شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

كىرانى مەن بېرىمەن دەپ قەسەم قىلىپ، كېيىن كىرانى ھەمراھى بەرگەن بولسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن بىر خوشنام بىلەن كىرا ماشىنىسىغا چىقتىم، ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ كىرانى مەن بېرىمەن دېدىم، ئەپسۇس كىرا بېرىدىغان ۋاقىتتا جىم تۇرۇپ قالدىم، كىرانى خوشنام بەردى، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، قەسەمگە كاپارەت بېرىمەنمۇ ياكى ئۇنىڭغا كىراغا بەرگەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىمەنمۇ؟، مۇشۇنداق قىلسام ماڭا كاپارەت كەلمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    كەلگۈسىدە بىر ئىشنى چوقۇم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلىپ ئۇ ئىشنى قىلمىسا ئۇ كىشىگە قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بىر ئىشنى قىلىمەن دەپ قەسەم قىلىپ ئۇ ئىشنى قىلمىغان بولسا ياكى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ ئۇ ئىشنى قىلغان بولسا، بۇ كىشىگە كاپارەت كېلىدۇ، بۇ مەسىلىدە بارلىق پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ:" مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كاپارەت بېرىشكە بىرلىككە كەلگەن قەسەم دېگەن كەلگۈسىدە بىر ئىشنى قىلىمەن دەپ قىلغان قەسەمدۇر". ["ئەلمۇغنى" 13-توم 445-بەت].

    دائىمىي كومىتېت ئالىملىرىدىن: كېچىدە ئۆيگە مېھمان كەلدى، مېنىڭ مال بوغۇزلايمەن دېگەن قەسىمىمنى بىكار قىلىۋەتتى، ئۇ بولسىمۇ مەن ئۇ كىشى ئۈچۈن مال بوغۇزلىمايمەن دېگەن قەسەم ئېدى، مېھمىنىم ماڭا مۇنداق دېدى: سەن مېنى ئاللاھ رازىلىقىدىكى مېھمىنىڭ كۆرسەڭ مال ئۈچۈن مال بوغۇزلىمىغىن دېدى، مەن ئورنۇمدا تۇرۇپ ئىستىخار قىلدىم، مەن ئۇنىڭ دوستلىقىنى ئۇزۇپ قويۇشتىن ئەنسىردىم، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ ماڭا يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: " ئىش سىز زىكىر قىلغاندەك بولسا، سىز قەسەمنىڭ كاپارىتىگە كاپارەت بېرىڭ، ئۇ بولسىمۇ: مۆمىن قۇلدىن بىرنى ئازاد قىلىش ياكى ئون مىسكىنگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ئەگەر ئۇنى تاپالمىسىڭىز ئۈچ كۈن روزا تۇتىسىز. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‏لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر.» [سۈرە مائىدە 89 -ئايەت.] ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى بولسۇن.   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى تەشۋىقات ۋە پەتىۋا كومىتېتى. "شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز... شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي.. شەيخ ئابدۇللاھ بىن غۇدەييان. [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 23 -توم 73 بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:  مەن بىر قانچە دوستلىرىم بىلەن تاماقخانىدا ئولتۇراتتۇق، تاماق ھېسابىنى مەن قىلماقچى ئېدىم، دوستلاردىن بىرى ھېسابنى ئۆتىمەكچى بولغان ئىدى، مەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ، ھېسابنى مەن ئۆتەيمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم سەن ئۆتىمىگىن دېدىم، لېكىن ئۇ سۆزۈمگە پەرۋا قىلماي ھېسابنى ئۆتىۋەتتى، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، مېنىڭ قىلغىنىم قەسەم بولامدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپارەت كىلەمدۇ؟دەپ سورىغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: بىرىنچى:  مەن مۇشۇ سوئال سورىغۇچى ۋە باشقىلارغا نەسىھەت قىلىمەنكى، باشقىلارغا بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىققا قەسەم قىلماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇنداق قەسەمدە، ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەسەم قىلغان كىشىگە قىيىنچىلىق بولىدۇ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق بولىشى: مۇشۇ قەسەم قىلىنغۇچى ئۇنىڭ خىلاپىنى قىلسا قارشى تەرەپكە كاپارەت كېلىدۇ، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قىيىنچىلىق بولىشى: ئۈستىگە قەسەم قىلىنغان كىشى بۇ ئىشنى قىيىنچىلىق بىلەن قىلىدۇ، بەزى ۋاقىتتا قىيىنچىلىق بىلەن بىرگە زەرەرمۇ بولىدۇ، بۇ قەسەم قىلغان كىشىنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان سۆزى بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىنمۇ قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بولىدۇ.

    ئەمما كاپارەتكە كەلسەك: ئىنسان بىر ئىشنى ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ قىلىشىغا ياكى قىلماسلىقىغا قەسەم قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ كىشى قەسىمىگە خالاشنى يەنى ئاللاھنىڭ خالىشىنى جۇپلايدۇ، يەنى:ئاللاھ بىلەن قەسەم، ئەگەر ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشنى ئەلۋەتتە قىلىمەن، ياكى مۇنداق ئىشنى قىلىمەن دېگەنگە ئوخشاش، ياكى ئاللاھنىڭ خالىشىنى بىرگە كەلتۈرمەيدۇ.

ئەگەر قەسىمىگە ئاللاھنىڭ خالىشىنى بىرگە كەلتۈرسە گەرچە ئۇنىڭغا قەسەم قىلىنغۇچى خىلاپلىق قىلسىمۇ ئۇ قەسەم بۇزۇلمايدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ.

ئەگەر ئاللاھنىڭ خالىشىنى بىرگە كەلتۈرمىسە، قىلىشقا قەسەم قىلغان نەرسىنى قىلمىسا ياكى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان ئىشنى قىلسا قەسەم بۇزىلىدۇ.

    ئىنسان بىر ئىشقا قەسەم قىلغاندا، ئۇ ئىشنى ئۆزى قىلسۇن ياكى باشقىلار قىلسۇن: ئاللاھ خالىسا دېيىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ خالىسا دېگەن سۆزدە ئىككى چوڭ پايدا بار: ئىككىنىڭ بىرى: ئاشۇ سەۋەب بۇ قەسەم قىلىنغان نەرسىنى يەڭگىللىتىدۇ، ئىككىنچىسى: ئەگەر ئۇ كىشى قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىشنى قىلماسلىق بىلەن قەسىمىنى بۇزغان بولسا ياكى قىلمايمەن دېگەن ئىشنى قىلىش بىلەن قەسىمىنى بۇزغان بولسا ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ.

    ئەمدى سوئال سورىغۇچىنىڭ سوئالىغا ئالاقىدار بولغان: دوستىغا تاماقنىڭ ھېسابىنى قىلمايسەن دەپ، دوستى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ھېسابنى قىلىۋەتكەندە  قىلغان قەسىمىگە  قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ، چۈنكى دوستى ئۇنىڭ قەسىمىنى ئورۇندىمىدى". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" 11-توم 256-257-بەت].

    ئەمما سىزنىڭ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ تۆلىگەن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشىڭىز سىز ئادا قىلىدىغان قەسەمنىڭ كاپارىتىنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاجىبلىقى قەسەمنى بۇزۇش ۋە سىز قەسەم قىلغان ئىشنى قىلماسلىق  بىلەن سىزنىڭ زىممىڭىزدە بېكىتىلىپ بولدى. قەسەمنىڭ كاپارىتىنىڭ تەپسىلاتىنى 45676 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار