شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

راست ۋە يالغان قەسەم قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان كىشى بۇ قەسەملىرىدىن قانداق كاپارەت بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئەپسۇسكى، كېچىكلىكىمدىن راست-يالغان قەسەم قىلىشقا ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، مۇشۇ يامان ئادەتنى تاشلاشقا كۆپ تىرىشچانلىق قىلدىم، مەن ھازىردىن باشلاپ توغرا يولدا مېڭىش ئىرادىسىگە كەلدىم، مېنىڭ سوئالىم: ئىلگىرى قىلغان قەسەملىرىمنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ھەر بىر قەسەم ئۈچۈن كاپارەت بېرىمەنمۇ؟، لېكىن قىيىن بولغىنى، قىلغان قەسەملىرىمنىڭ راست-يالغانلىرىنى ئايرىيالمايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

كەلگۈسىدە بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، ئۇنى بۇزسىڭىز بۇنىڭدا سىزگە كاپارەت كېلىدۇ.    سىز ئۆتكەن زاماندا بىر ئىشنى قىلغان ياكى قىلمىغانغا قەسەم قىلغان بولسىڭىز، سىز بۇ قەسەمدە يالغانچى بولسىڭىز سىزگە كاپارەت كەلمەيدۇ،    ئاللاھ تائالاغا سەمىمى تەۋبە قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن خاتالىقلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەسەم ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: كۈچكە ئىگە بولىدىغان قەسەم: ئۇ قەسەم قىلغۇچى بىر ئىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قىلىش ئىرادىسىگە كېلىپ قىلغان قەسەم بولۇپ، ئۇ كەلگۈسىدە قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغان بىر ئىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ قەسەمنى بۇزغاندا ئۇنىڭغا كاپارەت بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى بىر ئىشنى قىلىمەن دەپ قەسەم قىلىپ قىلمىغان ياكى قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ قىلغان بولسا ئۇ كىشىگە كاپارەت كېلىدۇ" بۇ مەسىلىدە بارلىق پىقھى ئالىملىرىنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق. ئىبنى ئابدۇلبەر مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپارەت كېلىدىغان قەسەم، ئۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلاردىن بولىدۇ". ["ئەلمۇغنى" 9-توم 390-بەت].

    ئىككىنچى: بىكار قەسەم: ئۇ مەقسەتسىز قىلىنغان قەسەم بولۇپ بۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا كَسَبَتْ قُلُوبُكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٌ تەرجىمىسى: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، قەستەن ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)» [سۈرە بەقەرە 225-ئايەت].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن بۇ ئايەت، كىشىنىڭ "لا ۋاللاھى، ۋە بەلا ۋاللاھى دېگەندەك سۆزلىرى توغرىسىدا نازىل بولغان" [بۇخارى رىۋايىتى4613-ھەدىس].

    كىمكى بىر نەرسىگە قەسەم قىلىپ ئۇنى قەسەم قەلغاندەك ئويلىغان بولسا، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئېنىق بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، كۆپچىلىك ئالىملار بۇنى بىكار قەسەم دەيدۇ.

      ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كىمكى بىر نەرسىگە قەسەم قىلىپ ئۇنى قەسەم قىلغاندەك ئويلىغان بولسا، كېيىن ئۇنداق ئەمەسلىكى ئېنىق بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، ئۇ بىكار قەسەم دەيدۇ. كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قەسەمگە كاپارەت كەلمەيدۇ دەيدۇ. ئىبنى مۇنزىر شۇنداق دېگەن. ئىبنى ئابباس، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەبۇ مالىك، زۇرارە بىن ئەۋپا، ھەسەن بەسەرى، ئىبراھىم نەخەئى، مالىك، ئەبۇ ھەنىپە ۋە سۇپيان سەۋرى قاتارلىق ئالىملاردىن بايان قىلىنغان (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن).

   بۇ بىكار قەسەم دېگەنلەر: مۇجاھىد، سۇلايمان بىن يەسار، ئەۋزائىي، سەۋرىي، ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى. (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن).

    كۆپچىلىك ئالىملار بىكار قەسەمگە كاپارەت كەلمەيدۇ دېگەن. ئىبنى ئابدۇلبەر: مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلگەن دېدى. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ: «مەقسەتسىز ئىچكەن قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ» دېگەن ئايىتى، بىكار قەسەملەردە زىتلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇ ئۇنتۇپ قىلىپ قەسەمنى بۇزغانغا ئوخشايدۇ. ["ئەلمۇغنى" 9-توم 393-بەت].

    ئۈچىنچى: يالغانچىلىق قىلىپ ئۆتكەن ئىشقا قەدەم قىلىش، ئۇ چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھى كاپارەت بېرىشتىن بۈيۈكتۇر.

    مۇشۇ بىلىنگەن ۋاقىتتا، سىزنىڭ توغرا شەكىلدە قەسەم قىلىپ، ئۇنى بۇزغانلىرىڭىزغا كاپارەت كېلىدۇ.

    قەسەمنىڭ سانىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، قارشىڭىزدا قەسەمنىڭ كاپارىتىدىن پاك بولدۇم دېگەن بىر ئىشەنچ بولغانغا قەدەر كاپارەت بەرسىڭىز بولىدۇ.

    مۇشۇ قەسەملەردىن بىر ئىشنى قىلىشقا ياكى تەرك قىلىشقا چېگىلگەنلىرى بولسا، ئۇنىڭغا بىر كاپارەت كېلىدۇ، شۇنىڭدەك، پالانىغا سۆز قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ قەسەمنى بۇزسا ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سۆز قىلمايمەن دەپ قەسەم قىلىپ ئۇنى بۇزسا بۇ ئىككىسىگە بىر كاپارەت كېلىدۇ.

    ئەمما ئۇنىڭ سۆز قىلمايمەن، ئۇنىڭ تامىقىنى يېمەيمەن دەپ قەسەم قىلىپ ئاندىن ئۇ قەسەمنى بۇزسا ئۇنىڭغا ئىككى كاپارەت كېلىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 34730- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى