شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پۇلنىڭ قىممىتى(نەرقى) ئۆزگەرسە، قەرزنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟

سۇئال

مەن دوستۇمغا قەرز سەئۇدى رىيالى قەرز بەرگەن ئېدىم، قەرزنى قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا مىسىر پۇلىنىڭ(جۇنەي)قىممىتى سەئۇدى پۇلىنىڭ(رىيالنىڭ)باراۋېرىدە بەك تۆۋەنلەپ كەتتى، دوستۇم ماڭا قەرزنى مەن ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرغان ۋاقتتىكى مىسىر پۇلىنىڭ رىيالنىڭ باراۋېرىدىكى قىممىتى بويىچە بېرىمەن دەيدۇ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئەسلى پۇل كېمىيىپ كېتىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، مەن بۇنى رەت قىلىپ ئۇنىڭغا: قېرىندىشىم!: مەن ساڭا قەرز بەرگەندە قولۇڭغا سەئۇدى رىيالى بەردىم، سەنمۇ ماڭا ئەسلى بويىچە سەئۇدى رىيالى قايتۇرىسەن، بەرگەن پۇل ئوخشاش بولىشى كېرەك، مەن پۇلۇمنى پاي قىلىشنىڭ ئورنىغا ساڭا قەرز بەردىم، ئەگەر مەن ھەر قانداق ھالال بىر ئىشقا پاي سالغان بولسام ماڭا پايدا كېلەتتى، مەن ساڭا ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قەرز بەردىم، ئاللاھ ساڭا ۋە تىجارىتىڭگە بەرىكەت بەرسۇن دېدىم، ئەمما ئۇ بۇنى رەت قىلدى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مېنىڭ قەرزىمنى ئەسلى بويىچە سەئۇدى رىيالى بىلەن قايتۇرامدۇ؟ئەگەر قەرزنى سەئۇدى رىيالى بىلەن قايتۇرۇش كېرەك بولسا، ئەمما ئۇ بۇ پەتىۋانى قوبۇل قىلمىسا، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، مېنىڭ پۇلۇمنى تولۇق تاپشۇرماي ئۇنىڭ زىممىسىدە قالغان قىسمىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن، بۇ مەسىلە توغرىسىدا پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى قەرزنى قايتۇرۇش سىلەرنىڭ بېرىدىغان پەتىۋايىڭلارغا قاراشلىق بولۇپ قالدى؟. سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    باشقىلاردىن قەرز ئالغان كىشى قەرزنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىتتا قەرزنى ئالغان بويىچە قايتۇرۇشى كېرەك، ئۇنى قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى قىممىتى بويىچە قايتۇرمايدۇ، بەلكى قەرزنى ئالغاندا، ھۆججەتكە مەن قەرزنى باشقا پۇل بىرلىكى بىلەن قايتۇرىمەن دېيىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك قەرزنى سەئۇدى رىيالى بىلەن ئېلىپ، قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا ئالغان ۋاقتىدىكى قىممىتىنى ھېسابلاپ مىسىر پۇلى-جۈنەي- قايتۇرىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىككى پۇلنىڭ ئارىسىدىكى قىممەت پەرقىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن "پىقھى ئاكادېمىيىسى" ۋە نۇرغۇن تەتقىقاتچى ئۆلىمالاردىن پەتىۋالار ئوتتۇرىغا چىقتى.

    مىلادىيە 1988-يىلى 10-دېكابردىن 15-دىكابىرغىچە، ھىجىرىيە 1409-يىلى بىرىنچى جىمادۇل ئۇلادىن 6-جىمادۇل ئۇلاغىچە كۈۋەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن 5-قېتىملىق قۇرۇلتايدا: "ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى" كېڭىشىدە بىرلىككە كەلگەن، پۇل قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى 42-نۇمورلۇق 4/5 قارارىدا: كېڭەش ئەزالىرى ۋە تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تەتقىقاتى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە بۇ توغرىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېڭەشنىڭ 3-قېتىملىق قۇرۇلتايدىكى 21-نۇمورلۇق 9/3 قارارىدا، قەغەز پۇللار تولۇق نەخ پۇلنىڭ سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ئالتۇن، كۈمۈش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ھۆكۈملەر، جازانە، زاكات ۋە سەلەم قاتارلىق جەھەتلەردە بۇ قەغەز پۇللارغىمۇ بېكىتىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا چىقىرىلغان قارار: مەلۇم پۇل بىرلىكى بىلەن بېكىتىلگەن قەرزنى ئادا قىلىشتا پۇلنىڭ قىممىتى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ بەلكى شۇ پۇلنىڭ ئوخشىشى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى قەرز دېگەن ئۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن ئادا قىلىنىدۇ، زىممىسىدە بېكىتىلگەن قەرزنى ئۇنىڭ مەنبىيى قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنى باھا پەرقىگە چېتىش توغرا بولمايدۇ". "مۇجەممەئ ژۇرنىلى"5-سان 3-توم 1609-بەت.

    شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قېرىندىشىم ماڭا ئاللاھ يولىدا مىڭ دىنار تۇنىس پۇلى قەرز بەردى، بىز قەرز ھۆججىتىنى شۇ ۋاقتىدىكى گېرمانىيە پۇلىنىڭ قىممىتىدە يازدۇق، قەرز ئېلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن گېرمانىيە پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ كەتتى، مەن ھازىرقى ۋاقىتتا قەرزنى تاپشۇرسام ئەسلىدە ئالغاندىن قەرزدىن  ئۇچ يۈز دىنار تونىس پۇلىنى ئارتۇق تۆلەيمەن، قەرز بەرگۈچىنىڭ مۇشۇنداق زىيادە ئېلىشى توغرىمۇ؟ ياكى ئۇ جازانە ھېسابلىنامدۇ؟ قەرز بەرگۈچى گىرمانىيىدىن ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن قەرزنى گېرمانىيە پۇلى بىلەن تۆلۈنىشىگە قىزىقىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ يولىدا قەرز بەرگۈچى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەرز بەرگەن مىڭ دىنار تونىس پۇلىدىن باشقا پۇل ئېلىشى توغرا بولمايدۇ، پەقەت قەرز ئالغۇچى باھا قىممىتىنى ئويلاپ ئازراق زىيادە بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى قەرزنى چىرايلىق ئادا قىلغۇچىلاردۇر مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا رىۋايەت قىلغان، ئىمام بۇخارى: ھەقىقەتەن قەرزنى چىرايلىق ئادا قىلغۇچىلار ئىنسانلارنىڭ ياخشىلىرىدىندۇر دېگەن.

     قەرز بەرگەندە يازغان ھۆججەتكە ئەمەل قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھۆججەتتۇر، شەرئى دەلىللەر قەرزنى ئادا قىلغاندا قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى قىممىتىدىن ئارتۇق ئادا قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ھازىر زىكىر قىلىنغان ھەدىس بويىچە مۇكاپاتلاش ۋە ياخشىلىق قېلىش يۈزىسىدىن ئارتۇق بەرسە دۇرۇس بولىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 414-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ سوئال سورىغۇچىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "قەرزدار سىزگە قەرز بەرگەن دوللارنى قايتۇرۇشى كېرەك، شۇنداقتىمۇ ئىككىڭلار كىلىشسەڭلار سىزگە مىسىر پۇلى بەرسىمۇ بولىدۇ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز تۆگىنى دىرھەمگە سېتىپ، ئورنىغا دىنار ئالاتتۇق، دىنارغا سېتىپ دىرھەم ئالاتتۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا بىر نەرسە بولسا، ئايرىلماستىن شۇ كۈنلۈك باھا بويىچە ئالسا بولىدۇ دېگەن، بۇ ئۆز جىنسىدىن بولمىغان نەخ سودا، بۇ ئالتۇننى كۈمۈشكە سېتىشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر سىز ئۇنىڭ دوللارنىڭ ئورنىغا مىسىر پۇلى بېرىشىگە ئىتتىپاق كەلسىڭىز، بۇنىڭ شەرتى سىز ئۇنىڭدىن مىسىر پۇلى بېرىشكە ئىتتىپاق كەلگەن ۋاقىتتىكى قىممىتىدىن ئارتۇق جۈنەي ئالمىسىڭىز توغرا بولىدۇ، مەسىلەن: ئىككى مىڭ(2000) دوللار ھازىر ئىككى مىڭ سەككىز يۈز(2800)جۈنەيگە باراۋەر بولسا، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈچ(3000)مىڭ جۈنەي ئېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئىككى مىڭ سەككىزيۈز جۈنەي ئالسىڭىزمۇ ياكى ئىككى مىڭ دوللار ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ، شۇ كۈنلۈك باھادا ئالىسىز، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالسىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئارتۇق ئالسىڭىز سىزنىڭ دائىرىڭىزگە كىرمىگەن نەرسىدىن پايدا ئالغان بولىسىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز دائىرسىگە كىرمىگەن نەرسىدىن پايدا ئېلىشنى چەكلىگەن. ئەگەر ئەسلىدىكى قەرزدىن ئاز ئالسىڭىز: ئۆز ھەققىڭىزنىڭ بەزىسىنى ئالغان بولدىڭىز، قالغانلىرىدىن ئادا-جۇدا بولغان بولىسىز، بۇنداق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 414-415-بەت].

    ئىككى تەرەپنىڭ بىرى بۇ ھۆكۈمگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇ كىشى ئىككى پۇلنىڭ قىممىتى  ئارىسىدىكى پەرقنى ئارتۇق ئالغان بولىدۇ، بۇ چەكلەنگەن ئىش بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُم بَيْنَكُم بِالْبَاطِلِ إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً عَن تَرَاضٍ مِّنكُمْ وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ  إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا  تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشقان سودا ـ سېتىق ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەرسە بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر ـ بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە نىسا 29-ئايەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى