شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتالىقتىن خالىيلىقى

سۇئال

مەن ئەقىدە توغىرسىدا سۇئال سورىماقچىمەن . يەنى ، پەيغەمبەرلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىغا ھەمدە ئۇلارنىڭ خاتالىقتىن خالىي ئەمەسلىكىگە ئىشىنىش ئەقىدىمىزنىڭ بىر قىسمىمۇ ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
پەيغەمبەرلەر بولسا ئىنسانلارنىڭ تاللانغانلىرى ، ھەمدە ئاللاھقا نىسبەتەن مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى بولۇپ ، ئاللاھ ئۇلارنى ئىنسانلارغا بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دىگەن چاقىرىقنى يەتكۈزۈشكە تاللىدى . ھەمدە ئۇلارنى ئۆزى بىلەن مەخلۇقاتلىرى ئوتتۇرسىدا ئۆزىنىڭ قانۇنىنى يەتكۈزۈشكە ۋاستە قىلدى . ئۇلار ئاللاھ تەرەپتىن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظذلارغا كعتابنع، هئكمةتنع ؤة صةيغةمبةرلعكنع ظاتا قعلدذق،ظةضةر بذ مذشرعكلار ظذلارنع(يةنع كعتاب،هئكمةت ؤة صةيغةمبةرلعكنع)ظعنكار قعلسا, ظذلارنع ظعنكار قعلمايدعغان باشقا بعر قةؤمضة تاصشذرعمعز . [ ئەنئام(چاھارپايلار) : 89 ]
پەيغەمبەرلەر ئىنسان بولۇشى بىلەن ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھ تىن ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش . شۇڭلاشقا خاتالىقتىن خالى بولۇش مەسىلىسى ئىككى ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك :
1-دىننى يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن خالى بولۇش
2- ئىنسان خاتالىقلىرىدىن خالى بولۇش
بىرىنچى : بىرىنچى ئىشقا نىسبەتەن ، پەيغەمبەرلەر ئاللاھتىن ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن خالى بولۇپ ، ئۇلار ئاللاھ ئۇلارغا چۈشۈرگەن ھەرقانداق نەرسىنى يۇشۇرمايدۇ ، ھەمدە ئۆز ئىچىدىن بىر نەرسە قىتىۋالمايدۇ . ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەدكە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : ظع صةيغةمبةر! صةرؤةردعضارعث تةرعصعدعن ساثا نازعل قعلعنغان ظةهكاملار نعث هةممعسعنع يةتكىزضعن، ظةضةر تولذق يةتكىزمعسةث ،الله تاصشذرغان ؤةزعصعنع ظادا قعلمعغان بولعسةن.الله سعئنع كعشعلةرنعث زعيانكةشلعكعدعن ساقلايدذ.الله هةقعقةتةن كاصعر قةؤمنع هعدايةت قعلمايدذ . [ مائىدە](داستىخان) : 67 ]
ظةضةر ظذ بعزنعث نامعمعزدعن يالغاننع توقذيدعغان بولسا[44] ، ظةلؤةتتة ظذنع قذدرعتعمعز بعلةن جازالايتتذق[45] . ظاندعن ظذنعث ظاساسي قعزعل تومذرعنع كئسعص تاشلايتتذق[46] . سعلةردعن هئحبعر ظادةم ظذنع قوغداص قالالمايتتع.
[ ھاققە: 44-47 ]
ئۇ غەيىپ(بىلىمىنى) يەتكۈزۈشتە بىخىل ئەمەس . [ تەكۋىير: 24 ]
پېشىۋا ئابدۇررەھمان بىن سەئېدىي( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە مۇنداق دىگەن : " ئۇ ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھى قىلغان نەرسىگە بىخىللىق قىلمايدۇ . يەنى بىر قىسمىنى يۇشۇرمايدۇ ، بەلكى ئۇ ئاسمان ۋە زىمىن كىشىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكى بولۇپ ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىلىكىنى ئوچۇق يەتكۈزدى . ئۇ ئۇنىڭدىن مەيلى باي ياكى نامرات بولسۇن ، ئەمەلدار ياكى پۇقرا بولسۇن ، ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، شەھەرلىك ياكى كۆچمەن بولسۇن ھىچكىمگە ھىچنىمىنى تۇتۇۋالمىدى . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئۇنى بىر ساۋاتسىز ، بىلىمسىز مىللەتكە ئەۋەتتى . ھەمدە ئۇ تاكى ئۇلار يىتىشكەن ئالىم بولمىغىچە ، بىلىمدا ۋايىغا يەتمىگىچە ئۆلمىدى . . . " تۈگىدى .
شۇڭا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارىنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈشتە چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن قىلچىلىك خاتالىق سادىر قىلمىدى . بەلكى ئۇ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دائىملىق ساقلىشىدا بولۇپ كەلدى .
ھۆرمەتلىك پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن باز ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) [ ئىبنۇ باز فەتىۋالىرى ، 6-ج ، 371-ب] تە مۇنداق دىگەن :
" بارلىق مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ، بولۇپمۇ مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئاللاھتىن يەتكۈزگەن نەرسىلىرىدە خاتالىقتىن خالى ئىكەنلىكىگە بىردەك بىرلىككە كەلدى .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ساقعغان يذلتذزلار بعلةن قةسةمكع[1] ، سعلةرنعث هةمراهعثلار (يةنع مذهةممةد ظةلةيهعسسالام) ضذمراه بولمعدع ؤة يولدعن ظاداشمعدع[2] . (ظذ) ظأز نةصسع خاهعشع بويعحة سأزلعمةيدذ[3] . صةقةت ظذنعثغا نازعل قعلعنغان ؤةهينعلا سأزلةيدذ[4] . ؤةهيعنع ظذنعثغا كىحلىك صةرعشتة (جعبرعظعل) تةلعم بةردع .
[ نەجىم(يۇلتۇز) : 1-5 ]
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئاللاھتىن يەتكۈزگەن بارلىق نەرسىلەردە سۆز بولسۇن ،ئىش-ھەركەت ۋە ئۇ تەستىقلىغان نەرسىدە بولسۇن خاتالىقتىن خالى . بۇ ھەقتە ئالىملار ئارىسىدا ھىچقانداق تالاش-تارتىش يوق . " تۈگىدى .
ئۇممەت ئەلچىلەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن خالى بولۇپ ، ئۇلار ئاللاھ ئۇلارغا ۋەھى قىلغان نەرسىدە كۈچتىن قالدۇرۇلغانلىرىدىن باشقىسىنى ئۇنتىمايدۇ دەپ بىرلىككە كەلدى . ھەمدە ئاللاھ ئۇنى ئەلچىسىگە ئوقۇپ بىرىشكە ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئۇنتۇلدۇرۇشنى خالىغاندىن باشقىسىنى ئۇنتىماسلىققا كاپالەت بەردى . ھەمدە پۈتكۈل قۇرئاننى ئۇنىڭ قەلبىدە ساقلاشقا كاپالەت بەردى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ساثا (قذرظاننع) ظوقذتعمعز، اللة (نةسخع) قعلماقحع بولغان نةرسعدعن باشقعنع ظذنتذمايسةن. [ ئەئېلا( ھەممىدىن يۈكسەك): 7 ]
ظذنع توصلاش ؤة ظوقذص بئرعش بعزنعث مةسظولعيتعمعزدذر(17).ساثا ظذنع ظوقذص بةرضعنعمعزدة(يةنع جعبرعظعل ساثا ظوقذص بةرضةندة)ظذنعث ظوقذشعغا ظةضةشكعن .
[ قىيامەت : 17-18 ]
ئىسلام پېشىۋاسى( فەتىۋالار توپلىمى، 18-ج، 7 )دە مۇنداق دىگەن :
پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن يەتكۈزگەن ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن يەتكۈزگەن نەرسىلەردە خاتالىقتىن خالىلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرى پەقەتلا راست . مانا بۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ مەنىسى . ھەمدە بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا غەيبى ئىشلارنى خەۋەر قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇنى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . شۇڭا ئەلچى كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشقا ھەمدە ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان . " تۈگىدى .
ئىككىنچى : پەيغەمبەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىدىغانلىقىغا كەلسەك ، ئۇ ئىككى خىل ئەھۋالغا ئىگە :
1- ئۇلاردىن چوڭ گۇناھلارنىڭ سادىر بولماسلىقى :
چوڭ گۇناھلار پەيغەمبەرلەردىن ھەرگىز سادىر بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغان ، مەيلى پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن ياكى كىيىن بولسۇن .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە ( فەتىۋالار توپلىمى ، 4.ج 319 ) دا مۇنداق دىگەن :
" پەيغەمبەرلەرنىڭ كىچىك گۇناھلاردىن ئەمەس، چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغانلىقى توغىرسىدىكى قاراش كۆپلىگەن ئىسلام ئالىملىرى ۋە بارلىق مەزھەپلەرنىڭ قارىشى . ۋە شۇنىڭدەك تەفسىرشۇناسلار ، ھەدىيسشۇناسلار ۋە فىقھىشۇناسلارنىڭ قارىشى . ئەمەلىيەتتە ، پىشقەدەملەر ، ئىماملار ، ساھابىلەر ، تابىئېينلار ھەمدە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن پەقەت مۇشۇ قاراشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان بايان نەقىل قىلىنغان . " تۈگىدى .
2- ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش ۋە ۋەھىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلار :
كىچىك گۇناھلارغا كەلسەك ، بۇلار ئۇلاردىن ياكى بەزىلىرىدىن بەزىدە سادىر بولغان . شۇڭلاشقا كۆپچىلىك ئالىملار ئۇلار كىچىك گۇناھلاردىن خالى ئەمەس دىگەن قاراشتا . بىراق ئۇلاردىن سادىر بولغاندا ، ئۇلار ئۇنى داۋاملاشتۇرىۋەرمىگەن . بەلكى ئاللاھ ئۇلارغا ئۇنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم ئۇلار ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىغان .
ئۇلاردىن كىچىك گۇناھلارنىڭ سادىر بولغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقىنىڭ دەلىلى : ئاللاھنىڭ ئادەم ھەققىدىكى سۆزى : « ظادةم صةرؤةردعضارعنعث(ظةمرعضة)خعلاصلعق قعلدع،شذ نعث بعلةن ظذ ظازدع121.ظاندعن صةرؤةردعضارع ظذنع تاللعدع، ظذنعث تةؤبعسعنع قوبذل قعلدع ؤة ظذنع هعدايةت قعلدع .» [ تاھا : 121-122 ] بۇ بولسا ئادەمدىن گۇناھنىڭ سادىر بولغانلىقى ، بىراق ئۇنىڭ ئۇنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئاللاھقا تەۋبە قىلغانلىقىنىڭ دەلىلى .
يەنە مۇنۇ سۆزى : « مذسا ظئيتتع: بذ شةيتاننعث ظعشعدذر،شىبهعسعزكع،شةيتان ظازدذرغذحع ظاشكارا دىشمةندذر 15.مذسا ظئيتتع: صةرؤةردعضارعم!مةن هةقعقةتةن ظأزةمضة زذلذم قعلدعم.ماثا مةغصعرةت قعلغعن .الله ظذنعثغا مةغصعرةت قعلدع،الله هةقعقةتةن ناهايعتع مةغصعرةت قعلغذحعدذر،ناهايعتع مئهرعباندذر .» [ قەسەس(ھىكايىلەر) : 15-16 ]
مۇسا (ئۇنىڭغا ئامانلىق بولسۇن) گۇناھىنى تونۇدى ھەمدە ھىلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كىيىن ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورىدى ، ھەمدە ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۋەتتى .
ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى : صةرؤةردعضارعدعن مةغصعرةت تةلةص قعلدع، سةجدعضة باردع. (اللةغا) تةؤبة قعلدع[24] . بعز ظذنعث خاتالعقعنع ظةصذ قعلدذق، ظذ بعزنعث دةرضاهعمعزدا ظةلؤةتتة يئقعنلعققا ؤة ياخشع ظاقعؤةتكة ظعضة بولعدذ .
[ ساد: 23-24 ] داۋۇدنىڭ گۇناھى بولسا ئىككىنچى دەۋاگەرنىڭ ئگھۋالىنى ئاڭلىماستىن ھۆكۈم قىلىشقا ئالدىرىشى ئىدى .
ھەمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد قۇرئامدا تىلغا ئىلىنغان بىر نەچچە ئىشلاردا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەيىپلەنگەن . ئۇلاردىن :
ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى : ظع صةيغةمبةر! نئمة ظىحىن اللة ساثا هالال قعلغان نةرسعنع ظاياللعرعثنعث رازعلعقعنع تعلةش يىزعسعدعن هارام قعلعسةن، اللة ناهايعتع مةغصعرةت قعلغذحعدذر، ناهايعتع مئهرعباندذر .
[ تەھرىيم(ھارام قىلىش) : 1 ]
بۇ ئۇنىڭ بەزى ئاياللىرى ھەققىدىكى ھەممىگە مەشھۇر ھىكايىنى كۆرسىتىدۇ .
شۇنىڭدەك ، ئاللاھ پەيغەمبەرنى بەدرى جىڭىدىكى ئەسىرلەر توغىرسىدا ئەيىپلىگەن .
مۇسلىم سەھىيھىدە (4588) نەقىل قىلدىكى ، ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " ئەسىرلەر ئەسىرگە ئىلىنغاندا ، ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۇمەرگە( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) : بۇ ئەسىرلەرگە قانداق قارايسىلەر ؟ دىدى . ئەبۇ بەكرى : " بۇلار سىنىڭ بىر نەۋرە قېرىنداشلىرىڭ ھەم تۇغقانلىرىڭ . مەن ئۇلاردىن تۆلەم ئىلىش كىرەك دەپ قارايمەن . شۇندا ئۇ بىزگە كاپىرلارغا قارشى كۈچ-قۇۋۋەت بىرىدۇ . ھەم ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلامغا يىتەكلىشى مۇمكىن . " دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : سەن قانداق قارايسەن ، ئى ئىبنۇ خەتتاب؟ دىدى . ئۇ : " مەن: ياق ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، ئى ئاللاھ ئەلچىسى ! مەن ئەبۇ بەكرى قارىغاندەك قارىمايمەن . مەن ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرساڭ ، ئۇلارنىڭ بوينىغا ئۇرساق دەپ قارايمەن . ئۇقەيىلنى ئەلىگە تاپشۇرغىن ، ئۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئۇرسۇن . ۋە پالانىنى-ئۇمەرنىڭ تۇغقىنى ، ماڭا تاپشۇرغىن ، ئۇنىڭ بپينىغا ئۇراي . چۈنكى بۇلار كاپىرلىقنىڭ رەھبەرلىرى ۋە كاتتىلىرى ، دىدىم" دىدى . ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ئەبۇ بەكرىنىڭ دىگىنىنى ياقتۇرۇپ ، مىنىڭكىنى ياقتۇرمىدى . ئىككىنچى كۈنى مەن كەلسەم ، ئاللاھ ئەلچىسى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ۋە ئەبۇ بەكرى يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ . مەن : " ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، ماڭا دىگىنە ، سەن ۋە ھەمرىيىڭنى نىمە يىغلاتتى ؟ ئەگەر يىغلاشقا تىگىشلىك ئىش بولسا مەنمۇ سىلەر بىلەن يىغلايمەن . ئەگەر ئۇنداق ئىش بولمىسا ، سىلەرنىڭ يىغاڭلارغا يىغلىشىپ بىرىمەن . " دىدىم . ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) : « مەن ھەمرالىرىڭنىڭ تۆلەم ئىلىشى سەۋەپلىك ماڭا كۆرسىتىلگەن ئازاپقا يىغلاۋاتىمەن . ئۇ ماڭا مۇشۇ دەرەخكە ئوخشاش يىقىن قىلىندى ، ئۇ پەيغەمبەرگە يىقىن بىر دەرەخ ئىدى . ھەمدە ئاللاھ : « صةيغةمبةرضة زئمعندا دىشمةننع كأصرةك ظألتىرمةي تذرذص(يةنع مذشرعكلعكنعث هةيؤعسعنع يوقعتعص،ظعسلامغا قذؤؤةت بةرمةي تذرذص)،ظةسعرلةردعن فعدعية ظئلعش لايعق ظةمةس ظعدع.(ظع مأمعنلةر!سعلةر فعدعية ظئلعش بعلةن)دذنيا مةنصةظةتعنع كأزلةيسعلةر،الله سعلةرضة ظاخعرةتنع(يةنع ظاخعرةتنعث ساؤابعنع)تعلةيدذ.الله غالعبتذر, هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر67.الله نعث(ظوحذق حةكلةنمعضةن ظعشنع قعلغانلارنع جازالعماسلعق دئضةن)هأكمع ظةزعلعسع بولمعسا ظعدع،(ظةسعرلةردعن)فعدعية ظالغانلعقعثلار ظىحىن ظةلؤةتتة زور ظازابقا دذحار بولاتتعثلار68.(ظع جعهاد قعلغذحعلار جاماظةسع!)غةنعمةت ظالغان نةرسةثلارنع هالال ؤة صاك بعلعص يةثلار،الله (نعث ظةمرعضة مذخالعصةتحعلعك قعلعش)دعن قورقذثلار.الله هةقعقةتةن مةغصعرةت قعلغذحعدذر، (بةندعلعرعضة)مئهرعباندذر .» [ ئەنفال(غەنىمەتلەر) : 67-69 ] ئايەتلەرنى چۈشۈرۈپ ، ئۇلارغا غەنىمەتنى ھالال قىلدى .
بۇ ھەدىيستىن شۇ ئىنىقكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) نىڭ ئەسىرلەردىن تۆلەم ئىلىشنى تاللىشى ساھابىلىرى بىلەن كىڭەشكەندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بولغان ، ھەمدە ئۇ ھەقتە ئاللاھتىن ۋەھىيگە ئىرىشمىگەنىدى .
ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى : تەرىنى تۈردى ، ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى . چۈنكى ئۇنىڭ قېشىغا بىر ئەما كەلدى . [ ئەبەسە( تەرىنى تۈردى) : 1-2 ]
بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق ئىسىل ساھابە ئابدۇللاھ بىن ئۇممۇ مەكتۇم بىلەن ئاللاھ ئەلچىسى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئوتتۇرسىدىكى ھىكايە بولۇپ ، ئاللاھ ئۇنىڭدا پەيغەمبەرنى ئەيىپلىگەن .
ئىسلام پېشىۋاسى ( فەتىۋالار توپلىمى : 4.ج |320 ) دە مۇنداق دىگەن :
" كۆپچىلىك ئالىملاردىن نەقىل قىلىنغان نەرسە شۇكى ، ئۇلار ، يەنى ، پەيغەمبەرلەر كىچىك گۇناھلاردىن خالى ئەمەس ، بىراق ئۇلار ئۇنى داۋام قىلمايدۇ . ۋە ئۇلار ، بۇ مەلۇم ئەھۋالدا يۈز بەرمەيدۇ، دىمەيدۇ . ھەمدە ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇتلەق خاتالىقتىن خالى دىگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان ھەمدە ئەڭ كۆپ نەقىل قىلىنغان تۇنجى مەزھەپ بولسا رافىزەلەر بولۇپ ، ئۇلار : پەيغەمبەرلەر ھەتتا ئۇنتۇش ، سەۋەنلىك ۋە خاتا چۈشىنىش سەۋەپلىك يۈز بىرىدىغان خاتالىقلاردىنمۇ خالى ۋە ساقلانغان دەيدۇ . " تۈگىدى .
بىر قىسىم كىشىلەر ، پەيغەمبەرلەرنى گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ دىيىش باشباشتاقلىق دەپ قارايدۇ . ھەمدە بۇنى دەلىللەيدىغان قۇرئان ۋە ھەدىيس تېكىستلىرىنى خاتا چۈشەندۈرىدۇ . ھەمدە ئۇلارنى بۇ سۆزگە ئىتتىردىغىنى ئىككى شۈبھىلىك :
بىرىنچى : ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشكە ۋە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرىغان . ئۇلارغا ئەگىشىشكە دىيىلگەن بۇيرۇق ئۇلار قىلغان ھەرقانداق ئىش بىزنىڭ ئەگىشىشىمىزگە ئۈلگە بولۇشىنى لازىم قىلىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ئىش-ھەركەت ۋە ئىتىقادى ئىبادەت . ئەگەر بىز پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ دىسەك ، بۇ يەردە تەڭقىسلىق شەكىللىنىدۇ . چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئۈلگىسىگەئەگىشىشكە بۇيرۇلغىنىمىز ئۈچۈن ، پەيغەمبەر سادىر قىلغان بۇ گۇناھنى دوراپ قىلىشقا بۇيرۇلغان بولىمىز . يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭغا قوشۇلالمايمىز ياكى قىلماسلىققا بۇيرۇلغانمىز. چۈنكى ، ئۇ بىر گۇناھ .
بۇ شۈبھىلىك دۇرۇس ، ھەمدە ئەگەر بۇ گۇناھ يۇشۇرۇن بولسا ، تائەت ئەمەللىرى بىلەن ئارلىشىپ قالىدىغان دەرىجىدە ئاشكارا بولمىسا مۇۋاپىقتۇر . بىراق ئۇلۇغ ئاللاھ ئەلچىلىرىگە ئۇلارنىڭ قەيەردە خـاتالاشقانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى ، ھەمدە ئۇلارنى كېچىكتۈرمەستىن تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلدى .
ئىككىنچى : گۇناھلار تاكامۇللۇققا زىت ھەمدە ئۇ بىر يىتەرسىزلىك . بۇ ، ناۋادا ئۇنىڭغا تەۋبە بولمىغاندا توغرا . چۈنكى تەۋبە گۇناھقا كەچۈرۈم ئىلىپ كىلىدۇ . ھەمدە تاكامۇللۇققا زىت كەلمەيدۇ ھەمدە ئۇنى قىلغۇچىنى ئەيىپلىنىشكە يۈزلەندۈرمەيدۇ . بەلكى نۇرغۇن ئەھۋاللاردا بەندە گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىركىگە قارىغاندا ، تەۋبە قىلغاندىن كىيىن تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ . ھەممىگە مەلۇم ، پەيغەمبەردىن گۇناھ سادىر بولدىمۇ ، ئۇ شۇئان تەۋبىگە ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىرىدى ، شۇڭا پەيغەمبەرلەر گۇناھنى داۋاملاشتۇرمايدۇ ، ۋە ياكى تەۋبىنى كېچىكتۈرمەيدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنى ئۇنىڭدىن ساقلىدى ، ھەمدە ئۇلار تەۋبە قىلغاندىن كىيىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا تىخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كەتتى .
3- بىر قىسىم دۇنيا ئىشلىرىدىكى مەقسەتسىز خاتالىق :
دۇنيا ئىشلىرىدىكى خاتالىقلارغا كەلسەك ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئەقلى كامىل ، چۈشىنىشى كۈچلۈك بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشى توغرا . ئۇ بولسا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پەيغەمبەرلەردە يۈز بەرگەن . ھەمدە ئۇ تۇرمۇشنىڭ تىبابەت ، دىھقانچىلىق قاتارلىق ھەر خىل ساھەلىرىدە يۈز بەرگەن .
مۇسلىم سەھىيھىدە (6127) رافىئې بىن خەدىيجدىن نەقىل قىلدىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ پەيغەمبىرى(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مەدىينىگە كەلدى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ خورمىنى چاڭلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ : سىلەر نىمە قىلىۋاتىسىلەر ؟ دىدى . ئۇلار : " بىز دائىم مۇشۇنداق قىلاتتۇق . " دىدى. ئۇ : ئەگەر سىلەر ئۇنى قىلمىساڭلار ياخشى بولامدىكىن . دىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇنى قىلمىدى . ۋە ھوسۇل كىمىيىپ كەتتى . ئۇلار ئۇنىڭغا بۇ ئەھۋالنى ئېيىتتى ھەمدە ئۇ : مەن پەقەت بىر ئىنسان ، ئەگەردە مەن سىلەرنى دىنىڭلار توغىرسىدا بىر ئىشقا بۇيرىسام ، ئۇنى قىلىڭلار . ئەگەردە ئۆز قارىشىم بويىچە بىر ئىشقا بۇيرىسام ، مەن پەقەت بىر ئىنسانمەن . دىدى . شۇڭلاشقا مەلۇم بولدىكى ، پەيغەمبەرلەر ۋەھىيگە نىسبەتەن ، خاتالىقتىن ساقلانغان . بىز پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋەھى يەتكۈزۈشى ھەققىدە تۆھمەت قىلىدىغان ، ھەمدە ئۇنىڭ بەلگىلىگەن قانۇنلىرىدىن شەكلىنىدىغان ھەمدە بۇ ئۇنىڭ شەخسىي ئىجتىھادىي قارىشىدىن ئىبارەت دەيدىغانلاردىن ئاگاھ بولۇشىمىز كىرەك . پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلالمايدۇ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئۇ ئۆز كۆڭۈل خاھىشى بىلەن سۆزلىمەيدۇ . پەقەت ئىلھام قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ . [ نەجىم(يۇلتۇز) : 3-4 ]
فەتىۋالار دائىمىي كومىتىتىدىن : پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر خاتالىق ئۆتكۈزەمدۇ ؟ دەپ سورالدى .
ئۇلار جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىدى : " شۇنداق ، ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ . لىكىن ئاللاھ ئۇلارنى خاتالىقىدا داۋام قىلدۇرمايدۇ . بەلكى ئاللاھ ئۇلارغا ۋە خەلقلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلىپ خاتالىقىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بىرىدۇ ، ھەمدە ئۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۋىتىدۇ ھەمدە ئۆز پەزلى-كەرىمى ۋە رەھىم-شەپقىتى بىلەن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ . چۈنكى ئاللاھ تولىمۇ كەچۈرگۈچى ۋە ناھايىتى مىھرىبان . بۇلار بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئايدىڭ . "
[ دائىمىي كومىتىت فەتىۋالىرى ، 3194 ]
كۆپرەك بىلمەكچى بولسىڭىز ، 7208-سۇئالغا قاراڭ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى