پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ مەسچىتتىن چىقىشى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئىتىكاپنى قانداق قىلىشنى بىلىشنى خالايمەن؟. مەن كۈندۈزدە ئىشلەيمەن، چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە ئىشتىن چۈشىمەن، ئېتىكاپقا كىرگەندە مەسچىتتە مۇقىم تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە  بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشى ئىتىكاپنى بۇزۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئېتىكاپ دېگەن ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتە تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەمما چىقىش زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۈچۈن چىقسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ، خۇددى تەرەت سۇندۇرۇش، تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇش، مەسچىتكە يىمەكلىك ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا يىمەكلىك ھازىر قىلىش قاتارلىق مەسچىتتىن چىقىش زۆرۈر بولىدىغان ئىشلار ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھاجىتى ئۈچۈنلا ئۆيگە كىرەتتى.» [بۇخارى رىۋايىتى 2092 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 297 –ھەدىس].

   ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 4 -توم 466-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانىي ھاجەتتىن بولغان مەقسەت: چوڭ-كىچىك تەرەت سۇندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى ھەر بىر ئىنسان ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، يېمەك-ئىچمەكمۇ ئىنسانىي ھاجەتنىڭ قاتارىدىندۇر، ئېتىكاپ قىلغۇچىغا يېمەك ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇ كىشىنىڭ چىقىشى زۆرۈر بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىقىش زۆرۈر بولىدىغان، مەسچىتنىڭ ئىچىدە قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن سىرتقا چىقسا ئۇزۇن تۇرۇپ قالمىسا ئېتىكاپ بۇزۇلمايدۇ.

   ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ئېتىكاپ قىلىۋاتقان مەسچىتتىن چىقىشى ئىتىكاپنى بۇزىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ كېسەل يوقلىشى، چاقىرغان جايلارغا بېرىشى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشى، جىنازىگە ئەگىشىپ قەبرىستانلىققا بېرىشى ياكى خىزمەتكە بېرىشى قاتارلىقلار ئىتىكاپنى بۇزامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " سۈننەت بويىچە ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلىش جەريانىدا كېسەل يوقلىمايدۇ، چاقىرغان جايلارغا بارمايدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا چىقمايدۇ، جىنازە نامىزىغا قاتناشمايدۇ، مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى خىزمەت-ئىش ئورۇنلىرىغا بارمايدۇ، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «سۈننەت بويىچە ئېتىكاپ قىلغۇچى كېسەل يوقلىمايدۇ، جىنازىگە قاتناشمايدۇ، ئاياللىرىنى سىلىمايدۇ ۋە قۇچاقلاشمايدۇ، زۆرۈر بولغان ھاجىتىدىن سىرت مەسچىتتىن چىقمايدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى  2473 –ھەدىس].

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10 -توم 410-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى