پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۇ مۇسۇلمان بولدى ھەمدە ئۇنىڭ كاپىر دوستلىرى بار

6099

تارقاتقان ۋاقىت : 14-02-2006

كۆرگۈچىلەر : 9482

سۇئال

سىز مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى غەيرى مۇسۇلمان دوستلىرىڭىز بولسا ، سىز ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى ساقلاپ قالالامسىز ؟ ياكى سىز پەقەت مۇسۇلمانلارنى دوست تۇتامسىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بىز بۇ سۇئالنى فازىل شەيخ مۇھەممەت بىن سالىھ ئەسىيمەيىنگە سۇنغانىدۇق ، ئاللاھ ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى :
ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلىش( ئۇنىڭ غەيرى مۇسۇلمان دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنىڭ )نىڭ ھاجىتى يوق ، ئەگەر ئۇلاردىن ئۇنىڭغا ھىچقانداق زىيان يەتمىسە . بىراق ئۇلاردىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىدۇ . ئۇ ئۇلارغا ئىسلام ھەققىدە سۆزلىشى كىرەك ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغىنىنى كۆرسە ئۇلارمۇ مۇسۇلمان بولۇشى مۇمكىن . ئاللاھ ناھايىتى بىلىدۇ .

الشيخ محمد بن صالح العثيمين
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.