پەيشەنبە 8 زۇل ھەججە 1443 - 7 ئىيۇل 2022
Uygur

كاپىر مۇسۇلمان بولۇپمۇ گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇنىڭ ئىسلامى توغرا بولامدۇ؟

372709

تارقاتقان ۋاقىت : 20-12-2021

كۆرگۈچىلەر : 370

سۇئال

    بىر كىشى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلىپ يەنە بىر گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، بىز ئۇ كىشىنىڭ تەۋبىسى توغرا بولىدۇ ياكى تەۋبە قىلغان گۇناھدىن باشقىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا توغرا بولىدۇ، بولمىسا توغرا بولمايدۇ دەيمىز، مۇشۇ ئىختىلاپقا ئوخشاش: كاپىر، مۇرتەد مۇسۇلمان بولسا، گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ ئىسلامى توغرا بولامدۇ؟ بۇ سۇئالغا تىزدىن جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز چۈنكى بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇنىڭدىن چوڭ بىر قىيىنچىلىق بار؟.

قىسقىچە جاۋاپ

كاپىر، مۇرتەد مۇسۇلمان بولۇپمۇ گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىسىمۇ ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئىسلامى توغرا بولىدۇ، مۇسۇلمان بولۇش بىلەن تەۋبە قىلمىغان گۇناھلىرىمۇ كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېگەن سوئالغا، ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار، بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندە بېرىلىدىغان جاۋاپتىن كۆرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىنسان بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلىپ يەنە بىر گۇناھنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، توغرا قاراشتا تەۋبە قىلغان گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تەۋبە قىلمىغان گۇناھى بولسا ئۆز ھالىدا قالىدۇ، ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بىلەن ئۇ تەۋبىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

    بۇ توغرىدا (بىر گۇناھغا تەۋبە قىلىپ، يەنە بىر گۇناھنى داۋاملاشتۇرسا قىلغان تەۋبىسى توغرا بولامدۇ؟) دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    كاپىر، مۇرتەد مۇسۇلمان بولسا، گۇناھ-مەسىيەتنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىسىمۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى بىلەن ئىسلامى توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن تەۋبە قىلمىغان گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟، بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بار.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىختىلاپنى ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى بىلەن خۇلاسىلايدۇ:

   ئىككىنچى قائىدە: "بىر كىشىنىڭ بىر قانچە گۇناھى بولسا بەزىسىگە تەۋبە قىلىپ، بەزىسىگە تەۋبە قىلمىغان بولسا، پەقەت تەۋبە قىلغان گۇناھنىڭ كەچۈرۈم بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەمما تەۋبە قىلمىغان گۇناھى بولسا تەۋبە قىلمىغان ھالەتتە قالىدۇ، بۇ تەۋبە قىلغان گۇناھىنىڭ ھۆكمىگە كىرمەيدۇ.

   بۇ ئىختىلاپتا مېنىڭ بىلگىنىم، پەقەت كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ئۇنىڭ ئىسلامى كۇپىردىن بولغان تەۋبىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. يەنى ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن كاپىرلىق ھاياتىدىكى ئىشلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

    بۇنىڭدا مەشھۇر بولغان ئىككى قاراش بار، بىرى، ئۇنىڭ بارلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئىسلام مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىرىنى بىكار قىلىدۇ» دېگەن سۆزىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

   يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوا إِن يَنتَهُوا يُغْفَرْ لَهُم مَّا قَدْ سَلَفَ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۇھەممەد! كاپىرلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن، پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانسا، ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ» [سۈرە ئەنپال 38-ئايەت].

    ئىككىنچى قاراش: ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن پەقەت تەۋبە قىلغان گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئۇ مۇسۇلمان بولۇپمۇ كۇپرىدىن باشقا چوڭ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ھۆكمى بۇ مەسىلە باشقا چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچىغا ئوخشاشتۇر.

    بۇ سۆزنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر:

    ھەكىم ئىبنى ھىزام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەمەللىرىمىز سەۋەبىدىن جازالىنامدۇق؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامى گۈزەل بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتالىقلىرى بىلەن جازالانمايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامى گۈزەل بولمىسا، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى بىلەن قېتىپ جازالىنىدۇ».

    بۇ ھەدىس كاپىر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامى گۈزەل بولسا، ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتالىقلاردىن ھېساب ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ئىسلامى گۈزەل بولمىسا، خاتالىقلىرىغا تەۋبە قىلمىسا، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ['چوڭ پەتىۋالار توپلىمى" 5-توم 278-بەت].

    ھەر ئىككى قاراش، ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى، ئىسلام كۇپىرنى يوق قىلىدۇ، ئەمما مۇسۇلمان بولۇش سەۋەبىدىن تەۋبە قىلمىغان گۇناھلىرىمۇ كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ ھاسىل بولدى.

    ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: يەھۇدىي ياكى خرىستىيان مۇسۇلمان بولسا، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدە قالامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئەگەر تىلى ۋە دىلى بىلەن مۇسۇلمان بولسا، ھېچ ئىختىلاپسىز مۇسۇلمان بولغانلىقى بىلەن تەۋبە قىلغان گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئەمما تەۋبە قىلمىغان گۇناھلىرى بولسا مەسىلەن: گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان بولسا ياكى زۇلۇم قىلغان، پاھىشە قىلغان بولسا، مۇسۇلمان بولۇش بىلەن بۇنىڭدىن تەۋبە قىلمىغان بولسا، بەزى ئۆلىمالار: مۇسۇلمان بولىشى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دېدى.

   توغرا قاراش: ئۇ ئادەمنىڭ تەۋبە قىلغان گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: بىز مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەمەللىرىمىز سەۋەبىدىن جازالىنامدۇق؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامى گۈزەل بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتالىقلىرى بىلەن جازالانمايدۇ، ئەمما مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئىسلامى گۈزەل بولمىسا، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى بىلەن قېتىپ جازالىنىدۇ» دېگەن.

    ئىسلامى گۈزەل بولۇش دېگەنلىك، ئاللاھ بۇيرىغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش دېمەكتۇر. بۇ ئومۇمى ئىشلاردىن تەۋبە قىلىشنىڭ مەنىسىدۇر، مۇشۇ شەكىلدە مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ ھەممە گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 11-توم 701-بەت].

    ھاراقنى ياخشى كۆرىدىغان كاپىر مۇسۇلمان بولسا، ھاراق ئېچىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ ئىسلامى توغرا بولىدۇ، مۇسۇلمان بولۇپمۇ ھاراق ئىچكەنلىكى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئىختىلاپنىڭ ئورنىدۇر.        

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى