پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

قەسەمنىڭ كاپارىتىدە يىمەكلىك بېرىشكە قادىر تۇرۇپ روزا تۇتسا توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن قەسەمنىڭ كاپارىتىنى ئادا قىلىشىم كېرەك ئىدى، ئون كەمبەغەلگە يېمەكلىك بېرىشكە قادىر تۇرۇقلۇق، ئۈچ كۈن روزا تۇتتۇم، قىلغىنىم توغرا بوپتىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كاپارەتتە قۇل ئازاد قىلىش ياكى، كىيىم بېرىش ياكى يېمەك بېرىشكە قادىر تۇرۇپ روزا تۇتسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇل ئازاد قىلىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى يېمەك بېرىشكە قادىر بولالمىغاندا روزا تۇتۇشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنى تەرتىپ بىلەن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ‏لا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ‏ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان  قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ.» [سۈرە مائىدە 89-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: من فتاوى اللجنة الدائمة للإفتاء (23/13)