جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ ساغلام يول

5523

تارقاتقان ۋاقىت : 25-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5501

سۇئال

سوئال: ئەھلى سۈننەت مەزھەبلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ قايسىسى ئەڭ توغرا دەپ قارىلىدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بىلەن ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان. بىز ئىسلامنى ساھابىلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۆلىمالار ۋە مۇجتەھىدلارنىڭ چۈشەنگەندەك چۈشىنىشىمىز لازىم. بۇ مۇجتەھىدلاردىن ئادالەت، راستچىللىق، تەقۋالىق ۋە توغرىلىقتا مەشھۇر بولغانلىرى ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ئىمام ئەزەم، ئىمام شافىئىي، ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدلەردۇر. ئۇلار شەرىئەتنى چۈشەنگەن ۋە توغرا رەۋىشتە شەرھىلىگەن ئۈلگىلىك زاتلار ئىدى. ھەممىسى توغرا يولدا، ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدۇ. لېكىن شاخچە مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ چۈشىنىشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بەزىسىگە دەلىل يېتىپ بارغان بولسا بەزىسىگە شۇ دەلىلى ياكى ھەدىس يېتىپ بارمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى شاخچە مەسىلىلەردە كۆز قاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئىلمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سورىغۇچى ئۇلاردىن مەلۇم بىر مەزھەبكە ئەگەشكەن كىشى بولسا، دۈچ كەلگەن مەسىلىلەردە مەزھەب ساھىبنىڭ كۆز قارىشى قۇرئان ۋە ساغلام سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىدىكەن ئۆز مەزھىبىگە ئەگەشسۇن. باشقا مەزھەبتە مەزكۇر مەسىلىنىڭ دەلىل ئىسپاتى كۈچلۈكلىكى ئۆلىمالار تەرىپىدىن بىلدۇرۇلگەن ياكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا ئۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىشى لازىم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىلىق ۋە ھەقىقەتنى تارقىتىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان زاتلاردۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن غەيرىگە -كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر -پۈتۈن ئەھكاملاردا دېگەن سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىگە شەرتسىز ئەگىشىش كېرەك دەپ مەزھەب تەئەسسۇپلىقى قىلىش جايىز ئەمەس. شەرىئەت دەلىللىرىدىن ئەھكام چىقىرالايدىغان دەرىجىدىكى ئالىم ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئىش كۆرۈشى لازىم. ئەمما شەرىئەت بىلىملىرىدىن خەۋىرى يوق مۇسۇلمانلار بولسا، ئىلمىغا ئىشەنچ قىلىدىغان تەقۋادار ئۆلىما ۋە دىنى زىيالىيلارنىڭ پەتىۋالىرى بىلەن ئىش كۆرۈشى لازىم.
ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد