پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بايرام تەبرىك كارتلىرىنى ياساپ سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئىسىم كارتۇچكىسىغا ئوخشاش بايراملىق كارت ياسايمەن، بۇ مېنىڭ كىرىم مەنبەيىم، بۇ ئىشىم بىدئەت بولامدۇ؟، مېنىڭ بىلىشىمچە ھەر نەرسىنىڭ ئەسلى ئۇنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دەلىل بولمىسا ھالال بولىدۇ، مەن قىلغان ئىشىمنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىشكە ئېھتىياجلىق، شۇنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شۇنداق، مۇئامىلە ۋە ئىلىم-سېتىم ئىشلىرىنىڭ ئەسلى دۇرۇس ۋە ھالالدۇر. دەلىلسىز بىر نەرسىنى چەكلەش توغرا بولمايدۇ. بايراملىق تەبرىك كارتىلىرىنى ياساشنىڭ ھۆكمى ئاشۇ بايراملارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ناسارالارنىڭ كېرىسمىس بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك كاپىرلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش، ياكى مەۋلۇت پائالىيىتى ۋە ئىسرا-مىراج پائالىيىتى دېگەندەك بىدئەت پائالىيەتلەر ئۈچۈن، تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى قاتارلىق كاپىرلارنىڭ بايرىمىغا ئوخشايدىغان بايراملار ئۈچۈن كارت ياساش ۋە سېتىش توغرا بولمايدۇ، باشقىلارنىڭمۇ سىزدىن بۇ كارتىنى سېتىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا شەرىئەتكە زىت بولغان بايراملارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ.

   ئەگەر شەرئى بايراملار بولسا، بۇ يەردە روزا ھېيت بايرىمى ۋە قۇربان ھېيت بايرىمىدىن باشقا بايرام يوق، ئۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن كارت ياساپ ساتسا دۇرۇس بولىدۇ، شۇنىڭدەك "بىزنىڭ ۋە سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزنى ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن" دېگەنگە ئوخشاش دۇرۇس بولغان شەرئى سۆزلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

   بۇ ھەقتە ئىلگىرى بىز 947- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا كاپىرلارنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەشنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلدۇق. 50074- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا دائىمىي كومىتېت پەتىۋا ھەيئتىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش توغرىسىدا كاپىرلارنىڭ بايراملىرىدا ھەمكارلىشىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان، ئۆلىمالار "كىيىم-كېچەك، يادىكارلىق سوغاتلىرى ياكى تەبرىكلەش كارتى قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ بايرىمىغا ھەمكارلىشىشىنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىغان.

49014-49021-36442-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا شەرئى بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىللەر بايان قىلىنغان.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى