شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسىدە بۇغدايدىن ئىككى كىلۇنىڭ قىممىتىگە توغرىلاپ گۈرۈچ ۋە تەييار خىمىردىن چىقارسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن مىسىرلىق، بىر سا بۇغداينىڭ ھېسابى دەلىل بىلەن ئىككى كىلوغا باراۋەر كېلىدىغانلىقى ھېسابلاندى، بىر كىلو بۇغداي ئالتە جۇنەي، مېنىڭ سوئالىم: پىتىر سەدىقىسىنى ئون بەش جۇنەي مىقدارىدىكى تەييار خىمىر ياكى ئۇنىڭ ئورنىغا باراۋەر كىلىدىغان گۈرۈچ ياكى باشقا بۇغداي ماددىلىرىدىن پىتىر سەدىقىسى چىقارسام توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  پىتىر سەدىقىسى يېمەكلىكتىن بىر سا بېرىلىدۇ. پىتىر سەدىقىسىدە يېمەكلىكتىن بىر سا چىقىرىش ۋاجىپ بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق بۇيرىغان، كۈچلۈك قاراشتا يېمەكلىكنىڭ قىممىتىنى چىقىرىش توغرا بولمايدۇ.  (بۇ قاراش بەزى مەزھەبدىكى قاراشلار بولۇپ، ھەنەپىي مەزھەبىدە ئىھتىياجقا كۆرە قىلسا بولىدۇ. مەسىلىدە كەڭچىلىك باردۇر ).

    ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆرگە، قۇلغا، ئەرگە، ئايالغا، چوڭغا ۋە كېچىككە خورمىدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا، بېرىشكە بۇيرىدى». [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984  -ھەدىس].

    ئەبۇ سەئىد ئەل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت كۈنى يېمەكتىن بىر سادىن چىقىراتتۇق».

    ئەبۇ سەئىد مۇنداق دەيدۇ:  بىزنىڭ ئۇ ۋاقىتتىكى يىمەكلىكىمىز:  ئارپا، ئۈزۈم، پىشلاق ۋە خورمىدىن ئىبارەت ئىدى . [ بۇخارى  رىۋايىتى 1510-ھەدىس] .

   ھەممەيلەنگە مەلۇمكى بۇ تۆت تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ قىممىتى ئوخشىمايدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى ئېتىبارغا ئالماي پەقەت سانى ئېتىبارغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ سەئىدىل خۇدەرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چىقىرىلىدىغان مىقداردا ئوخشاش بولسىمۇ، قىممىتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدىن قايسى تۈردىن بولسا مۇشۇ مىقداردا چىقارسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ، بۇغداي بولسۇن ياكى باشقىسى بولسۇن ئوخشاش. بۇ ئىمام شاپىئىي ۋە شاپىئىي مەزھىپىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ دەلىلىدۇر . "  [" پەتھۇل بارى"  3 -توم 374 -بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: پىتىر سەدىقىسى چىقارماقچى بولسىڭىز، بۇغدايدىن بىر سا ياكى گۈرۈچتىن بىر سا ياكى ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر ئوزۇقلۇق قىلىدىغان نەرسىلەردىن بىر سادىن چىقارسىڭىز بولىدۇ.

124965 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدا پىتىر سەدىقىسى چېقىرىلىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ تۈرلىرىنىڭ بايانى بار.

   ئىككىنچى:  تەييار خىمىردىن پىتىر سەدىقىسى چىقارسىڭىز توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ  "شەرھىل مۇمتى"  6 -توم 183 -بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسىنى تەييار خىمىردىن چىقارسا توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر كىشىلەر تەييار خىمىردىن يىمەكلىك قىلىدىغان بولسا، پىتىر سەدىقىسىگە ئۇنىڭدىن چىقارسا توغرا بولىدۇ، ھەجىمى گۈرۈچكە ئوخشاش بولسا ئۇنىڭدا كىلو ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئەمما گۈرۈچتىن چوڭ بولسا ئېغىرلىقى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ".

    بىزنىڭ قارىشىمىزدا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن:  پىتىر سەدىقىسىگە تەييار خىمىر بەرسە توغرا بولامدۇ، بولمامدۇ؟ كىلو ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ ياكى ھەجىمى ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟ دېگەندەك ئۆلىمالار ئارىسىدكى ئىختىلاپ بولغان مەسىلىگە كىرمەستىن پىتىر سەدىقىسىگە تەييار خىمىر چىقارماسلىق كېرەك بولىدۇ.

    تەييار خىمىر كۆپچىلىك كىشىلەر يىمەكلىك قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھاجىتىنى قاندۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن باشقىنى چىقىرىش ياخشى بولىدۇ.

   ھەر قانداق ھالەتتە ئەڭ ياخشى بولغىنى:  ھەدىستە كەلگەن، سەلەپ ئالىملىرى پىتىر سەدىقىسى چىقارغان نەرسىلەردىن چىقىرىش كېرەك، ئۇ بولسىمۇ گۈرۈچتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئومۇمى كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكى، ئۇنىڭ مىقدارىنى بېكىتىش ئاسان بولىدۇ.

    ئۈچىنچى:  پىتىر سەدىقىسىنى ئوخشىمايدىغان ئىككى تۈردىن بىر سا چىقىرىش توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا يىرىم سا گۈرۈچ ۋە يىرىم سا مەكرونا چىقارسىمۇ توغرا بولمايدۇ، بەلكى ۋاجىپ بولغىنى ھەر تۈردىن بىر سادىن چىقىرىشتۇر. بۇ ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئىبنى ھەزمىدىن ئىبارەت ئىككى ئىمامنىڭ قارىشىدۇر. 109779 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى