چارشەنبە 11 مۇھەررەم 1446 - 17 ئىيۇل 2024
Uygur

ھەمجىنىسلارنى قوللايدىغان شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھەمجىنىسلارنى قوللايدىغان شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش،  پروگرامما ۋە قوللىنىشچان ئەپ دېتاللىرىنى قوللىنىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:

ھەمجىنىسلىق چوڭ جىنايەت ۋە شەرىئەتتە چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.

   شەكسىزكى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىنىڭ ئەمىلىنى قىلىش چوڭ جىنايەت ۋە شەرىئەتتىكى ئەڭ قەبىھ بولغان چوڭ گۇناھلاردىن بىرىدۇر. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمى ئازغۇنلۇقتا ھەددىدىن ئېشىپ يىرگنىشلىك ناچار قىلمىشىنى داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئازابنىڭ ئەڭ قورقۇنچلىق تۈرلىرى بىلەن ئازابلىدى.

   بۇ يىرگىنىشلىك چوڭ گۇناھقا ياردەم بېرىش ياكى ئۇنىڭ تارقىلىشىغا ھەسسە قوشۇش ياكى بۇنداق ناچار ئىش قىلغۇچىلارنى ماددى ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردىن قوللاش، ياردەم بېرىشنىڭ ئۆزى زېمىندا بۇزۇقچىلىق ۋە يىرگىنىشلىك قىلمىشلارنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكتۇر، بۇ مىللەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ھالاك بولىشى، ئازابقا دۇچار بولىشى ۋە ۋەيران بولىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر.

    ئاللاھ تائالا مۇنكەر ئىش ۋە ناچار قىلمىشلارغا ياردەم بېرىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ﴾‏ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق». [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئازغۇنلۇققا يېتەكلىگەن كىشىگە ئازغانلىقنىڭ جىنايىتى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ جىنايىتى يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىكەن، ئۇ كىشى دەۋەت قىلغان ئازغۇنلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھى بولىدۇ، ئۇ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ گۇناھىدىنمۇ ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋېتەلمەيدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى2674-ھەدىس].

   ئىككىنچى:

ھەمجىنىسلارنى قوللايدىغان شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، پروگرامما ۋە ئەپ دېتاللىرىنى قوللىنىش.

ھەمجىنىسلارنى قوللايدىغان شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش،  پروگرامما ۋە ئەپ دېتاللىرىنى قوللىنىشنىڭ ھۆكمى بولسا، «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش» قائىدىسىگە قايتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەگەر ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىق بۇ شىركەتنى ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ناچار قىلمىشتىن چەكلىيەلىسە ياكى ئۇلارنىڭ ھەمجىنىسلارنى قوللاشتىن ئىبارەت ئۆزىگە خاس بولغان ئىشنى ئىنكار قىلىشنى نامايەندە قىلغىلى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى كلىشىلەرگە بايان قىلغىلى بولسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ شىركەتتىن بىر نەرسە سېتىۋالماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن بولغان مۇئامىلە ئىشلىرىنى چەكلەش زۆرۈر بولىدۇ، بۇمۇ يامانلىقتىن چەكلەشتىن ئىبارەت ۋاجىپنى بەرپا قىلىش، جەمئىيەتكە كەڭ تارقالغان ھەمجىنىسلىقتىن ئىبارەت يىرگىنىشلىك قىلمىشتىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىش، شەرىئەت دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەن شىركەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ياردەم بېرىشتە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشىدىغان، ھەر تەرەپتىن ئاللاھنىڭ دىنىنى مۇداپىئە قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر.

   ئەبۇل ۋەپا ئىبنى ئەقىيل ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زامان ئەھلىدىن ئىسلامنىڭ ئورنىنى بىلىشنى مەقسەت قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ مەسچىتلەرنىڭ ئېشىكلىرىدىن قىستىلىپ كىرىشلىرىگە، مۇقەددەس ئورۇنلاردا لەببەيكە توۋلاشلىرىغا قارىمايسىز، ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىغا قارايسىز، ئىبنى راۋاندىي ۋە مەئەررا ئۇ ئىككىسىگە ئاللاھنىڭ لەنىتىي بولسۇن، ئۇلار نەزمە، چاچما ئەسەرلەرنى توقۇيتتى، بېرسى ھەدىسنى خۇراپات دەيتتى، يەنە بىرى قۇرئان كىرىمنى باتىل دەيتتى.

ئۇلار ئۇزۇن يىل ياشىدى، قەبىلىرى كاتتا بولدى، يازغان ئەسەرلىرى مەشھۇر بولدى، بۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدە دىننىڭ يوقىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". [ئىبنى مۇپلىھنىڭ" ئادابۇل شەرىئە"1-توم 237-بەت].

    مۇشۇ شىركەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى چەكلەشنى كۈچەيتىدىغان ئامىللاردىن: ئەگەر ئۇلار ئىشلەپ چىقارغان ئەپ-دېتاللارغا ئوخشاش ھەمجىنىسلارنى قوللىمايدىغان باشقا شىركەتنىڭ ئەپ دېتاللار بولسا ئۇنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئەپ-دېتاللىرىنى سېتىۋالماسلىق، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا ئىمبارگو ئىلان قىلىش بىلەن ئۇلار تەرەپتىن كېلىدىغان زىيان ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىش.

بۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە بەكرەك تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن: ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان دېتاللىرى ئېتىبارسىز بولسا، ئۇنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىشنىڭ ھېچ كىرىكى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئېتىبارسىزدۇر، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرىنى ئەقلى ساغلاملىق ۋە نەپسى ساغلاملىقىغا زىيانلىقتۇر.

    ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان تاۋارلىرى مۇسۇلمانلار كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان، ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولالمايدىغان، ئۇنى ئىشلەتمىسە  زىيانغا ئۇچرايدىغان ياكى قاتتىق قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالىدىغان نەرسىلەردىن بولۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىدىغان باشقا نەرسىلەر بولمىسا، ئۇ ئەپ-دېتاللارنىڭ ئۆزى دۇرۇس نەرسە بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان نەرسىلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەرك قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ ئەپ-دېتاللىرىنى ئىشلىتىشنى تەرك قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىي بىلەن ئىلىم-سېتىم قىلغان، ئۆزىنىڭ تۆمۈر كىيىمىنى يەھۇدىيغا گۆرەگە قويغان.

    مۇشۇنداق ھالەتتە ھەر بىر كىشى مۇمكىن بولغان ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىنى ئىنكار قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   ھەر قاچان ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئەپ-دىتاللىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان باشقا ئەپ-دېتاللار بولسا ئۇلارنىڭكىدىن سېتىۋالماي باشقىسىنى سېتىۋېلىش كېرەك. ئەتراپتىكىلەرنىمۇ شۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئەپ-دىتاللىرىغا ئىمبارگو قويۇشنىڭ جامائەت شەكىلدە بولغاندا پايدىسى كۆرىلىدۇ، ئۇلارغا بولغان ماددى زىيان زىيادە بولىدۇ، ئۇلارنى بۇ ئازغۇنلىقىدىن قايتىشقا ۋە ناچار ئىشلارغا ياردەم بېرىدىغان قىلمىشىدىن چەكلىنىشكە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئەپ-دىتاللىرىغا ئىمبارگو قويۇلۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقى بىلسە، ئۆزلىرى ۋە باشقىلارنىڭ بەزى ناچار قىلمىشىدىن يېنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن سىرت ھەمجىىنىسلارنىڭ شۇئالىرىنى قويۇش ۋە ئېلانلىرىنى تارقىتىش بىلەن كۇپايە قىلىپ، ماددىي تەرەپتىن ياردەم بەرمىگەن شىركەتلەرگە كۆرە، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەمجىنىسلارنى قوللاۋاتقان ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى  راۋاجلاندۇرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئەپ-دېتاللىرىنى ئىمبارگو قىلىشقا يەككە شەكىلدە ۋە جامائەت شەكىلدە ھەسسە قوشۇش ۋە بىر-بىرىنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك.

    كاپىرلارنىڭ ۋە دىنغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلار بىلەن ئىلىم-سېتىم قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 20732- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى