پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قىلىش، كاپارەت روزىسىدىكى ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ دېگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

بىر خانىم سادىر قىلغان خاتالىقىنىڭ كاپارىتىگە ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى روزا تۇتماقچى، (يەنى 60 كۈن) بۇ ئىككى ئاي جەريانىدا ئادەت كۆرۈپ قىلىپ روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ قازاسىنى، ئىككى ئاي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇتسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئىككى ئاي ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇش كېرەك بولغان خانىمنىڭ بۇ جەرياندا ئادەت كۈنلىرى بولۇپ قالسا، ئۇ كۈنلەردە روزا تۇتمايدۇ، ئىككى ئاينىڭ روزىسىنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ئادەت كۆرۈپ قالغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنى تۇتىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك بولغان خانىم، بۇ جەرياندا ئادەت كۆرۈپ قالسا، روزا تۇتمايدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇنداق بولىشى، ئىككى ئاي جەريانىدا ئادەت كۆرۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۈمىدسىزلىك يېشىغا يەتكەندە (يەنى ھەيىزدارلىقتىن توختىغاندا) ئادەت كۆرمەيدۇ، بۇ ۋاقىتقىچە روزىنى كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ، ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋاقىتتىكى روزىسىنى كېيىن تولۇقلايدۇ". ["ئەلمۇغنى" 8-توم 21-بەت].        

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى