پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇرئان-ھەدىستە ھۆر-پەرىلەرنىڭ سۈپەتلىرى

60188

تارقاتقان ۋاقىت : 04-08-2014

كۆرگۈچىلەر : 4837

سۇئال

ھۆر-پەرىلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان سۈپەتلىرى قايسى؟. دۇنيادىكى سالىھە ئايالغا ئاللاھ تائالا جەننەتتىن ئورۇن بەرسە، ئۇ ئايالنىڭ جەننەتتىكى شەكلى ۋە سۈپىتى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ، جەننەتكە كېرىشكە مۇيەسسەر بولۇش، ھەر بىر مۆمىن ئەر-ئاياللارنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى غايىسىدۇر. مۆمىن ئەر-ئاياللار ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ھالەتتە دۇنيادىن ئايرىلىدىكەن، ئۇلار نىجاتلىققا ئېرىشىپ، ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بەندە جەننەتكە كېرىشكە نائىل بولسا، ئۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دائىمىي ھاياتنى ئارزۇ قىلمايدۇ. جەننەتتە ئىنساننىڭ كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان ھەتتا كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان نېمەتلەر تەيياردۇر، ئۇ نېمەتلەرنى سۈپەتلەشكە ئىنساننىڭ تىلى ئاجىزلىق كېلىدۇ. جەننەتكە كىرگەن كىشى ئۈچۈن ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن گۈزەل، مۇكەممەل بىر شەكىلدە ھاسىل بولىدۇ، قايسى ۋاقىتتا كۆڭلى تارتسا ئۇ نېمەتلەر شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر بولىدۇ. جەننەتتە ھېچقاچان ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەندە شەپقەتلىك دائىمىي مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئەبەدىي زىياپىتىدىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ . نُزُلًا مِّنْ غَفُورٍ رَّحِيمٍتەرجىمىسى: جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر.[سۈرە پۇسسىلەت 31-32-ئايەتلەر].

ئاخىرەتتە ئىنساننىڭ كۆڭلى تارتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرلەر ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئاياللىرى بولۇپ، ئۇلار ھۆر-پەرىلەردۇر. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئەرلەرگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە ئوخشاش كاتتا نېمەتلەر بار. ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز ھېكمىتى جەننەتتە ئەرلەر ئۈچۈن ھۆر-پەرىلەرنى بايان قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئاياللار ئۈچۈن تەييارلانغان نېمەتلەرنى ئوچۇق بايان قىلمىدى، چۈنكى ئاياللار بەك ھايالىق ۋە خىجىلچان بولغانلىقتىن ئۇلار جەننەتتە ئارزۇ قىلىدىغان ۋە رىغبەتلىنىدىغان نېمەتلەرنى بايان قىلىش ئۇلارنىڭ ھاياسى ۋە خىجىللىقىنى قوزغايدىغان بولغانلىقتىن، ئاللاھ تائالا:وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنفُسُكُمْتەرجىمىسى: جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار دېگەن ئايەتتە، ئاياللارغىمۇ ئالاھىدە نېمەتلەرنىڭ تەييارلانغانلىقىغا ئىشارە قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى. [سۈرە پۇسسىلەت 31-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئورۇندا ھۆر-پەرىلەرنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىندى. ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

1-ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى زىكىر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَحُورٌ عِينٌ. كَأَمْثَالِ اللُّؤْلُؤِ الْمَكْنُونِتەرجىمىسى: ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر. [سۈرە ۋاقىئە 22-23-ئايەتلەر].

شەيخ سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ دېگەن ئايەتتىكى ھۆرلەر دېگەن سۆزدىن: كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان، گۈزەل، چىرايلىق دېگەن مەنا ئىپادىلىنىدۇ. شەھلا كۆز دېگەندىن: كۆزى يوغان، كۆزىنىڭ ئىقى ئاق، قارىسى قارا دېگەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئىچىدە كۆزى يوغان شەھلا كۆز بولغانلىرى ئۇنىڭ گۈزەل، چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئايەتتىكى: ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان... دېگەن سۆزدىن؛كۈن نۇرىدىن، شامالدىن ۋە كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ساقلانغان، گۈزەل، چىرايلىق، سەدەپنىڭ ئىچىدىكى سۈزۈك، رەڭگى ئەڭ گۈزەل شەكىلدىكى، ھەرقانداق ئەيىب-نۇقسانلاردىن خالى بولغان مەرۋايىتقا ئوخشايدىغان ھۆر-پەرىلەر ئاتا قىلىنىدۇ دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر شۇنداق بولىدۇ، ئۇلاردا ھېچ قانداق ئەيىب-نۇقسان بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارگۈزەللىك ۋە چىرايلىق سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كامالەتكە يەتكەن قىزلاردۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۈپەتلەردىكى ھۆرلەر توغرىسىدا پىكىر قىلغان ۋە ئويلانغاندا، ئىنساننىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان ۋە كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللىنىدۇ". [تەپسىر سەئدى 991-بەت].

2-ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: كَأَنَّهُنَّ الْيَاقُوتُ وَالْمَرْجَانُ تەرجىمىسى: گويا ئۇلار سۈزۈكلۈكتە ياقۇتتۇر، ئاقلىقتا مەرۋايىتتۇر. [سۈرە رەھمان 58-ئايەت].

ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى زەيد رەھىمەھۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ: گويا ئۇلار سۈزۈكلۈكتە ياقۇتتۇر، ئاقلىقتا مەرۋايىتتۇر دېگەن ئايىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: گوياكى ئۇلار سۈزۈكلۈكتەياقۇتتۇر، ئاقلىقتا مارجاندۇر، سۈزۈكلۈكى ياقۇتنىڭ سۈزۈكلىكىدە، ئاقلىقى مەرۋايىتنىڭ ئاقلىقىدا بولىدۇ". [تەپسىر تەبەرى 27-توم 152-بەت].

3- ئاللاھ تائالا ۋاقىئە سۈرىسىدە جەننەتتىكى ئاياللارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:إِنَّا أَنشَأْنَاهُنَّ إِنشَاءً . فَجَعَلْنَاهُنَّ أَبْكَارًا . عُرُبًا أَتْرَابًا تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق. [سۈرە ۋاقىئە 35-37-ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەرلىرىگە ئامراق ياراتتۇق دېگەن سۆزنى سەئىد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق چۈشەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىرىگە ساقلانغان، ئەرلىرىگە ياخشى كۆرۈنگۈچى، پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق ۋە ئەرلىرىمۇ ئۇلارغا ئامراق قىزلاردۇر).

ئاللاھ تائالانىڭ: ئۇلارنى تەڭتۇش قىلدۇق دېگەن سۆزنى دەھھاك ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق چۈشەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: يەنى ئۇلارنىڭ يېشى بىردەك ئوتتۇز ئۈچ ياش بولىدۇ.

ئىمام سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنى تەڭتۇش قىلدۇق دېگەن سۆزدىن: ئۇلارنى ئۆز ئارا قېرىنداشلىق ئەخلاقىدا تەڭ تۈشلەردىن قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ھەسەت قىلىش بولمايدۇ. يەنى دۇنيا ئاياللىرىدا بار بولغان يامان سۈپەتلەر جەننەتنىڭ قىزلىرىدا تېپىلمايدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىر4-توم 294].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇجاھىت رەھىمەھۇلاھ: ئۇلارنى تەڭتۇش قىلدۇق دېگەن سۆزدىن: ئۇلار ئەرلىرىگە ئامراق قىزلار دېگەنلىك مەقسەت قىلىنىدۇ". [پەتھۇل بارى8-توم626-بەت].

4-ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: فِيهِنَّ خَيْرَاتٌ حِسَانٌ تەرجىمىسى: ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق ئاياللار بار [سۈرە رەھمان 70-ئايەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۇلارنى چىرايلىق ئاياللار دەپ سۈپەتلىدى، يەنى ئۇلاردا ئىچكى-تاشقى گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى تولۇق مۇجەسسەملەشكەن، بەدەن شەكلى ۋە ئەخلاقى كامىل بولغان، گۈزەل خۇلقىلىق، ئاي يۈزلىك قىزلاردۇر." [روۋزەتۇل مۇھىببىين 243-بەت].

5-ئاللاھ تائالا ئۇلارنى پاكلىك بىلەن سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى: وَلَهُمْ فِيهَا أَزْوَاجٌ مُّطَهَّرَةٌوَهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ تەرجىمىسى: جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۆرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. [سۈرە بەقەرە 25-ئايەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆر-پەرىلەرنى پاك دەپ سۈپەتلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ ھەيزدىن، چوڭ-كىچىك ھاجەتتىن ۋە دۇنيا ئاياللىرىدا بولىدىغان بارلىق پاكىزە بولمىغان نەرسىلەردىن، ئىچكى تەرەپتىن ئەرلىرىنى كۈنلەشتىن، ئۇلارغا ئازار بېرىشتىن، ئۆز ئىرىدىن باشقىلارنى خالاشتىن ئىبارەت بولغان جىنايەتلەردىن ساغلام بولغان پاك جەننەت قىزلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. [رەۋزەتۇل مۇھىببىين 243-244-بەت].

6-ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان پاك ئاياللار دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق دېدى:فِيهِنَّ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّتەرجىمىسى: ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار.»[سۈرە رەھمان 56-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:حُورٌ مَّقْصُورَاتٌ فِي الْخِيَامِ تەرجىمىسىئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر. [سۈرە رەھمان 72-ئايەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا ئۇلارنى جەننەتنىڭ چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر دەپ سۈپەتلىدى. يەنى تۈرلۈك شەكىلدە ئۆز ئەرلىرىدىن باشقىلارغا كۆرۈنۈشتىن چەكلەنگەن، بەلكى ئۆز ئەرلىرىگىلا ساقلانغان، تۇرالغۇلىرىدىن سىرتقا چىقمايدىغان، ئۆز ئىرىدىن باشقىلارغا كۆرۈنمەيدىغان قىزلاردۇر" .

ئاللاھ تائالا ئۇلارنى: "ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان دەپ سۈپەتلىدى. بۇ دەسلەپكى سۈپەتتىنمۇ كامىلراقتۇر. جەننەت ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق مۇھەببىتىنى ۋە رازىلىقىنى پەقەت ئۆزىنىڭئېرىگە بېغىشلايدۇ، ئۆز ئىرىدىن باشقىلارغا نەزەر سالمايدۇ. [رەۋزەتۇل مۇھىببىين244-بەت].

يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز جەننەتتىكى ھۆرلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان بەزى سۈپەتلىرىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بەزى سۈپەتلەر بايان قىلىنغان ئۇنىڭ جۈملىسىدىن:

1-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: تۇنجى قېتىم جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەر ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئايدەك چىرايلىق ھالەتتە كېرىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن كېيىن كىرىدىغانلار ئاسماندىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇزدىنمۇ بەكراق نۇرلۇق ھالەتتە كېرىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى خۇددى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرىدىغان ۋە ئىختىلاپ قىلىشىدىغان ئىش بولمايدۇ. ھەر بىر كىشى ئۈچۈن شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەردىن ئىككى ئايالى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىدىنپاچىقىنىڭ يىلىكى سۆڭەك بىلەن گۆشنىڭ ئارىسىدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى3081-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2834-ھەدىس].

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھۆر-پەرىلەر گۈزەللىكتە كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ رەڭگى سۈزۈك، تېرىسى نىپىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ سىرتىدىن پاچىقىنىڭ يىلىكى كۆرۈنۈپ تۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ چىرايىغا قارىغان كىشى رەڭگىنىڭ سۇزۇكلىكى ۋە تىرىسىنىڭ نىپىزلىكى سەۋەبىدىن خۇددى ئەينەككە قارىغاندەك بولىدۇ". [پەتھۇل بارى8-توم 570-بەت].

2-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايال زېمىنغا نەزەر سالىدىغان بولسا، ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىلەر نۇرلىنىپ، خۇش-پۇراققا چۆمۈپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بېشىدىكى ياغلىقى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى2643-ھەدىس].

ئەگەر يۈزىنى ئاچسا ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى ھەممە نەرسە يورۇپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئايالنىڭ چىرايىدىكى قايسى گۈزەللىك ۋە قايسى نۇر!!!، ئۇنىڭ خۇش-پۇراقلىرى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدىكى ھەممە نەرسىنى خۇش-پۇراققا تولدۇرسا، ئۇ پۇراقلار نېمىدېگەن شېرىن ۋە گۈزەل!!!.

جەننەت ئاياللىرىنىڭ كىيىم،-كېچەكلىرى: ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بېشىغا ئارتقان ياغلىقى گۈزەللىكتە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولۇپ، دۇنيادىكى ئېسىل، گۈزەل كېيىم-كېچەكلەر، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇش-پۇراقلار، كۆككە تاقىشىدىغان ئالى قەسىرلەر ۋە تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەردىن ھەسسىلەپ گۈزەلدۇر. گۈزەل ھۆر-پەرىلەرنى ياراتقۇچى ئاللاھ تائالا پاكدۇر، مۇقەددەستۇر. ھۆر-پەرىلەرگە جۇرە بولىدىغان ۋە ھۆر-پەرىلەرمۇ ئۇلارغا جۆرە بولىدىغان كىشىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!.

ئىككىنچى: مۆمىنە ئاياللارنىڭ جەننەتتىكى ئەھۋالى جەننەتتىكى ھۆر-پەرىلەردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل، مەرتىۋىسى يۇقىرى ۋە ئەھۋالى ياخشى بولىدۇ. بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر ۋە ئەسەرلەر بايان قىلىنغان بولسىمۇلېكىن ئۇلاردىن ھۆججەت بولۇشقا يارايدىغانلىرى يوق.

لېكىن دۇنيا ئەھلىدىن بولغان سالىھە ئاياللار جەننەتكە كىرسە، ھەقىقەتەن ئۇ ئايال جەننەتكە ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى، ئۇ ئايالنىڭ دىننى تۇتۇپ سالىھلار يولىدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالادىن قىلىنغان ئىززەت-ئىكرامنىڭ سەۋەبىدىندۇر.

ئەمما ھۆر-پەرىلەر بولسا، جەننەتنىڭ نېمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار جەننەتتە مۆمىنلەرنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى سەۋەبىدىن جەننەتكە كىرگەن ئايال بىلەن ياخشى ئەمەل قىلغانلار مۇكاپات قىلىپ يارىتىلغان ھۆر ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ پەرق بار. چۈنكى بىرىنچىسى: جەننەتتە باشقا خىزمەتچىلەرنى ئۆز خىزمەتلىرىگە بۇيرۇيدىغان مەلىكە بولسا ئىككىنچىسى: ئۆزىنىڭ شۇنچە گۈزەللىكى، چىرايلىقلىقى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىبىلەن، ئۇ مەلىكە ئاياللاردىن تۆۋەن بولۇپ، دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جەننەتتىكى مۆمىن ئېرىنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ھۆر-پەرىلەر سۈپەتلەنگەن سۈپەت دۇنيا ئاياللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئالغان چۈشەنچەمگە كۆرە، دۇنيا ئاياللىرى ھۆر-پەرىلەردىن ياخشى ۋە چىرايلىق بولۇپ ھەتتا سىرتقى سۈپەتلەردىمۇ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ". [نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى 282 - نۇمۇرلۇق لىنتا].

بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھ تائالادىن بىزگە ئۆزىنىڭ ياخشى-سالىھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلىغان كاتتا نېمەتلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى