يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن"ھەقىقەتەن ئ‍ۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە" دېيەلەمدۇ؟

409684

تارقاتقان ۋاقىت : 03-09-2023

كۆرگۈچىلەر : 360

سۇئال

   ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن "ھەقىقەتەن بۇ كىشى ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا" دېيىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

مۆمىن كىشى ۋاپات بولغان بولسا، " ھەقىقەتەن بۇ كىشى ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا" دېسە بولىدۇ، گەرچە بۇ سۆز يالغۇز ۋاپات بولغان كىشىگە خاس بولمىسىمۇ، ھەقىقەتەن ئىلگىرى بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى بايان قىلدۇق، ئۇ بولسىمۇ: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا ئۇ كىشى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولىدۇ»، بۇنىڭ تەپسىلاتىى ئۈزۈن جاۋاپتىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   زىممە دېگەن: ئەھدە، كەپالەت دېگەن مەنالاردا بولۇپ، بۇنىڭ ساقلاش مەنىسىمۇ بار.

   ئىبنى ئەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ھەدىسلەردە "زىممە ۋە زىمام" دېگەن سۆزلەر كۆپ زىكىر قىلىندى. بۇ: ئەھدە، ئامانلىق، كاپالەت، ھۆرمەت ۋە ھەق قاتارلىق مەنالاردا كېلىدۇ.

     ھەدىستە بايان قىلىنغان: «ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ئەھدىسى ئادا-جۇدا بولدى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ھەقىقەتەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئاللاھدىن ئۇنى ساقلايدىغان، مۇھاپىزەت قىلىدىغان ئەھدە بولۇپ، ئىنسان ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلايدىكەن ياكى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدىكەن ياكى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ ئەھدىسى بولمايدۇ دېمەكتۇر". ["نىھايەتى غەرىبۇل ھەدىس" 455-بەت].

    "ئاللاھنىڭ ئەھدىسىدە" دەپ كەلگەن ھەدىسلەردىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ ئەھدىسىدە بولىدۇ، ئاللاھتىن ئۇنىڭ ئەھدىسىدە بولغان بىر ئىشنى تەلەپ قىلماڭلار، كىمكى ئاللاھنىڭ ئەھدىسىدە بولغان بىر ئىشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنى تاپىدۇ ئاندىن يۈزىچە جەھەننەمنىڭ ئوتىغا سورىلىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 657-ھەدىس].

   ئىمام نەۋەۋىي "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 5-توم 158-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "زىممە" دېگەن سۆز بۇ يەردە كاپالەت ياكى ئامانلىق مەنىسىدە".

    مۇشۇ مەنالارغا ئاساسەن، ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ساقلىشىدا دېسە، بولىدۇ، بۇ خۇددى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مۇھاپىزەت قىلغاي دېگەن دۇئاغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەك: ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يۆتكەلدى دېيىلىدۇ، بۇمۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ دېيىلگەن دۇئادۇر، ھەرگىزمۇ ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلدى دېگەننى جەزىم قىلغانلىق ئەمەس، چۈنكى بۇنى بىلىشنىڭ يولى يوق.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "پالانى رەھمەت قىلىنغۇچى، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن ئورىغاي، ئۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يۆتكەلدى؟ دېگەن سۆزلەردىن سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "پالانى رەھمەت قىلىنغۇچى، ئاللاھ ئۇنى ئۆز رەھمىتى بىلەن ئورىغاي دېگەندەك سۆزلەرنى دېسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ:"رەھمەت قىلىنغۇچى" دېگەن سۆزى خەۋەر بېرىش ئەمەس بەلكى ياخشىلىقنى ئويلاش ۋە ئۈمىت قىلىشتۇر، بۇنداق سۆزلەرنى دېسە بولىدۇ.

ئەمما ئۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە يۆتكەلدى دېگەن سۆزمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش خەۋەر بېرىش ئەمەس بەلكى ياخشىلىقنى ئويلاش ۋە ئۈمىد قىلىشتۇر، چۈنكى بۇ غەيبى ئىشلاردىن بولۇپ بۇنى كەسكىن قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 3-توم 85-بەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ۋاپات بولغان مۇئ‍مىن كىشى ئاللاھنىڭ ساقلىشىدا ياكى كاپالىتىدە بولىدۇ» دېگەن ھەدىس بايان قىلىنغان.

    ئەبۇ داۋۇد ۋاسىلە ئىبنى ئەسقەدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن بولغان بىر كىشىنىڭ جىنازە نامىزىنى ئوقۇدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئەي ئاللاھ! ھەقىقەتەن پالانىنىڭ ئوغلى پالانى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا، سېنىڭ خوشنىلىق ئەھدىڭدە، ئۇنى قەبىرنىڭ پىتنىسىدىن دوزاخنىڭ ئازابىدىن ساقلىغىن، سەن ئەھدىگە بەك ۋاپا قىلغۇچى، ماختاشقا بەك لايىق. ئى ئاللاھ! ئۇ بەندەڭنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچى ۋە رەھمەت قىلغۇچىدۇرسەن». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3204-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ جىنازا مەسىلىلىرىدە كەلتۈرگەن].

    سىندىي ئىبنى ماجىگە يازغان ھاشىيىدە مۇنداق دەيدۇ: "سېنىڭ زىممىتىڭدە" دېگەن سۆز: سېنىڭ ئامانلىقىڭدا، سېنىڭ ئەھدەڭدە ۋە

 سېنىڭ ساقلىشىڭدا دېگەن بولىدۇ".

     موللا ئەلى قارى "مىرقاتنىڭ ئاچقۇچلىرى" ناملىق ئەسەر 3-توم 1209-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: " ئەي ئاللاھ! ھەقىقەتەن پالانىنىڭ ئوغلى پالانى سېنىڭ ئامانلىقىڭدا دېگەن: ھەقىقەتەن ئۇ ساڭا ئىمان ئېيتقان كىشى دېگەن بولىدۇ".

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ۋاپات بولغان كىشىنى "ھەقىقەتەن بۇ كىشى ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا" دېسە بولىدۇ، گەرچە بۇ سۆز يالغۇز ۋاپات بولغان كىشىگە خاس بولمىسىمۇ، ھەقىقەتەن ئىلگىرى بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى بايان قىلدۇق، ئۇ بولسىمۇ: «كىمكى بامدات نامىزىنى ئوقۇسا ئۇ كىشى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا بولىدۇ».

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى