يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر قىزغا توي تەكلىپى قويغۇچى، قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يېشىنى دېمىسىمۇ بولامدۇ؟

387475

تارقاتقان ۋاقىت : 11-09-2023

كۆرگۈچىلەر : 419

سۇئال

مەن ئۆزۈمدىن خىلى بەك كېچىك بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مېنىڭ ھەقىقى يېشىمنى دېمەسلىككە كېلىشتۇق، مېنىڭ يېشىمدىن ئاز بولغاندا ئون ياشنى يوشىرىمىز، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرىمۇ ياكى  يالغانچىلىق بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ۋە ئىلمىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن، قىسقا ۋاقىتتا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى بىز ھۆكۈمگە كۆرە مۇناسىپ بىر يول تۇتىلى دېگەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەكسىزكى ئاللاھ تائالا يالغانچىلىقنى ھارام قىلدى، مۇئ‍مىنگە ھەر ۋاقىت راستچىللىق ۋە سەمىمىلىكنى ۋاجىپ قىلدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يالغانچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ بارىدىغان جايىنىڭ جەھەننەم بولىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. بۇ توغرىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، ھەقىقەتەن يالغانچىلىق ئىنسانى پىسقى-پۈجۈرغا باشلايدۇ، پىسقى-پۈجۈر ئىنساننى دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ، بىر كىشى دائىم يالغان سۆزلەيدىكەن ۋە يالغاننى تاللاپ سۆزلەيدىكەن، ھەتتا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا يالغانچى دەپ يېزىلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 5743-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2607-ھەدىس].

    ئىككىنچى: توي قىلىشتا شەرت قىلىنغان سۈپەتلەرگە كەلسەك، ئەسلىدە بۇ ئايالنىڭ ھەققىدۇر، چۈنكى بۇ ئىشتا ھەمراھ بولىدىغان كىشى ئايالدۇر، شۇنداقتىمۇ بۇ قىزنىڭ ئىگىلىرىنىڭ بەزى شەرتلەرگە ئارىلىشىشىنى چەكلىمەيدۇ، ئۇلار ياش پەرقىنى ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئارىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ يامان بولۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ قارايدۇ ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپلىرى بولىشى مۇمكىن، ئايال تەرەپ ئىگىلىرىنىڭ قارىشىنىمۇ پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ئايالنىڭ نىكاھىنى ۋەلىسىنىڭ قولىدا قىلدى، ئايال ئۆز ئالدىغا نىكاھىنى قىلدۇرالمايدۇ، چۈنكى ۋەلى نىكاھنىڭ پايدا-زىيانلىرىنى ئايالدىن بەكرەك بىلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتا باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبە ساۋاقلار بار، ۋەلىيگە قىزىغا مۇناسىپ بولغان بىرىنى تاللاش ۋە قىزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىش قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    ۋەلىيىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدىكى ياش پەرقىنىڭ چوڭ بولىشىنى قىزنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن ياكى ئۇنداق قارىماسلىقى مۇمكىن، ئايالنىڭ ئەرنىڭ يېشىغا كۆز يۇمىدىغان باشقا تەرەپلىرى بولىشى مۇمكىن.

ياش پەرقىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق شەھەر، رايۇن ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، بەلكى ئايالنىڭ ئەھۋالى ۋە ياشاۋاتقان مۇھىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەنمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

    ئاندىن يەنە ياشنى يوشۇرۇشنى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك، بەلكى مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئاشكارا بولىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تالاش-تارتىش ۋە سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى  مۆمىنلەر ئارسىنى تالاش-تارتىشقا ئىلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ئىشنى چەكلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ تەرجىمىسى: «مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر» ھۇجۇرات سۈرىسى 10-ئايەت.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! قېرىنداشلاردىن بولۇڭلار» [بۇخارى رىۋايىتى 6064-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2563-ھەدىس].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: توي قىلىش يېشىدا يالغان سۆزلەشمۇ ئوپ-ئوچۇق يالغانچىلىقتۇر. شەرىئەتتە توي قىلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىسە بولىدۇ دەيدىغان بىر دەلىل يوق، سىزگە بارلىق ئىشلىرىڭىزدا يالغانچىلىقنى تەرك قىلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ، ھاياتىڭزنى بۇنداق يالغانچىلىق بىلەن باشلىماڭ، قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلدۈرۈڭ، ئۇلارغا يالغانچىلىق ۋە كۆز بوياشتىن خالى بولغان ئىشنى بىلگەندىن كېيىنكى ئىختىيارنى قالدۇرۇڭ.

    سىز شۇنىڭدىن بۇرۇن ئاللاھقا ئىستىخار قىلىڭ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىگە قايسى ئىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ھەممىدىن بەك بىلگۈچىدۇر. بەندە بۇنى بىلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئاً وَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ وَعَسَى أَنْ تُحِبُّوا شَيْئاً وَهُوَ شَرٌّ لَكُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى)ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر،(شۇنىڭ ئۈچۈن)ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار.» [سۈرە بەقەرە 216-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فعَسَى أَنْ تَكْرَهُوا شَيْئاً وَيَجْعَلَ اللَّهُ فِيهِ خَيْراً كَثِيراً  تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» [سۈرە نسا 19-ئايەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى