جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئاددا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟

49049

تارقاتقان ۋاقىت : 02-10-2014

كۆرگۈچىلەر : 2732

سۇئال

ھەجگە ئېھرام باغلاپ ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئادا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىگە ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى ئادا قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەرەپاتتا تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئۇ كىشىنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئۆزىنىڭ ئېھرام كىيىمى بىلەن كېپەنلەڭلار، خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتمەڭلار، بىشىنى يۆگىمەڭلار، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ھەجگە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن قوزغىلىدۇ دېگەن. ئۇ كىشى ئۈچۈن قايتا ھەجقىلدۇرۇڭلار، دېمىگەن.

مەنبە: [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 1063-نومۇرلۇق سوئال (23/31)]