۇ زېمىننىڭ ئايلىنىشىنى ئۆزگەرتىش يولىدا ئىكەنلىكىنى، قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى، قۇياش مەغرىپتىن چىققانغا قەدەر تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى تارقىتىڭ، ئىستىغپار ئېيتىڭ" بۇ ئۇچۇرغا سىلەرنىڭ پىكىرىڭلار قانداق؟ بۇ توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    د. زەغلۇل نەججارغا نىسبەت بېرىلگەن بۇ ئۇچۇر توغرا ئەمەس، دوكتۇرنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى رەت قىلغان، جەزىرە مۇنبىرىدىكى پىراگرامىدا ئۇنىڭدىن: "ئەرەبلەرنىڭ ئاپەتلەرگە قارشى تەييارلىقى" توغرىسىدا سورالغاندا، جەزىرە قانىلىدا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " قېرىندىشىم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ تېما تەپسىلى ۋە ئومۇمى تەرەپتىن ھەرگىزمۇ سەھىھ ئەمەس، بۇ يەردە ئىنساننىڭ شەيتانلىرىدىن بولغان بىر قىسىم شەيتانلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە ئېسىللىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈسىنى بىلگەنلىكتىن مېنىڭ تىلىمغا ئاساسەن خۇراپاتنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇنىڭغا ئېشىنىپ قاپتۇ.

   بىرىنچى: مەن كۆپ تەكرارلايمەن، ئاخىرەتنىڭ، دۇنيانىڭ قانۇن پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قانۇن پرىنسىپلىرى بار.

    ئىككىنچى: ھەقىقەتەن ئاخىرەت قۇرئان كەرىمدە سۈپەتلەنگەندەك ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئاللاھ تائالا بۇنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ثَقُلَتْ فِي السَّمَوَاتِ والأَرْضِ لا تَأْتِيكُمْ إلاّ بَغْتَةً تەرجىمىسى:« قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ» [سۈرە ئەراپ 187-ئايەت].

    ئۈچىنچى: زېمىن ماسسىسى ئالتە بىليۇن توننا ئەتراپىدا بېكىتىلىدۇ، بۇ تەۋرەش زېمىننىڭ كۈچلۈك بولىشى بىلەن يەرشارىنىڭ ئايلىنىشنىڭ تىز بولىشى ياكى ئاستا بولىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن بولمايدۇ.

    بەزى كىشىلەر شۇنداق دەيدۇ-بۇ سۆز ئۇچۇر ساھەسىدە بار-ئەگەر بۇ پارتىلاش زېمىننىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشنىڭ ئەكسىدە بولسا، ئۇ، زېمىننىڭ ئايلىنىشنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ، ئەگەر زېمىننىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشىدە بولسا، ئۇ، زېمىننىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ قويىدۇ، ئاستىلىق يا تىزلىكتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ھالەتتە بىرىنچىسى ئىككىنچىسىدىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ، ئۇنداقتا بۇنى قانداقمۇ قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن دېيىش مۇمكىن بولىدۇ، ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىنى پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام (ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن) ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن بېكىتىپ بەرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنىڭ يېنىدا ئىجتىھادقا ئورۇن بولمايدۇ.

   دوكتۇر ئاخىرقى سۆھبەتتە ئىلمى تەرەپتىن يەرتەۋرەشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئاسى-گۇناھكارلارغا جازا ئىكەنلىكىنىمۇ بايان قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ تەرجىمىسى:«سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار» [سۈرە شورا 30-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ تەرجىمىسى: «ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى.» [سۈرە رۇم 41-ئايەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى