پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا

سۇئال

مەن تاش ئېتىشنىڭ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى ۋاقتىنى تولۇق بىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى قادىر بولالايدىغانلار ئۈچۈن كۈن چىققاندىن كېيىن باشلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ياشانغانلار، ئاجىزلار قىستاڭچىلىققا بەردەشلىق بېرەلمەيدىغان ئاياللار ۋە كېچىك بالىلار بولسا كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئاتسا بولىدۇ، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا قۇربان ھېيت كېچىسى ئاينىڭ ئولتۇرۇشىنى كۈتەتتى، ئاي غايىپ بولغاندىن كېيىن مۇزتەلىپىدىن مىناغا قايتىپ، شەيتانغا تاش ئاتاتتى، ئەمما تاش ئېتىشنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى ھېيت كۈنى كۈن ئولتۇرغىچە بولىدۇ، ئەگەر تاش ئېتىش ئورۇنلىرى قىستاڭچىلىق بولسا ياكى تۇرغان ئورنى ئۇ يەرگە يىراق بولسا، تاشنى كېچىدە ئېتىشنى خالىسا كېچىدە ئاتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ھېيت كۈنى ئاتىدىغان تاشنى ئون بىرىنچى كۈنى تاڭ يورۇغىچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

   ئەمما تەشرىق كۈنلىرى ئاتىدىغان تاشنى يەنى ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنلىرى ئاتىدىغان تاشنى كۈن تىكلىشىپ پىشىننىڭ ۋاقتى كىرگەندىن تارتىپ كېچىگىچە ئاتسا بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىمۇ قىستاڭچىلىق ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار بولسا، كېچىدىن باشلاپ تاڭ يورۇغىچە ئاتسا بولىدۇ، ئون بىرىنچى، ئون ئىككىنچى ۋە ئون ئۈچىنچى كۈنىنىڭ تاشلىرىنى زاۋالدىن ئىلگىرى يەنى پىشىننىڭ ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئاتسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ تاشنى پىشىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئېتىپ، كىشىلەرگە: ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار دېگەن، قاتتىق ئىسسىق بولۇپ تۇرۇپمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تاش ئېتىشنى مۇشۇ ۋاقىتقا كېچىكتۈرۈشى، زاۋال ئىلگىرى سالقىن ۋە تاش ئېتىش ئاسان تۇرۇپمۇ ئاتمىغانلىقى، تاشنى پېشىن ۋاقتىدىن بۇرۇن ئاتسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۈن ئېگىلگەن ۋاقتىدا پېشىن نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن تاش ئاتقانلىقىمۇ تاشنى زاۋالدىن ئىلگىرى يەنى پىشىننىڭ ۋاقتى كېرىشتىن ئىلگىرى ئېتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر دۇرۇس بولغان بولسا ئەلۋەتتە پېشىن نامىزىنى ئاۋۋالقى ۋاقىتىدا ئوقۇش ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن تاشنى زاۋالدىن ئىلگىرى ئېتىش ياخشى بولاتتى.

   سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر تەشرىق كۈنلىرىدە تاشنى زاۋالدىن بۇرۇن ئاتسا توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ["ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى"560-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ:" قۇربان ھېيت كۈنىدىكى چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىشنىڭ ۋاقتى، زۇلھەججىنىڭ ئون بىرىنچى كۈنى تاڭ يورۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ياشانغانلار ۋە ئاجىزلار ۋە قىستاڭچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇربان ھېيت كېچىسى يېرىم كېچىدىن كېيىن باشلىنىدۇ.

   تەشرىق كۈنلىرىدە تاش ئېتىش بولسا، ئاۋۋالقى چوڭ شەيتانغا تاش ئاتقانغا ئوخشاش بولىدۇ، ئاۋۋالقى ۋاقتى زاۋالدىن كېيىن پىشىننىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلىنىپ ئەتىسى تاڭ يورۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، تەشرىقنىڭ ئاخىرقى كۈنى كېچىدە تاش ئېتىلمايدۇ چۈنكى ئۇ كېچە ئون تۆتىنچى كۈننىڭ كېچىسىدۇر، چۈنكى تەشرىق كۈنلىرى دېگەن ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى يەنى زۇلھەججىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بۇ كۈنلەردە كۈندۈزدە تاش ئېتىش ياخشى، ئەمما كۈندۈزدە ھاجىلار كۆپ، قىستاڭچىلىق، كىشىلەر بىر-بىرىگە پەرۋا قىلمايدىغان ھالەتتە بولۇپ، ئۆزىگە ئەزىيەت يېتىشتىن ياكى بەك جاپا تارتىپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە تاشنى كېچىدە ئاتسىمۇ بولىدۇ، ھېچ ئىش بولمىغاندىمۇ كېچىدە ئاتسا دۇرۇس بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ مەسىلىدە ئېھتىياتچان بولۇپ، بەك قىيىنچىلىق بولمىسا كۈندۈزدە ئاتقان ياخشى بولىدۇ. ["ئىسلام ئاساسلىرى پەتىۋاسى"557-558-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى