جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

مۇزتەلىپىگە قايتىشتا ۋە مۇزتەلىپىدە يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار

سۇئال

بىز مۇزتەلىپىگە مېڭىش جەريانىدا ساقلىنىشقا تىگىشلىك بولغان خاتالىقلار قايسى؟، بۇ ھەقتە بىزگە نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھاجىلارنىڭ ئەرەپاتتىن مۇزتەلىپىگە قايتىش جەريانىدا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

بىرىنچى: ھاجىلار ئەرەپاتتىن مۇزتەلىپىگە قايتقان ۋاقىتتا بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ قىستاڭچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش. ماشىنىنى تىز ھەيدەش سەۋەبىدىن قاتناش ۋەقەسىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە سەۋەبچى بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتىن قايتقاندا ئالدىرىماي، تۆگىسىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ تۇرۇپ ئاستا مېڭىپ، كىشىلەرگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ: ئى ئىنسانلار! ئالدىرىماي مېڭىڭلار دېگەن، شۇنداقتىمۇ بوش، ئازادە جايلارغا كەلگەندە ئىتتىك ماڭغان، ئۈستۈن-دۆڭلۈككە كەلگەندە تۆگىنىڭ راھەت مېڭىشى ئۈچۈن چۇلۋۇرىنى قويۇۋەتكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قايتىشتا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن،لېكىن تىز مېڭىش ياخشىمۇ ياكى ئالدىرىماي مېڭىش ياخشىمۇ دېگەن مەسىلىدە، ئالدىرىماي مېڭىش ئەۋزەل بولىدۇ.

ئىككىنچى: بەزى ھاجىلار بامدات نامىزىنى ئوقۇشتىن سەل بۇرۇنلا مۇزتەلىپىگە يېتىپ كېلىدۇ، بولۇپمۇ پىيادە كەلگەنلەر ھېرىپ-چارچاپ، بامداتتىن سەل بۇرۇنلا مۇزتەلىپىگە يېتىپ كېلىدۇ. بىر ئاز تۇرۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپلا مىناغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشىلەر مۇزتەلىپىدە قونۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بولغان بىر ئىشنى يوقۇتۇپ قويغان بولىدۇ. بۇ بەك خەتەرلىك ئىش. چۈنكى بەزى ئالىملار مۇزتەلىپىدە قونۇشنى ھەجنىڭ ئەركانلىرىدىن بىرى يەنى پەرز ئەمەللەردىن دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئالىملار سۈننەت دەپ قارايدۇ. توغرا قاراشتا، مۇزتەلىپىدە قونۇش ھەجنىڭ ۋاجىپلىرىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاجىلارنىڭ مۇزتەلىپىدە قونۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ھەج قىلغۇچى شەرىئەتتە مۇزتەلىپىدىن قاچان قايتسا بولىدۇ دېگەن بولسا شۇ ۋاقىتتا قايتىش كېرەك. بۇنى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىمىز.

ئۈچىنچى: بەزى ھاجىلارئادەتتە مۇزتەلىپىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن شام نامىزى بىلەن خۇپتەننى يولدا ئوقۇيدۇ، بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولدا توختاپ تەرەت سۇندۇرۇپ، تەرەت ئالغاندا، ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ناماز ئوقۇيمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «نامازنى ئالدىڭدا (يەنى مۇزتەلىپىدە) ئوقۇيمىز،» دېگەن. بۇخارى رېۋايىتى 1669-ھەدىس. مۇسلىم رېۋايىتى 1280- ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇزتەلىپىگە يېتىپ كەلگىچە قەدەر ناماز ئوقۇمىغان، خۇپتەن ۋاقتى بولغاندىن كېيىن مۇزتەلىپىگە يېتىپ كېلىپ، شام بىلەن خۇپتەننى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىرگە ئوقۇغان.

تۆتىنچى: بەزى ھاجىلار شام بىلەن خۇپتەننى مۇزتەلىپىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇيمىز دەپ يولدا خۇپتەننىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش دىنىمىزدا چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكمى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿إِنَّ الصَّلَاةَ كَانَتْ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ كِتَابًا مَّوْقُوتًا﴾ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ناماز مۆمىنلەرگە ۋاقتى بەلگىلەنگەن پەرز قىلىندى. [سۈرە نىسا 103-ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنىڭ ۋاقتىنى ۋەھيىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەلگىلەپ بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّـهِ فَأُولَـٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر. [سۈرە بەقەرە 229-ئايەت]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّـهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. [سۈرە بەقەرە 229-ئايەت].

ھاجىلار مۇزتەلىپىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى چېقىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يولدا نامازنى ئوقۇپ كېلىدۇ. پىيادە كېلىۋاتقانلار توختاپ ئوقۇيدۇ. ماشىنىدا كېلىۋاتقانلار يەرگە چۈشۈپ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا، ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَاتَّقُوا اللَّـهَ مَا اسْتَطَعْتُمْتەرجىمىسى: تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

نامازنى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئوقۇش مۇمكىن ئەمەس دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتىن بەك يىراق، چۈنكى ھاجىلارنىڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولسۇن ياكى سول تەرىپىدە بولسۇن ناماز ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

ھەرقانداق ھالەتتە بولسۇن، ھېچ بىر كىشىنىڭ خۇپتەننىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتكۈچە، شام بىلەن خۇپتەننى ئوقۇماي سۈننەت بويىچە مۇزتەلىپىگە كېلىپ ئوقۇيمەن دەپ كېچىكتۈرۈۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. نامازنى ۋاقتىدىن ئۆتكۈزۈۋېتىش سۈننەتكە خىلاپ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شام بىلەن خۇپتەننى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇغان بولسىمۇ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇغان.

بەشىنچى: بەزى ھاجىلار بامدات نامىزىنى ۋاقتىدىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ، نامازنى ئوقۇپلا مىناغا ماڭىدۇ، بۇ زور خاتالىق. چۈنكى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ. بەلكى بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق بولىدۇ. شەرىئەت پرىنسىپى بىلەن نامازنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرىقى ۋاقتى بېكىتىلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن بۇرۇن ياكى كېچىكتۈرۈپ ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ.

ھاجىلار بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، بامدات نامىزىنى بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىگە تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ياكى ۋاقتى كىردى دەپ كۈچلۈك قاراشتا بولغاندىن كېيىن ئوقۇش كېرەك. توغرا مۇزتەلىپىدە بامدات نامىزىغا ئالدىراش كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئالدىرىغان، لېكىن بۇنىڭدىن نامازنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇش كېرەك دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، ھاجىلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم.

ئالتىنچى: بەزى ھاجىلار مۇزتەلىپىدە ئازراقمۇ تۇرماستىن كېتىپ قالىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ئەرەپاتتىن قايتىپ توختىماستىن مۇزتەلىپىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، ئۇلار بۇ يەردە تۇرمىساقمۇ، ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ چوڭ خاتالىق، چۈنكى مۇزتەلىپىدىن ئۆتۈپ كېتىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكى سۈننەت بويىچە ھاجىلار بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر مۇزتەلىپىدە قالىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مەشئەرىل ھەرامغا كېلىپ ئەتراپ تولۇق يورۇغىچە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مىناغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. (ئەتراپ تولۇق يورۇغىچە دېگەنلىك، كۈن چېقىشتىن ئىلگىرىكى يورۇقلۇق دېگەنلىكتۇر). پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاجىز-ياشانغانلارنىڭ مۇزتەلىپىدىن يېرىم كېچىدىن ئاشقاندامىناغا قايتىشقا رۇخسەت قىلغان. ئەسما بىنتى ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇزتەلىپىدە ئاينىڭ ئولتۇرۇشىنى كۈتەتتى، ئاي ئولتۇرغاندا مۇزتەلىپىدىن مىناغا كېتەتتى.

ئاي ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇزتەلىپىدىن قايتىش بولسا، ئېنىق بەلگىلىمە، چۈنكى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەھلىدىكى ئاجىز-ياشانغانلارنىڭ قايتىشىغا بۇ ۋاقىتتا رۇخسەت قىلغان. كېيىن ساھابە كىراملار ئۇنىڭغا ئوخشاش يول تۇتقان. ساھابىلارنىڭ قىلغان ئىشى بەزى ۋاقىتتا سۈننەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەجگە مەسئۇل بولغانلار ئاجىز-ياشانغانلارنىڭ قىستاڭچىلىقتا قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مۇزتەلىپىدىن قايتىش ۋاقتىنى بېكىتىپ، بۇ ۋاقىتنى ئاينىڭ ئولتۇرغان ۋاقتى بىلەن ئالاقىدار قېلىشى كېرەك. زۇلھەججىنىڭ 10-كۈنى ئاينىڭ يېرىم كېچىدىن كېيىن ئولتۇرۇشى ئېنىق، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇزتەلىپىدىن قايتىش ۋاقتى كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۆتكەندە بولىدۇ.

يەتتىنچى: بەزى ھاجىلار مۇزتەلىپىدە ئۇخلىماستىن ئىبادەت قىلىمىز دەپ كېچىنى قۇرئان تىلاۋەت قېلىش، زىكىر ئېيتىش ۋە ناماز ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، بۇ سۈننەتكە خىلاپ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كېچىدە ئاللاھ تائالاغا بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلمىغان، بەلكى سەھىھ مۇسلىمدا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇپتەننى ئوقۇپ بولۇپ، سۇبھىي يورۇغىچە ئارام ئالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن بامداتنى ئوقۇغان. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بويىچە، ئۇ كېچىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، زىكىر ئېيتىش، تەسبىھ ئېيتىش ۋە تەھەججۇت نامىزى ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەتلەر بولمىغان.

سەككىزىنچى: بەزى ھاجىلار مۇزتەلىپىدە كۈن چىققۇچە تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردە ئىشراق ياكى دەسلەپكى چاشكا نامىزىنى ئوقۇپ ئاندىن مىناغا قايتىدۇ، بۇمۇ سۈننەتتە كۆرسىتىلمىگەن ئىشلاردىن. چۈنكى بۇنداق قىلىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىغا خىلاپلىق قېلغانلىق بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارنىڭ قىلمىشىغا ئورتاقلاشقانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇزتەلىپىدىن ئەتراپ تولۇق يورۇپ كۈن چېقىشتىن ئىلگىرى قايتقان، مۇشرىكلار بولسا ساقلاپ تۇرۇپ كۈن چېقىپ بولغاندىن كېيىن قايتقان.

مۇزتەلىپىدە كۈن چېقىپ بولغىچە تۇرۇپ ئىبادەت قىلغان كىشىلەر مۇشرىكلارنى ئۆلگە قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

مەنبە: ["ھەج-ئۆمرە قىلغۇچىلاردىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈش"ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى]