دۇشەنبە 28 رامىزان 1442 - 10 ماي 2021
Uygur

روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغاندا ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرى

سۇئال

رامزاندا روزىدارلارنى ئىپتار قىلدۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز،  مېنىڭ سىلەردىن سورايدىغان سوئالىم: قايسى روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىمىز؟ ئىپتار قىلىدىغانغا بىر نەرسە تاپالمىغان كىشىنىمۇ؟ياكى يولۇچى-مۇساپىرلارنىمۇ؟ ياكى قانداق كىشى بولسا، گەرچە باي بولسىمۇ ئىپتار قىلدۇرىمىزمۇ؟، مېنىڭ بۇ سوئالنى سوراشتىكى مەقسىتىم: بىز ئامېرىكىدا ياشايمىز، بۇ يەردە ياشايدىغان مۇسۇلمان مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالى ياخشى، ھەقىقەتەن ئۇلار كۆز-كۆز قىلىش ۋە پەخىرلىنىش يۈزىسىدىن بىر-بىرىنى چاقىرىشىپ ئىپتار قىلدۇرىۋاتىدۇ-ئەمەلىيەت شۇنى ئىپادىلەيدۇ-يەنى پالانى پالانىدىن بەكراق مېھمان دوستلۇق قىلدى، پالانى خېنىم تاماقنى پالانى خېنىمدىن بەك ياخشى تەييارلايدىكەن دېگەندەك...

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتىدۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغىچىغا روزىدارغا ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، روزىدارنىڭ ئەجىر-ساۋابىدىنمۇ ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 708 -ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ، "تەرغىب ۋە تەرھىب"نىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1078-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12598 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەر قانداق روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغۇچى مۇشۇ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، بۇنىڭدا روزىدارنىڭ پەقىر-مىسكىن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ سەدىقە بابىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەدىيە-سوغات بابىدىندۇر، ھەدىيە-سوغاتتا، بۇنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ پەقىر-مىسكىن بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى ھەدىيە-سوغاتنى قوبۇل قىلىش  بايغىمۇ ۋە كەمبەغەلگىمۇ دۇرۇس بولىدۇ.

    بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىش ۋە پەخىرلىنىش مەقسىتىدە دەۋەت قىلىش ۋە چاقىرىشلار ئالقىشلانمايدىغان، ساھىبىغا ساۋاپ بېرىلمەيدىغان ئىش بولۇپ، بۇنداق مەقسەتتە ئىش قىلغۇچىلار ئۆزىدىن كۆپ ياخشىلىقنى چەكلەپ قويىدۇ.

    مۇشۇنداق دەۋەت-چاقىرىقلارغا چاقىرىلغان كىشىنىڭ بۇنداق سورۇنغا ھازىر بولىشى ۋە قاتنىشىشى لايىق بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىگە ئۈزۈر بولىدۇ، ئاندىن دەۋەت ساھىبىغا گۈزەل شەكىلدە، قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان دەرىجىدە نەسىھەت قىلىش، بىۋاستە سۆز قىلىشتىن يىراق بولۇش، سۆزنى بىۋاستە بىر كىشىگە قاراتماي، بەلكى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئومۇمنى ئىپادىلەپ نەسىھەت قىلىش كېرەك.

    گۈزەل شەكىلدە، چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىش، قوپال ئۇسلۇب، ناچار سۆزلەردىن يىراق بولۇش بولسا، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر، مۇسۇلمان كىشى ئۆز قېرىندىشىنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا ھېرىسمەن بولىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق قىلاتتى، بەزى ساھابىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنكار قىلىدىغان ئىشلارنى قىلسىمۇ، لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى بىۋاستە ئىنكار قىلمايتتى، بەلكى «كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار مۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئومۇمغا سۆز قىلاتتى. مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن تەلەپ قىلىنغاندا مەنپەئەت ھاسىل بولىدۇ.

  ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى