شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام ئېيتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ سوئالىم: تەراۋېھ نامىزى ئارىسىدا ئىمام بەك تىز سالام بېرىۋېتىدۇ، ئۇ تەشەھھۇدنى ئوقۇشقىمۇ يەتمەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشتىن بۇرۇن سالام بېرىدۇ، مەن ئىمام بىلەن بىرگە سالام بېرىشىم كېرەكمۇ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ بولۇپ ئايرىم سالام بېرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆلىمالار نامازدىكى تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا بىر قانچە قاراشتا بولدى، ئۇلاردىن بەزىلىرى: تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى نامازنىڭ پەرىزى ئەگەر بۇنى ئادا قىلمىسا نامىزى ناماز بولمايدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلىرى: ۋاجىپ دەيدۇ، يەنە بىرقىسىم ئۆلىمالار: تەشەھھۇتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنى ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت ياكى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ.

    ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ ئۈچىنچى قاراشنى يەنى سۈننەت ياكى مۇستەھەب دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرۈپ، "زادىل مۇستەنقىئ"نىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "نامازنىڭ ئاخىرىقى تەشەھھۇتىدا يەنى تۆت رەكەت ياكى ئۈچ رەكەتلىك نامازنىڭ ئاخىرىقى ئولتۇرىشىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بولسا ناماز ئېچىدىكى ئون ئىككىنچى پەرىز ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى: ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزگە سىلىگە قايسى شەكىلدە دۇرۇت-سالام يوللاشنى تەلىم بەرسىلە؟دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەد ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەد دەڭلار يەنى: [ئى ئاللاھ! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋابىئاتلىرىغا رەھمەت قىلسىلا] دەڭلار دېگەن، قائىدىدە، بۇيرۇق ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدۇ، ۋاجىپنىڭ ئەسلىسى پەرىز دېگەن بولۇپ، ئەگەر ۋاجىپ ئەمەل تەرك قىلىنسا، ئىبادەت باتىل بولىدۇ، يەنى توغرا بولمايدۇ، پىقھى ئۆلىمالىرى بۇ مەسىلىنىڭ دەلىلىنى مۇشۇنداق قارار قىلغان.

    لېكىن بۇ ھەدىسنى مۇلاھىزە قىلغاندا، سىزگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكى ئوچۇق بولمايدۇ، چۈنكى ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۇرۇت-سالامنى قانداق ئوقۇشنى سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئوقۇشنىڭ يولىنى دەپ بەرگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستىكى دەڭلار دېگەن سۆز ۋاجىپلىقنى بىلدۈرمەستىن بەلكى تەلىم ۋە يىتەكلەشنى بىلدۈرىدۇ.

    ئەگەر نامازدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرۇلغان باشقا دەلىل بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا تايىنىش كېرەك، ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستىن باشقا دەلىل تىپىلماي قالسا، بۇ ھەدىس پەرىزلىكنى ئەمەس بەلكى ۋاجىپلىقنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراشتىكىلەر: بۇ مەزھەبتىكى مەشھۇر قاراش: نامازدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ ھۆكمى پەرز بولۇپ، دۇرۇت-سالام يوللانمىسا ناماز توغرا بولمايدۇ.

    ئىككىنچى قاراش: نامازدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش پەرز ئەمەس بەلكى ۋاجىپ بولۇپ، دۇرۇت-سالام يوللاشنى ئۇنتۇپ قالغاندا سەھۋەنلىك سەجدىسى بىلەن ناماز ئادا تاپىدۇ دەيدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: [ئاللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەد] دەڭلار دېگەن سۆزىنىڭ ۋاجىپلىقى ۋە بىلدۈرۈپ قويۇشقا دېگەنلىك ئېھتىماللىقىمۇ بار. مۇشۇنداق ئېھتىماللىق تۇرۇغلۇق، بۇنى ئادا قىلمىسا ناماز توغرا بولمايدىغان پەرىزنىڭ قاتارىدىن قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى قاراش: نامازدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش پەرزمۇ ئەمەس، ۋاجىپمۇ ئەمەس بەلكى سۈننەتتۇر. ئىمام ئەھمەدتىنمۇ سۈننەت دېگەن قاراشتا بىر رىۋايەت بار، ئەگەر ئىنسان قەستەن تەرك قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇنى پەرز ياكى ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى ئوچۇق ئەمەس، ئۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدىكى مەسئۇلىيەت يوق بولىدۇ.

    پىقھى ئۆلىمالىرىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ئۇلار كەلتۈرگەن بۇ دەلىلدىن باشقا دەلىل بولمىغاندا سۈننەت دېگەن قاراش كۈچلۈك ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى يىتەكلەش ياكى ۋاجىپلىققا ئېھتىماللىقى بولغان بىر دەلىل بىلەن ئىبادەتنى بىكار قىلىۋېتىش ياكى بۇزىۋېتىش توغرا بولمايدۇ. [شەرھىل مۇمتىئ 3-توم 310-312-بەت].

     مۇشۇ قاراشقا ئاساسەن دۇرۇت-سالام ئوقۇلماي قالسىمۇ ناماز توغرا بولىدۇ.

    ئىككىنچى: جامائەتنى نامازنىڭ ھەممە قائىدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان دەرىجىدە تەراۋېھ نامىزىنى بەك تىز ئوقۇيدىغان بارلىق ئىماملارغا نەسىھەت قىلىش كېرەك.

    ئۆلىمالار: ئىمام نامازنى ئۆزىگە ئەگەشكەن جامائەت نامازنىڭ ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلالىغىدەك دەرىجىدە ئوقۇشى تەلەپ قېلىنىدۇ، جامائەتنى بۇنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان دەرىجىدە بەك تىز ئوقۇشى ياخشى بولمايدۇ دېگەن. 

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىماملارنى نامازنى يەڭگىل ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇلغان ھەدىسلەرنىڭ كۆرىنىشىدىن نامازنى نامازنىڭ سۈننەتلىرى ۋە ناماز ئوقۇشتىن بولغان مەقسەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ھالەتتە يەڭگىل ئوقۇش دېمەكتۇر.

    پىقھى توپلاملىرى 14-توم 243-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "نامازنى يەڭگىل ئوقۇشتىن مەقسەت، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ مۇكەممەل ئوقۇش دېمەكتۇر، يەنى پەرز، ۋاجىپ، سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تەرك قىلىش ئەمەس.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئىماملارنىڭ نامازنى يەڭگىل ئوقۇشى ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن ياخشى ئىشتۇر، ئۇ بولسىمۇ نامازنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنى تەرك قىلماستىن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ مۇكەممەل ئادا قىلىش دېمەكتۇر. يەنە مۇنداق دەيدۇ: نامازنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش شەرتى بىلەن بارلىق ئىماملارنىڭ نامازنى يەڭگىل ئوقۇشىنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمەن. 

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنىي ناملىق ئەسىرى 6-توم 213-بىتىدە مۇنداق دېگەن: "ئىماملارنىڭ قىرائەتنى، تەسبىھنى ۋە تەشەھھۇتنى، كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتقان جامائەتمۇ ئوقۇپ بولالايدىغان مۇددەتتە ئالدىرماي ئوقۇشى ياخشى بولىدۇ، رۇكۇ ۋە سەجدىنىمۇ كەينىدە ناماز ئوقۇۋاتقان ياشانغان، ئاجىز كىشىلەر ئادا قىلىپ بولالايدىغان مىقداردا قىلىش كېرەك، ئەگەر ئىمام بۇنىڭغا رئايە قىلمىسا، جامائەت ئادا قىلالىغىنى بويىچە ئادا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

    پىقھى توپلاملىرى 6-توم 213-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "نامازنى جامائەتنى سۈننەت ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان دەرىجىدە تىز ئوقۇش ياخشى بولمايدۇ، ھېچ بولمىغاندا جامائەت رۇكۇدا ۋە سەجدىدە ئۈچ قېتىمدىن تەسبىھ ئېيتالىغىدەك ۋە ئاخىرقى تەشەھۇدتە سۈننەت بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلالىغىدەك دەرىجىدە ئوقۇش كېرەك. 

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "روزا، زاكات ۋە تەراۋېھ نامىزى توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر" ناملىق رىسالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئىماملارنىڭ ۋە جامائەتنىڭ نامازنى ھەددىدىن زىيادە تىز ئوقۇۋېتىشى سۈننەتكە خىلاپتۇر، بەك تىز ئوقۇپ نامازنىڭ پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەللىرىنى تەرك قىلسا ئوقۇغان نامىزى بىكار يەنى باتىل بولىدۇ.

    نۇرغۇن ئىماملار تەراۋېھ نامىزىنى بەك تىز ئوقۇيدۇ، بۇنداق قىلىش خاتا، چۈنكى ئىمام پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا ناماز ئوقۇمايدۇ بەلكى ئۆزى ۋە باشقا جامائەتلەر ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدۇ، ئۇ خاتا ئىشلارنى تۈزىتىدىغان ئىسلاھاتچىغا ئوخشاشتۇر، ئۆلىمالار ئىماملارنىڭ جامائەتنى ۋاجىپ بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان دەرىجىدە نامازنى تىز ئوقۇشى ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېگەن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى